Windows دىكى ئەڭ قەدىمىي دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە نامى ھەققىدە
[ ئاتالغۇلار ]تۆۋەندىكى بۇ دېتاللارنىڭ ئىسمىنى قانداق ئاتىساق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ مەن بۇلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىسەممۇ، Windows ئىشلىتىۋاتقان بولساڭلار، بىر قاراپلا بىلەلەيسىلەر. بۇ دېتاللار Windows 3.0 دىن باشلاپ ھازىرغىچە مەۋجۇت، ھەتتا كېيىنكى Windows دىمۇ بار. ئۇ 20 يىلدىن ئاشقان پىشقەدەم دېتال (ئۇنىڭ يېشى ھازىر كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقان بەزى بالىلارنىڭ يېشىدىنمۇ چوڭ). شۇڭا، ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىلگىرى سىلەر بۇنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاپ باققان؟
1. NotePad (خەنزۇچە: 记事本)
2. WritePad (خەنزۇچە: 写字板)
3. Paint (خەنزۇچە: 画图)
پىكىرنىڭ بىر يەرگە مەركەزلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەن ھازىرقى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئوتتۇرغا تاشلىماي تۇراي. ناۋادا، تېخىمۇ ياخشى، پاكىتلىق پىكىر بولسا، ئالماشتۇرىلىدۇ، كۆپچىلىككە رەھمەت!
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 39,442 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 05-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:04
- ئالدىنقى يازما :Taskbar (ۋەزىپە بالدىقى)دىكى بىر نەچچە ئاتالغۇ
- كېيىنكى يازما :يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە تىل ئۇسلۇبى
تېخىمۇ كۆپ
208 پارچە باھا يېزىلدى
ئەپسۇس بۇ تىمىنى كىيىنراق كۆرۇپتىمەن،شۇنداق بولسىمۇ ،بىر بۇرادەرنىڭ ئىيتقىنىدەك ئاتالغۇلارنى ئىخچام جىلىپ ئشلەتسەك
مەسلەن:notepad نى خاتىرە
wordpad نى دەپتەر
paint نى سىزغاق
دىگەندەك!
NotePadخاتىرلىگۈچ
WritePad يازما تاختا
Paint رەسسام
مۇشۇ بويىنچە بولسا مۇۋاپىقكەن دەپ قارايمەن.
. NotePad – پۈتۈك دەپتەر
2. wordpad – كاتىپ دەپتەر
3. Paint – بوياق تاختا
رەھمەت، پىكىر ئېلىش تاماملانغان ئىدى، Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ تارقىتىلدى.
1. NotePad – پۈتۈكچى
2. wordpad – كاتىپ
3. Paint – رەسسام
ياكى
1. NotePad – پۈتۈكچى
2. wordpad – خەتتات
3. Paint – بوياقچى
1 . دەپتەر
2 . خاتىرە
3 . رەسىمچى
写字板 خەت تاختا
1. NotePad خاتىرە دەپتەر (بازارلاردا ساتىدۇ، يانچۇققا سېلىپ مۇھىم ئىشلارنى خاتىرلەيمىز.)
2. Writepad خەت يازغۇچ مۇۋاپىق ئەمەس( يېزىق تەھرىرى . ئەلۋەتتەMicrosoft Office نى بىلمەيدىغانلار ياكى قاچىلىمىغانلار مۇشۇنى ئىشلىتىدۇ-دە.)
3. Paint رەسىم سىز غۇچ __ چۈشۈنۈشلۈك بۇلىدىكەن.
Windows 9 دا ئويلىشارسىز.
مېنڭچە :
记事本:: خاتىرە، پۈتۈك
写字板: : مەشىق دەپتەر ،يازغۇ ،چورنۋاي.
画图: :سىزىما
تەرجىمە پۈتۈپ بولدى، ئەمدى بۇنى Windows 9 دا ئويلىشارمىز، رەھمەت سىزگە
ئەمدى 画图 توغرىسىدا گەپ قىلاي .(ئىنكاس يازدۇرۇپ پىكىر ئالىمەن دىگەن گەپكە تويۇپ كەتكەنسىز ئالىمكا…lol)
بايا دېگەندەك غۇ ئاتالغۇ ئېغىزغا كەلمەيدۇ ،چ قوشۇپ غۇچ قىلىپ باقساقچۇ؟ سىزغۇچ سىزغۇچ سىزغۇچ…
بوپ قالامدۇ نېمە، 尺子 نى ئەينى ۋاقىتتا سىزغۇچ دەپ تەرجىمە قىلىپتىكەنمىز، ئەمدى 画图 پروگراممىسىنى سىزغۇچ دېسەك بولمايدۇ دەيدىغانلارنىڭ پىكرىچە ، بىر سۆز ئىككى مەنا ئالسا بولمايدۇ.ئەمىسە رەسىم نى قوشساق قانداق بولار، رەسىم سىزغۇچ، بوپ قالىدىكەن، رەسىم سىز دېسەكچۇ؟ ياكى رەسىم سىزىش دېسەكچۇ؟ يېكى رەسىمنى تاشلاپ سىز ، سىزىش دېسەكچۇ؟
سىزغۇچ
رەسىم سىزغۇچ
رەسىم سىز
رەسىم سىزىش
سىز
سىزىش
بالاڭلار بولسا تاللىغۇزۇپ بېقىڭلار.
يەنە بىرسى مۇشۇ غۇ دىگەن ئاتالغۇ ئېغىز تىلىدا ئومۇملىشالمىدى، سەۋەبى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملاردا و ۇ ۆ ۈ بىلەن ئاياقلىشىدىغان ئىسىملار ئاز ، ئىسىملار ئاساسەن ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن يا بولمىسا ا ە بىلەن ئاياقلىشىدۇ. شۇڭا غۇ دىگەندىن چ نى قوشۇپ غۇچ قىلىۋەتسەك تىلغا ئاسان كېلىدۇ،مەسىلەن ياپقۇچ ،قىرغۇچ،يۇغۇچ، يەنە بىرسى ق بىلەن ئاياقلاشقان سۆزلەرمۇ تىلغا ئاسان كېلىدۇ،مەسىلەن ئىلغاق، ياماق، شۇڭا ئالىم ئەھەت ئاكىمىز بولسا مۇشۇ توغرىسىدا بىر ئىستاتىستىكا ئېلىپ بارسا بولاتتى، يەنى ياسالما سۆزلەر نىڭ ياسىلىش شەكلى ۋە سانىنى(ياماق، ئىلغاق تەك تىن نەچچىسى بار، ياپقۇچ ،ئاچقۇچ دىگەندەكتىن نەچچىسى بار قايسىسى ئەڭ جىق دىگەننى ). ھازىر كومپىيوتېر دەۋرى بولغاندىكىن كومپىيوتېردىن پايدىلىنىپ مەلۇم بىر تىلنى ئانالىز قىلىپ يېڭى سۆز ياساشمۇ بىر ئىلىم، كېيىنچە راۋاجلىنىپ كېتەمدۇ تېخى….
ئەڭ ئاددىسى كىر ئالغۇ دىگەن ئاتالغۇ ئۇيغۇرچىدىكى ئەڭ مەغلۇپ بولغان ئاتالغۇ. سەۋەبى ئېغىزغا چۈشۈپ بەرمەيدۇ. توڭلاتقۇ سەل ياخشىراق. 洗衣 دىگەن خەتنى كىر ئال دەپ تەرجىمە قىلغان تەرجىمانلىرىمىز كىرنى قولى بىلەن بىر دىن بىردىن ئالامدۇ ، يا كىرنى پۇلغا ئالامدۇ ئۇنى ئۇقمىدىم، ئەينى ۋاقىتتا شۇ كىرئالغۇنى يېزىدا چوڭ بولغان خەنزۇچە بىلمەيدىغان بىرەر ئايالغا ئىشلەتكۈزۈپ شۇنىڭ ئاغزىدىن سۆز ئالغان بولسا ھازىرغىچە ئومۇملىشىپ بولاتتى…
سۆز ياساشتىكى بولۇپمۇ 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ئادەم ئىشلىتىدىغان سۆزنى ياساش ياكى تەرجىمە قىلىشتىكى يەنە بىر پىرىنسىپ، بىرسى قەتئىي خەنزۇچە ئۇقمايدىغان ئادەمگە شۇنى ئىشلەتكۈزۈپ شۇلارنىڭ ئاغزىدىن تىل ئېلىش، يەنە بىرسى نامزات سۆزلەرنى 8-9 ياشلىق بالىلارغا تاللىغۇزۇش كېرەك، سەۋەبى بالىلار ئادەتتە چوڭلاردەك ئۆزىنى بىر نەرسىگە زورلىمايدۇ، ئاغزىغا قايسى كەلسە شۇنى تاللايدۇ. بالىلارغا ياققان ، ئاغزىغا تېز كەلگەن سۆز ئەلۋەتتە ئەڭ تېز ئومۇملىشىدۇ…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك، قىسقىچە پىكرىمنى بېرىپ ئۆتەي:
记事本 بىز ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان قورال، لېكىن رەتلىك ئەمەس، word تەك رەتلىك كۆرۈنمەيدۇ،
word رەسمىي كىتابتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمدى 写字板 بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر نەرسە، ئادەتتە كىتابنىڭ بىر ۋارىقىغا تەمسىل قىلساق بولىدۇ، ئەمدى ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ 记事本 غا ئىخچام، ئاسان ئۆزلىشىدىغان سۆزنى ئىشلىتىش كېرەك دەپ ئويلايمەن، مەسىلەن دەپتەر،
word نى نېمە دەپ ئېلىشنى دېمىسەكمۇ بولار….
写字板 بەك كۆپ ئىشلىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇرچىدىمۇ سەل ئۇزۇنراق بولغان ئاتالغۇ بىلەن ئالساق بولىدۇ مەسىلەن، چورنىۋاي، مەشىق دەپتەر دىگەندەك…
ئاساسلىق ئىدىيە ، كومپىيوتېردا كۆپ ئىشلىنىدىغان سۆزلەر ۋە دېتاللارنى غەيرى ياسالغان تېخى ئۆزلەشمىگەن ئىسىملار بىلەن ئاتىماي ئەسلى بار بولغان سۆزلەر بىلەن ئاتاش مۇۋاپىق.
يەنە بىرسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈركىي تىل چوڭ ئائىلىسى بىلەن خاسلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، تۈرك تىللىرىدا بىر خىل ئاتالغان ۋە ئەسلى تۈرك تىللىرىغا تەۋە بولغان سۆزلەرنى شۇ بويىچە ئاتاش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا تۈرك تىلىغا ئورتاق بولغان سوز بىلەن ئاتاش كېرەك. يەنە بولمىغاندا تۈرك تىلىدا بار بولغان سۆز ياساش ئۇسۇلى بىلەن ياساش كېرەك.(ئەرەب پارس تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار بىلەن سېلىشتۇرۇلدى.). لېكىن ئۆزىمىزنىڭ ھېسىياتىنى ئاساس قىلىپ قالايمىقان سۆز ياسىساق بولمايدۇ.
画图نى سىزغۇ، 记事本نى پۈتۈك دىسەكچۇ؟دەپتەر دىسەك، مەنچە بولغاندا ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى دەپتەر بىلەن ئوخشاپ قىلىپ، قالايمىقان بوپ كەتكۈدەك!
نىمە بولدى سىلەرگە ؟ بۇ نىمىلا دىگەن بىلەن خەكنىڭ. شۇڭا ئۈز نامى بىلەن ئاتايلى. NotePad:خاتىرە،wordpad:يازخۇچ،Paint :بوياش. گەپ بولسا wikipedia.org