نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Microsoft Skydrive (ئۇيغۇرچە)نى ئىشلىتىپ بېقىڭ

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

Skydrive بولسا Microsoft شىركىتى يولغا قويغان بۇلۇت ساقلىغۇچ مۇلازىمىتى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر Windows Live ھېساباتى ئارقىلىق تىزىملاپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ رەسىملىرىنى، ھۆججەتلىرىنى Skydrive غا ساقلاپ قويالايدۇ. ھەرقانداق كۆچمە ئۈسكۈنە ۋە تورغا ئۇلانغان ھەرقانداق جايدا ھۆججەتلىرىڭىزنى زىيارەت قىلالايسىز، باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايسىز.

تور يۈزىدە Word, Excel, Powerpoint ھۆججەتلىرىنى قۇرالايسىز. سىزگە 25GB ھەقسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلاش ئۈچۈن بارماق دىسكا ئىشلىتىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەرخىل پاراڭلىشىش دېتاللىرىدىكى دوستلىرىڭىزنى بۇ يەرگە سۆرەپ كىرىپ، ئۇلار بىلەن ئەركىن سۆھبەتلىشەلەيسىز. ئۇنى يەنە «خەت»، «كالېندار»، «كىشىلەر» ئەپى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز. ئۇنداقتا دەرھال ئىشلىتىپ «بۇلۇت» ھۇزۇرىنى سۈرۈڭ.

يەنە ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تەرجىمە سۈپىتى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان باشقا مەھسۇلاتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشىلاندى، ئەمما بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقا بەزى يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بولۇشى ئېنىق، «ئەلنىڭ كۆزى 50» دەپتىكەن، قېنى ئىشلىتىپ بېقىڭلار، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بولسا بەرگەيسىلەر ياكى يول كۆرسەتكەيسىلەر، رەھمەت!

ئادرېسى: Skydrive
ئۇيغۇرچىگە تەڭشەش ئۇسۇلى يەنىلا outlook.com غا ئوخشاش بولۇپ، ئاۋۋال ئۇ يەردە ئۇيغۇرچە تەڭشىۋېلىپ، ئاندىن skydrive.live.com نى بېسىپ كىرسەڭلارمۇ بولىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
86 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئالىم مۇئەللىم سىز دىگەن نەرسىنى يوللىۋەتتىم تاپشۇرۇپ ئالغايسىز ـ يەنە بولسا يەنە يوللايمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 16:55
  • ئالىم مۇئەللىم skydrive دا ‹‹قۇرۇش›› نى باسقاندا چىقىدىغان ئاۋۇ دىئالوگ رامكىسىدىكى ھۆججەتنىڭ كىڭەيتىلگەن نامىنى ئول تەرەپكە چىقىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشكە ئىمكان بارمىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 19:41
  • ئالىم مۇئەللىم skydrive دا 公开 دىگەننى بىسىپ كىرىپ،ئاستىدىكى تىل تاللىشىدا afrikannas-ئافرىقانچە بوپ قاپتۇ. ئافرىقاچە بولسا توغرا بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 19:46
    • ئۇ توغرا، ھەرگىزمۇ ئاسىياچە، ئافرىقاچە، ياۋروپاچە،…دەيدىغان بىر قىتئەنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تىل يوق، ئۇ شۇ يەردىكى بىر مىللەتنىڭ تىل نامى، خەنزۇچە تەرجىمىسىگە ئېسىلىۋالماڭ، ياكى بولمىسا دۇنيا تىل نامىدىكى بۇ لۇغەت خاتا بولغان بولىدۇ.
      Afrikaans نىڭ چۈشەندۈرۈشى
      a white South African whose first language is Afrikaans and who is usually related to the Dutch people who settled in South Africa in the 1600s
      Boer

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 23:05
      • ھەي، ئالدىراقسانلىق قىپتىمەن مۇئەللىم.ئەسلى بىر ئىنگىلىزچە ئىزدەپ باقاي دەپ، بولدىلا خەنزۇچىمۇ ئاساسەن ئوخشايدىغۇ دەپلا ئىزدەپتىكەنمەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى am 11:04
  • ئاندىن ئالىم مۇئەللىم ،يەنە polski-پولەكچە بوپ قاپتۇ.توردىن ئىزدەپ باقسام بۇ پولشا تېلى ئىكەن. شۇڭا پولشاچە دىسەك توغرا بولارمىكىن دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 19:52
    • دۆلەت نامىغا «-چە» قوشۇمچىسىنى قوشۇپ تىل نامى قىلساق توغرا بولماس، مۇشۇ ھەقتىكى نوپۇزلۇق لۇغەتلەرگە يەنە بىر قاراپ باقسىڭىز. پولەك تىلى
      ئالبانىيە=ئالبانچە (ئالبانىيەچە ئەمەس)، كورېيە=كورېيانچە (كورېيەچە ئەمەس)، جۇڭگو=خەنزۇچە (جۇڭگوچە ئەمەس)،…

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 23:03
      • رەھمەت مۇئەللىم.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى am 10:56
  • مىنىڭ ئىنكاسىز چىقماپتىغۇ ئالىم مۇئەللىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 21:15
  • ياخشىمۇ سىز ئالىمكا ئىلخەتنىڭ يىڭى خەت يىزشنى ئىچىپ تاللانمىلار دىگەن تىزملىكنىڭ ئۈستىدىن ئىككىنچىسىنى تاللىساق قالايمىقان خەتلەر چىقىدىكەن ، تەرجىمدە مەسىلە بارمۇ ياكى تەرجىمە قىلىنماي قالدىمۇ .مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:19
  • سىز دېگەن بۇ يەرنى قانداق بولۇپ چۈشۈپ قالدى، مەن ھازىرلا ئۆزگەرتىپ قويدۇم، يەنە بىر قېتىم يېڭىلانغاندا ئۆزگىرىدىغان بولدى.
    ئادەتتە ئىگىسىز جۈملىدە پېئىللار ئېنىقسىز ھالەتلەردە بولسا ئاساسەن مەجھۇل دەرىجىدە ئېلىندى، مەسىلەن: يوللىنىۋاتىدۇ، ساقلىنىۋاتىدۇ، ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ، بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ،….دېگەندەك
    بۈگۈن دەل ۋاقتىدا پىكىر بەردىڭىز، شۇڭا، ۋاقتىدا ئۆزگەرتىلدى.

    ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا ھەمدە بۇ ئىشقا قىزىقسىڭىز، outlook.com نىڭ ئېكران كۆرۈنۈشىنى رەسىمگە تۇتۇپ، مۇۋاپىق بولمىغان جايلارنى «رەسىم سىزغۇچ»(画图) دا قىزىل سىزىق سىزىپ ئەۋەتىپ بېرەلەمسىز؟
    ==============================
    سىزگە بۇتوغۇرلۇق نەرسە ئەۋەتتىم ،بېرەر جاۋاپ خېتى يوققۇ؟ئىلىكتۇرۇنلۇق خەت ئادرىسى خاتا بۇلۇپ قالدىمۇ يا ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى am 10:25
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، https://apps.live.com/skydrive ماۋۇ بەتتە ئۇيغۇر تىلىنى تاللىساممۇ ئۇيغۇرچە چىقمىدى، ئاۋۋال باشقا يېزىق چىقىۋالدى، ھازىر ئىنگىلىزچە چىقىۋالدى، ئەمما ئاستىدىكى تىل كۆرسەتكۈچىدە Uyghur دەپ چىققان ئىدى، سىزمۇ قاراپ باقسىڭىز، رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 14:00
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئالىم ئاكا:مەن بۇگۈن بىر كومپىيوتېر بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان بىر تۇنۇشۇمغا كۆزنەك سەككىز ھەققىدە سۆزلىگەن،ئەمما ئۇ :بۇ مەن ئۈچۈن خوش خەۋەر ئەمەسكەن ماڭا خەنچە ياكى ئىنگىلىزچە نەشىرى بولسا بۇلىۋىردۇ – دىدى. مەن شۇنى ئويلاپ قالدىم ئەگەر زاكاس سانى توشمىسا بىز كۆزنەك سەككىز بىلەن يۈز كۆزىشىمىز كىيىنگە سۈرۈلۈپ قالارمۇ؟ ئەگەر تاسادىبى زاكاس توشمىسا شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ناھىيلىرىدە نەچچە يۈر مەھەللە ئىش بېجرىش باشقارمىسى(社区街道办事处)غا قاراشلىق 5-10غىچە ئىجتىمائى رايۇن(社区بار.ئۇ مەھەللەئاپىراتيلىرىدا ئاساسەن ئويغۇرچە ئىشلىتىدۇ.ئۇلار كىيىن ئىشلەتسىمۇ ھامان ئويغۇرچە نەشىرىنى ئىشلىتىشى تۇرغان گەپ.شۇڭا بولسا ھۆكۈمەت ئاپىراتلىرىغا يەتكۈزۈلگەن بولسا بۇنداق 10000 تال زاكاستىن نەچچسى ھەل بۇلۇپ كىتەتتى. بۇ بىر مەسلىەتىم ئارتۇقچە سۆزلەپ قويدۇم كەچۈرۈك ھە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 20:08
  • قايسىڭلاردا بۇ ئىچىلمايۋاتىدۇ، مىنىڭ كومپيۇتېرىمدا ھىچقايسى ئىچىلمايۋاتىدۇ، ياردەم قىلدىغانلار بارمۇ؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 20:33
  • مەن باشتا outlookغا يوللىغان،ھازىر gmail.com غا يوللىدىم ،ئىسم توغرىمۇ يوق ئۇقمايمەن!~

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:39
  • قايسىڭلاردا بۇ ئىچىلمايۋاتىدۇ، مىنىڭ كومپيۇتېرىمدا ھىچقايسى ئىچىلمايۋاتىدۇ، ياردەم قىلدىغانلار بارمۇ؟؟؟
    ==================
    باشقۇرۇغۇچى شەكلىدە ئىچىلمايدۇ،باشقا ھىسابات بىلەن كىرسىڭىز ئىچىلىدۇ .
    سىزنىڭ سورىغىنىڭىز مىنىڭ ئويلىغىنىم شۇدۇ ھە؟~~~

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:42
  • مۇشۇ قىلىپلاشتۇرغان سۆزلەرنى بىر سۆكۈپ قۇياي!
    节能认证
    ئېنىرگىيە تېجەش ئىسپاتى
    节水洁具
    سۇ تېجەر تازىلىق سايمانلىرى
    ==============
    مەن بولسام مۇنداق تەرجىمە قىلاتتىم
    ئېنىرگىيە تىجەشلىك ئىسپاتى(بىر لىك قۇشۇمچىسى چۈشۈپ قالغان)
    بىز بىر ئادەمنى ماختىغاندا تىجەشلىك ئادەم دەيمىز ، نەرسىلەرمۇ شۇ ئىقتىدارغا ئىگە بولغاندىكىن بۇ يەردە تىجەشلىك دەپ ئالساق تامامەن بۇلىدۇ.
    يەنە بىرى يەنىلا ئوخشاش «سۇ تىجەشلىك ئەسۋاپ“ دىسەك بۇلىدۇ.ھەرگىز سايمان بولمايدۇ.
    يەنە نۇرغۇن تەرجىمىلەر بار پەقەت ياخشى تەرجىمە قىلىنمىغان.خۇددى ھاپىلا-شاپىلا تەرجىمە قىلىپ قويغان دەكلا.ھەي!!!
    تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ مۇشۇ يەرگە يىزىپ ئاچىغىمنى چىقىرىۋالاي!~~

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 16:08
  • 软件学研究
    يۇمشاق پەن تەتقىقاتى
    بولدىلا يازمايلا قۇياي.ئالىم مۇئەللىمنىڭ پىكىرى چىقمىسۇن يەنە!~

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 16:35
  • بۇ ئەپپلەر بىر بىرىدىن ئۇز چىققان بولسىمۇ، ئەمما bing نىڭ metro نۇسقىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزدەش نەتىجىسىگە سەل قاراشقا بولمىغىدەك، ھەقىقەتەن ناھايىتى ياخشى، ئۇيغۇر دىگەن ھالقىلىق سۆزگە تېپىلغان نەتىجە 79300، رەسىم 780،

    يەنە بىرسى خەۋەر دىگەن ئەپكە ئۇيغۇرچە خەۋەرلەر بىرىلەمدۇ ياكى، خەنچىمۇ،دىمەكچىمەنكى نۇر تورى، ياكى ئوكيان تورى metro خەۋەر ئەپتىن ياساپ app store دا ھەقلىق تارقىتىشنى ئويلىشىپ باقسا بولغىدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى am 09:25