ئالىم ئەھەت بىلوگى بىر ياشقا كىردى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئالىم ئەھەت بىلوگى بىر ياشقا كىردى

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۈگۈن ئالىم ئەھەت بىلوگى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى، بۇ بىر يىلدا، تورداشلارنىڭ يامان ئەمەس باھاسىغا ئېرىشتى، ھەتتا تورداشلار تەرىپىدىن «2010-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 مۇنەۋۋەر بىلوگ» بولۇپ باھالاندى. بىلوگىمنى قوللاپ كەلگەن بارلىق تورداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.

بايا alexa.com دىن تەكشۈرسەم، دۇنيادىكى دەرىجىسى 1,411,378 ئورۇنغا، جۇڭگودىكى دەرىجىسى 137,926 غا ئۆتۈپتۇ. ھالقىلىق سۆز Windows8 ئىكەن. ئەمما، بۇ يەنە بىر جەھەتتىن ماڭا بەلگىلىك روھى بېسىممۇ ئېلىپ كەلدى، چۈنكى، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قىلىۋاتقان ئىشلىرىم كۆپىيىپ كەتتى، ھەتتا ئۆزەمنىڭ ئارام ئېلىش ۋاقتىغىمۇ كېپىل بولالمايمەن، كۈندە 10 نەچچە سائەت كومپيۇتېر ئالدىدا مۈكچىيىپ ئىشلەش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى. ئەسلىدە شىركەتنىڭ مەسئۇلى بولغان كىشى ئۆزى ئاز ئىشلەپ، باشقىلارنى كۆپرەك ئىشلەتسە بولاتتى. ئىشلىرىم كۆپ بولسىمۇ، بىلوگىمغا بىر نەرسىلەرنى يازغۇم كېلىدۇ، بۇ بىر جەھەتتىن يېزىقچىلىق قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرىدۇ، ئەمما، ئاتالغۇ توغرىسىدىكى تېمىلار بەك كۆپىيىپ كەتتى، بەزىلەر بۇنداق تېمىدىن زېرىكىشكە باشلىدى، يەنە بەزىلەر مۇنبەر ئاچساڭ بولمامدۇ؟-دەيدۇ. لېكىن، مېنىڭ ئۇنداق قىلغۇم يوق. شۇڭا، قانداق مەزمۇندا يېزىش توغرىسىدا باشقا تورداشلاردىنمۇ سەمىمىي پىكىر ئېلىپ باقماقچى، سىز ئالىم ئەھەت بىلوگىدا قانداق تېمىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈشنى خالايسىز؟ رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
45 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • مۇبارەك بولسۇن. تېمىلار رەڭدارلىغنىى ساقلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن، ئۇستىدىكى كۈرەش تورداشنىڭ پىكرىنى قوللايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:46
  • مەنغۇ سىزنىڭ ساياھەت خاتىرلىرىڭىزنى ئوقۇشقا قەۋەتلا ئامراق (تەخمىنەن 18 قەۋەتچە)… لېكىن نىمىلا يازسىڭىز بىز ئۈچۈن يىڭى بىر بىلىم ياكى يىڭى ئۇقۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ، شۇڭا ھازىرچە بۇ بلوگدىن زېرىكىپ باقمىدۇق … ئەلۋەتتە زادى دەيسىلەر دىسىڭىز ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ساھەسىنىڭ ھازىرقى ئورنى يەنى دۇنيادىكى – ئاسىيادىكى – ئوتتۇرا ئاسىيادىكى – جۇڭگودىكى – جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى دەرىجىلىرىگە بەكمۇ قىززىقىمەن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:33
  • مەن مۇشۇ ھازىرقى ھالىتىنى ياخشى كۆرىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:29
  • مۇبارەك بولسۇن ئالىم مۇئەللىم !! ئۇزۇن بولدى . شىركەتكىمۇ بارالمىدىم. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن بەك ئالدىراش بولۇپ قالدىم. (شەخسى گەپ سۆزلەرنى ئەسلى ئىنكاسقا يازمىسام بولاتتى، ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشەلمىگىلى شۇڭا ئالدى بىلەن سالامىمنى يوللىدىم).
    مەن ئۆزۈم كومپيوتير ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر بخ . مۇشۇ بلوگنىڭ دائىملىق مىھمىنى. يېڭى تىمىنىڭ چىقىشىنىڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ ئوقۇپ بولساممۇ يەنە شۇ كۈندە بىر قىتىم كىرىپ باغقا كىرىپ سەيلە قىلغاندەك چۆرگىلەپ چىقىمەن. مانا مۇشۇ بىلوگ مەۋھۇم دۇنيارىمدىكى يىشىللىققا پۈركەنگەن گۈللەرگە پورەكلەپ ئېچىلغان بېغىمدۇر. ‹ ئادەمنىڭ ياشاشتىكى قىممىتى ئۇنىڭ نىمىلەرگە ئېرىشكىنىدە ئەمەس ، بەلكى شۇ كىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە نىمىلەرنى ئاتا قىلغىنىدا› مانا بۇ سۆز 20-ئەسىردىكى ئەڭ شۆھرەتلىك فىزىكا ئالىمى ئېنىشتېيىننىڭ سۆزىدۇر. دىمىسۇمۇ ئالىم مۇئەللىم ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتال ئېجادىيەت ۋە تىل يېزىق جەھەتتىكى تەجىربىلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ بىلىملىرىنى ھچقانداق ئىقدىسادىي پايدا مەنپەئەتنى ئويلاشمىغان ئاساستا پۈتۈنلەي مۇشۇ «باغ»قا «كۆچەت»قىلىپ تىكىۋاتىدۇ. ئالدى بىلەن مۇشۇ ئىشلارغا كۆز تەگمەسلىكىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن.
    تەكلىپ – پىكىر : ئەگەر خالىسىلىرى مۇشۇ ساھەدە ئۆزىنىڭ ئېرىشكەن تەجىربە يەكۈنلىرىنى خاتىرلەپ ئېلان قىلىپ باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىپ پىكىرلىشەلەيدىغان كىشلەر بۇ بلوگنى بىلرلىكتە يازسا قانداق بولار دىگەن ئۇمۇتتە. مەسىلەن ئامېرىكىدىكى خوتەنلىك تۇرسۇنجانمۇ ئۆزىنىڭ بلوگىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسلۇبىغا ماس كىلىدىغان ئۇچۇرلارنى تەكلىپلىك بلوگ يازغۇچىلىرىنىڭ قەلىمى ئارقىلىق مەزمۇن كۆپەيتىۋاتىدۇ. ئۆزلىرىمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقسىلىرى قانداق بولار دىگەن خىيالدا بولۇپ مۇشۇ پىكىرنى يېزىپ باقتىم . ئەگەر ياردەمچى قوشۇن كىرەك بولسا مانا مەن بىرىنجى بولۇپ تەييار تۇرىمەن. ھېلىھەم ئېلان قىلىشنى خالىسىلىرى بىر نەچچە كومپىيوتېر ساھەسىدىكى شەخسلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغاق تەرجىمىھالى ۋە بەزى يېڭى تېخى ئېلان قىلىنمىغان ماقالىلەرمۇ بار.
    يەنە بىرسىگە مۇشۇ ئىنكاسنىڭ بەك كۆپ بولۇشى مەلۇم جەھەتتىن سىلىنىڭ ۋاقىتلىرىنى ۋە زىھنىلىرىنى خورىتىدىغان ئامىللار بولۇپ قالارمۇ دىگەن ئەندىشەممۇ بار. . شۇڭا ئىنكاس يازىدىغانلاردىن مۇشۇ بلوگنى ئەخلەت قىلىپ ھىچقانداق پايدىلىنىش قىممىتى يوق سۆزلەرنى قالدۇرمىسا دىگەن ئۇمۇتتە . مەسىلەن بىرسى بىر ئىنكاسنى ھىچقانداق پايدىلىنىش قىممىتى يوق قىلىپ يازغان بولسا ، بىز ھەر بىر زىيارەت قىلغۇچى شۇ ئىنكاسقا كۆز يۈگۈرتىمىز دەپ ۋاقتىمىز ۋە زىھنىمىز سەرپ بولىدىكەن . شۇ بەتتىكى بىكار ئورۇننى ئىگلەپ بەت يۈزىنىڭ ئىسراپچىلىقىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئەگەر : «ياخشى» «مۇبارەك بولسۇن» «ئاجايىپ قالتىس »«ۋوي شۇنداقمۇ …»«مەن كۆرۈپ خۇشال بولدۇم»«رەخمەت جۇمۇ»…. دىگەندەك پەقەت شۇ بىر نەچچە سۆزنى يېزىپ كۆڭلىنى بىلدۈرۈشنى خالايدىغانلارغا ھەر بىر تىمىنىڭ ئاستىغا بىر كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇپ شۇنى باسسا قىتىم سانىنى ھىسابلاپ ماڭىدىغان قىلسا بولارمۇ دىگەن كۆز قاراشلىرىممۇ بار.
    (يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . مەن بۇنى مەلۇم كىشلەرگە قاراتمىلىق قىلىپ يازمىدىم. پەقەت كۆڭلىمدە ئويلىغىنىمنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلساق . چۈنكى گۈللەر ھەرخىللىقى بىلەن گۈزەلدۇر. )

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 18:55
  • ئالىمجان ئاكا بولسا بىلوگىڭىز مۇشۇ خاسلىقىنى ساقلاپ قالسۇن .
    ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا بەركەت ئاتا قىلىسۇن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 18:55
  • بىلوگىڭىزنىڭ بىر يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى مەن يەرلىكلەشتۈرگەن بۇ دېتال بىلەن مۇبارەكلەيمەن،كۆرۈپ پىكىر تەكلىپ بەرگەيسىز.
    بۇگۈن يېڭى نەشرىگە تەرجىمەمنى قوشۇپتۇ.
    چۈشۈرۈش:http://download.tuxfamily.org/notepadplus/6.1/npp.6.1.Installer.exe
    باش بېتى:http://notepad-plus-plus.org/

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 17:02
    • مەنمۇ باشقىلارنىڭ مۇشۇ ساھەدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆرسەم، قەۋەتلا خۇشال بولىمەن، ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ياغسۇن، مەن چوقۇم قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقىمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:44
    • ئالدى بىلەن مەزكۈر بىلوگنىڭ سەرخىل مەزمۇنلۇق ھالىتى بىلەن بىر ياشقا كىرگەنلىكىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن! مۇبارەك بولسۇن! يازمىلار ئۈزۈلمىسۇن!
      ئەمدى ئەفراسىيابتىن سورايدىغان سوئال: سىز بۇ تەھرىرلىگۈچكە ئۇيغۇرچە قوشقانمىدىڭىز؟ ئەجەب كۆرۈنمەيدىغۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى am 00:41
    • شۇنداق قوشقان،بۇنى خەنزۇچە قاچىلاپ، ئاندىن
      界面语言›-首选项‹- 设置-› دىگەن يەردىن تاللىساق بولۇدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى am 08:18
    • بۇنىڭ قاچىلىماي پرېستىن يېشىپ ئىشلىتىدىغان نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ، http://download.tuxfamily.org/notepadplus/6.1/npp.6.1.bin.zip
      ، پرېستىن يېشىپ، ئىجرا قىلغاندىن كېيىن تىل تاللىسىقمۇ بولۇدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 13:53
  • مەنمۇ ھەم ئالدى بىلەن بلوگىڭىزنىڭ 1 ياشقا كىرگىنىنى مۇبارەكلەيمەن. ئاندىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقى توغرىسىدىكى يازمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 16:37
  • مۇبارەك بولسۇن! مېنىڭچە ھازىر ياخشى يېزىلىۋاتىدۇ، خاسلىققا ئىگە بولغىنى ياخشى. تېخىمۇ ياخشى چىقىشىغا تىلەكداشمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:27
  • مېنڭچە تۇرمۇشتا يولۇققان سىزنى ئويلاندۇرغان مەنىلىك ، قىزىقارلىق ۋە ئىبرەتلىك تىمىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئوي-پىكرلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ بىلوگىڭىزغا ۋاقتى-ۋاقىتىدا يوللاپ تۇرسىڭىز ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقىمىزنىڭ ئۇچۇر-تېخنىكا ، ئىلىم -مائارىپ ۋە ئىقىتىسادى پائالىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ پات-پات يوللاپ تۇرسىڭىز ئالىم ئەھەت بىلوگى ھازىقىدىنمۇ تېخىمۇ گۈللىنەتتى . مەن سىزنىڭ ئاشخانىدا ، ئۆزبىكىستان خاتىرلىرى ، تىل ئۆگۈنۈشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلى ، ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ماختىغان نەچىنىچى ئاخماق ، ۋە يەنە ئۇيغۇر ئاتالغۇلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلىرىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن . قىسقىسى ئۆزىڭىزگە قېلىپ بەلگىلىۋالماي ، ئەركىن-ئازادە ھالدا ئۆزىڭىز خالىغان تېمىلارنى بىلوگىڭىزغا يېزىۋەرسىڭىز بولىدۇ. بىر تۈردىكى نەرىسىلەرنى يېزىۋەرسىڭىز باشقىلار چۇقۇم زېرىكىپ قالىدۇ . شۇڭا مېنىڭ تەكىلىپىم بىلوگىڭىزنى رەڭدار مول مەزمۇنلۇق قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەيمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 14:56
  • مۇبارەك بولسۇن!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:58
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم بىلوگىڭىزنىڭ بىر يىللىقىا مۇبارەك بولسۇن. (ئىلخەتتە يوللاييا!)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:19
  • مېنىڭچە بۇنى يەنىلا ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ ئوبرازى سۈپىتىدە ماڭغۇزسىڭىز بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:11
  • بىلوگىڭىزنىڭ بىر ياشقا تولغانلىقىنى تەبىرىكلەيمەن!! مەن سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىن كومپېىيۇتىر ساھەسىدىكى يېڭلىقلارنى بىلگۈم كىلىدۇ، ۋە سىزنىڭ نەتىجىلىرىڭىزدىن مەمنۇن بولىمەن….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى am 11:50
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇبارەك بولسۇن ئاۋۋال بلوگىڭىزغا…
    بلوگنىڭ ئارتۇقچىلىقى(ياكى خاسلىقى) ئۆزىنىڭ شەخسىي پىكىر-بايانلىرىنى يوللايدىغان سورۇن. ئەلۋەتتە، سىز بىر تىلشۇناس بولمىسىڭىزمۇ بەزى جەھەتلەردە بىرئاز تەجرىبىلىك بولغاچ، بىر قىسىم ئاتالغۇلار ھەققىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى نورمال ھادىسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانا تىلىمىزنى ساپلاشتۇرۇش ياكى قولايلىقلاشتۇرۇش ھەممىمىزنىڭ باش تارتماس مەجبۇرىيىتى. بلوگىڭىزدىكى ئاشۇ تېمىلاردىن شۇنداقلا بلوگىڭىزغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىن نۇرغۇن بىلىملەرگە ياكى ئوي-پىكىرلەرگە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتىمىز، شۇڭا بۇ خىل تىمىلار كۆپ بولۇپ كەتتى، ئوقۇرمەنلەر زىرىكىپ كەتتى دەپ ئويلىماي كاللىڭىزدىكى ئويلارنى تۆكۈۋېرىڭ، سىزلا زىرىكمىسىڭىز بىز زىرىكمەيمىز، ئالىم مۇئەللىم…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:27
  • ئالىم ئەھەت بىلوگىنى بىر ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى بىلەن مۇبارەكلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:17
باھا بېتى: 1 2 3