ئورنىڭىز: باش بەت > يېڭىلىقلار >

ئەزا بولۇش يىتەكچىسى

يوللانغان ۋاقتى:03-02-2011   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 15 پارچە
تارىم ژۇرنىلى تور بېكىتى كەڭ ئاپتورلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە، بېكىتىمىزنىڭ ئەزا تىزىملىتىش ئىقتىدارىنى ئاچتۇق

تارىم» ژۇرنىلى تور بېكىتى كەڭ ئاپتورلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە، بېكىتىمىزنىڭ ئەزا تىزىملىتىش ئىقتىدارىنى ئاچتۇق. بېكىتىمىزگە ئەزا بولسىڭىز ،ئەسەر كۆرەلەيسىز ۋە تور بېكىتىمىزگە قويۇلغان رەڭدار تېمىلار،يېڭى ئۇچۇرلار  ئۈستىدە ئۆز پىكرىڭىزنى ئىنكاس سۈپىتىدە قويالايسىز ھەم تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشالايسىز. 

 

تور بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرگۈچىلەرنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا قولاي بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى كۆرسەتمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 تىزىملىتىش باسقۇچى:

ئەزا بولۇشقا تىزىملىتىش ئۈچۈن بېكىتىمىزنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدىكى «ئەزا بولۇڭ» دېگەن يەرنى باسقاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ:


 

يۇقىرىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كۆزنەك ئېچىلغاندىن كېيىن باسقۇچلار بويىچە ئەستايىدىل تولدۇرىسىز، يەنى:

1.بۇ كاتەككە يېزىلغان ئىسىم سىزنىڭ بېكەتكە كىرىشتىكى ئەزالىق ئىسمىڭىز بولۇپ، ئۆز تەخەللۇسىڭىز، تەگئاتىڭىز ۋەياكى ئۆزىڭىزگە ياققان ئىسىملاردىن تاللاپ لاتىنچە يېزىقتا تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

2.بۇ كاتەككە ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئىسىم-فامىلىسىنى لاتىنچە ياكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى بويىچە يازسىڭىز بولىدۇ.سىز يوللىغان ئەسەرلەر بېكەت يۈزىدە مۇشۇ ئىسىم بويىچە كۆرۈنىدۇ.

3. بۇ كاتەككە بېكەتكە كىرىشتە قوللىنىدىغان پارولىڭىزنى تولدۇرىسىز.

4.بۇ كاتەككە كىملىك نومۇرىڭىز ۋە تېلېفۇن نومۇرىڭىزنى پەش بىلەن ئايرىپ تولدۇرىسىز.

5.بۇ تاللاش تۈرى سىز پارولىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغاندا بېكەت سىزدىن ئاپتوماتىك سورايدىغان سوئال بولۇپ، خالىغان بىر تۈرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

6.بۇ كاتەككە يۇقىرىدا سىز تاللىغان سوئالغا خاس بولغان جاۋابنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

يۇقىرىقى تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ، "تىزىملىتىمەن" كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا، تىزىملىتىشتىكى تۇنجى باسقۇچ ئاياغلاشقان بولىدۇ. بېكەت مۇھەررىرلىرى سىزنىڭ ئەزالىق ئۇچۇرىڭىزنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، تەلەپكە ئۇيغۇن بولسىلا ئەزالىق ھوقۇقىڭىز كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.


 
ي
 

2.دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار : ھەقىيقى ئىسىم دىگەن يەرگە چوقۇم ئۆز ئىسىم-فامىلىسى يېزىلىشى كىرەك،ئەزالار ئاپتوماتىك ھالدا ئېلخەت ئارقىلىق تەستىقلىنىدۇ.  

ئەزالارنىڭ يەنە باشقا چۈشەنمىگەن يەرلىرى بولسا بېكىتىمىزنىڭ سوئال-جاۋاب سەھىپىسىگە كىرىپ، ئۆزى يولۇققان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا، بېكەت مۇھەررىرلىرى چۈشىنىشلىك قىلىپ جاۋاب بېرىدۇ.

 




ھالقىلىق سۆزلەر : ئەزا، تىزىملىتىش، باسقۇچ


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------
  • ئالدىنقىسى : مۇشۇ ئەڭ ئالدىنقىسى
  • كېيىنكىسى : مۇشۇ ئەڭ كېيىنكىسى

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار