• كۆيگەن نەپەسلەر

    يوللانغان ۋاقتى:07-03-2012   مەنبە:    مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   باھا: 0 قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    ئۈلۈم ۋە ھاياتلىق ئوخشاش نەتىجە مۇھەببەت دەردىگە ئۈلۈم ئەۋەتتىم، ئۆتمۈشلۈك نېسىۋىنى تامام يەۋەتتىم تاشلىدىم دۇنيانىڭ بىغەملىكىنى

     

    سۈكۈتتىكى يۈرەك
     
    (شىئېرلار)
     
    ئۈلۈم ۋە ھاياتلىق ئوخشاش نەتىجە
     
    مۇھەببەت دەردىگە ئۈلۈم ئەۋەتتىم،
    ئۆتمۈشلۈك نېسىۋىنى تامام يەۋەتتىم
    تاشلىدىم دۇنيانىڭ بىغەملىكىنى،
    سۆيگۈگە ئېرىشىپ شۈكرى دەۋەتتىم.
     
    سىزىمەن كۈڭۈلنىڭ سۆرەتلىرىنى
    ياسايمەن ھاياتنىڭ ھەيرەتلىرىنى
    بىردىنبىر يۈرەكنى قۇلۇمغا ئېلىپ،
    ئۇنتۇيمەن ئازاپنىڭ رىغبەتلىرىنى
     
    سۈكۈتلۈك ئازابقا بۇلىمەن مەپتۇن
    روھىمنى ۋىجدانغا قىلىمەن مەھكۇم
    ياشاشنىڭ ئۆزىمۇ ھەيۋەتلىك جەريان،
    دەھشەتلىك غوروردىن يۈرەك كۇمپەيكۇم
     
     
    ئۆزۈمنى يارىتىش ئۈلپىتىم بولدى
    ساداقەت بىر لەھزە سۈلكىتىم بولدى
    ئۈلۈم ۋە ھاياتلىق ئوخشاش نەتىجە،
    سۆيگۈسىز ياشىماق كۈلپىتىم بولدى.

     

    بىر يۈرەكنىىڭ دەردى بىلەن
     
    كۆرەلمىدىم كۆزىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى،
    ئاڭلىيالماي ئۆزىڭىزدىن سۆزىڭىزنى،
    قەلبلەردىن ئارتقا بۇراپ يۈزىڭزىنى،
    بىر يۈرەكنى ئارماندا قويغىڭىز بارمۇ؟
     
    باھارلاردىن باھارلاردا ئايانمەن سىزگە،
    سۆيگۈ، ۋاپا بابىدىن بايانمەن سىزگە،
    دىل رىشتىمدىن باغلىنىپ پايانمەن سىزگە،
    بىر يۈرەكنىڭ ئۇتىدا كۆيگىڭىز بارمۇ؟
     
     
    باغلاردىكى بۇلبۇلنىڭ ئۈنلىرىدىمەن،
    يىغلايمەنۇ غېرىبنىڭ تۈنلىرىدىمەن،
    ئاشىقلارنىڭ سەرسانە كۈنلىرىدىمەن،
    بىر يۈرەكنى يۈرەكتىن سۆيگىڭىز  بارمۇ؟
     
    ئۆكسۈشلەردىن ئاقتى كۆزنىڭ قارىسى،
    مەلھەمسىزدۇر ئول يۈرەكنىڭ يارىسى،
    ئۈزۈلگەچكە ھەم تاقەتلەرنىڭ تارىسى،
    بىر يۈرەكنىڭ دەھشىتىنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟
     
    بارلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان،
    بىر بىپەرۋا مۇھەببەت باغرىنى تىلغان،
    سۆيگۈ ئۈچۈن ئۈلۈمگە شۇنچە يىغلىغان،
    بىر يۈرەكنىڭ ئاھىغا كۆنگىڭىز بارمۇ؟
     
    ھايات ناملىق چېقىنلاردا چىقىلغانمەن،
    ھىمايەتسىز، يانغىنلاردا يىقىلغانمەن،
    ئېقىنلارغا كۆز ياش بۇلۇپ قېتىلغانمەن،
    بىر يۈرەكنى دەپنە قىلىپ كۆمگىڭىز بارمۇ؟
     
    ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا
     
    سەن ياققان يانغىندا يېنىپمۇ باقتىم ،
    باغرىمنى ھىجرىڭدە تىلىپمۇ باقتىم
    يىتەلمەي سەن يەتكەن يۈكسەكلىكىڭگە،
    تۇپرىقىڭغا يۈرەكنى يېقىپمۇ باقتىم.
     
    سەن ياققان گۈلخاننى ياقالمىدىمغۇ؟
    قەلەمنىڭ ئىشقىدا يانالمىدىمغۇ ؟
    كېتىپسەن ئەڭ ئۇلۇغ ئىلھامنى ئېلىپ ،
    <ئويغان >دەك بىر مىسراقاتالمىدىمغۇ؟
     
    ئۇيغۇر دەپ كۆكتىكى يۇلتۇزلار ياندى ،
    ئۇيغۇر دەپ زېمىنمۇ پەريادلەر سالدى،
    قېنڭدا يېزىلغان ھەربىر مىسرا دا
    ئۇيغۇردەك روھىڭنىڭ سىماسى قالدى.
     
    بىر ئۇلۇغ ھىممەتنى قۇيۇپ كېتىپسەن،
    بىر بۈيۈك خىسلەتنى ئېلىپ كىتىپسەن،
    زۇلمەتنى يورۇتۇش ئۈچۈن دانكودەك _
    يۈرەكنى مەشئەل قىپ يىقىپ كېتىپسەن
     
    خىسلىتىڭ ئەۋلادنى كەلدى يېتەكلەپ ،
    ئەسلىڭدىن سىن ئېلىپ كۈلدى چېچەكلەپ،
    ھېكمىتىڭ ياراتقان مەنىۋى باغلار ،
    بۈگۈندە مېۋىلەر تۆكتى ئېتەكلەپ.
     
    مىڭ شائىر بىزلەرگە ئەمدى نەكېرەك
    ئۇيغۇردىن يەنە بىرى تۇغۇلسا تېزرەك،
    ئەشئارىڭ قېتىدا يۈكسەك سىر مەنا
    بىر تارىخ بىر دەۋىر ياراتتىڭ ئەركەك.

     

    سۈكۈتتىكى يۈرەك
     
    باغۇ جەننەتلەر ماكانىڭ بولسۇن،
    شاھى ئىززەتلەر ئىمكانىڭ بولسۇن،
    ياشا قەلبىمدە ھىچكىمگە ئوخشاش،
    ئەھلى كەرەملەر غەمخانىڭ بولسۇن.
     
    كاككۇكنى زەينەپ مەڭگۈ كۆرەلمەس،
    شوردەرياسىدىن ئەسلا ئۈتەلمەس،
    بۇلبۇل ئۈچۈن گۈل توزۇپ بېرەلمەس،
    ئەبەت سەۋرلەر جانانىڭ بولسۇن.
     
    تاشلاردىن ئۈنەر بەزەن جاراھەت،
    چۈشلەر قوينىدا كۆكلەر قاباھەت،
    ئېلىپ تاغلاردىن تاشتەك ساداقەت،
    كۈتۈشلەر كۈڭۈل،ئارامىڭ بولسۇن.
     
    زۇلمەت كېچىدىن يورۇسۇن تۈنۈڭ
    يۇلتۇزلارغا ھەم ئايلانسۇن كۈڭلۈڭ
    پەلەك چەندانغا يەتسۇن ھەم ئۈنۈڭ،
    مەڭگۈ ئۆزەڭدە   قالارىڭ بولسۇن.
     
    ئېيتما دېڭىزنىڭ چەكسىزلىكىنى،
    ئىشەن يىتىشنىڭ شەكسىزلىكىنى،
    چىنپۈت ھاياتنىڭ جەريانلىقىغا،
    سۆيگۈ مەنزىلى بارارىڭ بولسۇن.
     
    يامغۇر يىشىمنىڭ چىچىلغىنىدۇر،
    چاقماق قەھرىمنىڭ ئىتىلغىنىدۇر،
    مەنزىل قەلبىمنىڭ ئېچىلغىنىدۇر،
    پەقەت مەن ئۈچۈن يانارىڭ بولسۇن.
     

     

    ئۆزىدە قىلىش
     
    كۆز ياشلار ئۆزىدە قالماقچى بولدى
    ئازاپ ئازاپنى كەتتى ئازاپلاپ
    ھايات ياشاشتىن ۋاز كەچتى تامام
    ئۈلۈم ئۆزىدە قالدى ھەم يىغلاپ
     
    سۈكۈت تىللار ئاستىدا قالدى
    تامام كۆمدى ۋاقىتنى نەپرەت.
    بىرلا مەۋجۇدلۇق ئىدى ئاخىرى
    يۈرەككە قامىلىپ قالغان مۇھەببەت
     
     



    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، ساغلام تور مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
    ئابلىكىم ئابدۇللا تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى: يېڭى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 20:02 02-02-2012 كىرگەن ۋاقتى: 21:03 07-03-2012
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

      ::::تارىم ئاۋازلىق ئەسەرلىرى:::: :::سۈكۈتكە چۆككەن تۇيغۇلار::: :::::::قەشقەر تەسىراتلىرى::::::: ::::::::::مامۇت سەپرا:::::::::: ::::::::::ساراڭ ئانام:::::::::: ===============================

    ئەدەبىيات-سەنئەت ئۇچۇرى
    تەۋسىيە ئەسەرلەر
    تەۋسىيە كىتابلار