كۆرۈشۈش(ھېكايە)
يوللانغان ۋاقتى:06-03-2012
مەنبە:
مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
باھا: 0 قېتىم
ئىنكاس: 0 پارچە
ئۆستەڭ بويىدىكى ئاسفالىت يولنى بويلاپ قاتار تىكىلگەن قۇييۇق دەرەخلەر شاخلىرى قارلارنىڭ بېسىمى بىلەن بېشىنى ساڭگىلىتىپ سۈكۈتتە تۇر
كۆرۈشۈش
(ھېكايە)
ئۆستەڭ بويىدىكى ئاسفالىت يولنى بويلاپ قاتار تىكىلگەن قۇييۇق دەرەخلەر شاخلىرى قارلارنىڭ بېسىمى بىلەن بېشىنى ساڭگىلىتىپ سۈكۈتتە تۇرۇشارتتى.لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارغا پىسەنت قىلماي كېتىۋاتقان ئالمىرەنىڭ چاچلىرى سەل چۇۋۇق،يۈزلىرى سوغۇقتىن ئاقاراغان بولۇپ،چىرايى تولىمۇ غەمكىن كۆرۈنەتتى.يۈزلىرىگە چۈشكەن قار ئۇچۇقۇنلىرى،گەرچە ئۇنى يۇمشاق سۆيۈپ ئەركىلەاتسىمۇ ،بۇ ئۇنى خۇشال قىلالمايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ساپ ھۇجۇدىدا ئەمدىلا ئېچىلىۋاتقان ساپ مۇھەببىتىنى خار قىلىپ ،جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان مەشۈقىدىن ئايرىۋەتكەن رەھىمسىز تەقدىرگە غەزەبلىنەتتى .ۋاپادار ئاشىقى بىلەن ئۆتكەن مۇھەببەتلىك شېرىن مىنۇتلىرى ،خۇددى كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىدىن بىر -بىرلەپ ئۆتەتتى...
ئىنساننىڭ ھاياتىدا ئاجايىپ خاتىرلىك چاغلار بولىدۇ،بولۇپمۇ قىز-يىگىتلەرنىڭ تۇنجى ئۇچىرىشىشلىرى ۋە ئامرىقىغا ئېيتىدىغان سۆز تاپالماي قىينالغان چاغلىرى ھەرگىزمۇ ئېسىدىن چىقمايدۇ.
ئالدىنقى يىلى دەل موشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئالمىرە خىزمەتتىن كېلىۋېتىپ يىراقتىن ئوغلاننى كۆرۈپ قالدى. ئوغلان بۇرۇن ۋەدىلەشكەن قۇييۇق دەرەخلەر ئارىسىدا ئالمىرەنى كۈتۈپ تۇراتتى،قىز يېقىنلاپ كەلگەندە :
-پاھ، بۈگۈن نىمانچە چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭىز-ھە؟-دېگىنىچە يۈگۈرۈپ كەلدى-دە،قىزنىڭ توڭلاپ كەتكەن قوللىرىنى قىسىپ كۆرۈشتى ئوغلان.
- ئۇنچىلىك ئەمەس،ماختاشقا ئەرزىمەيمەن-دىدى قىز ۋىللىدە قىزىېىپ.
-سىزنى ماڭا ئۇچىراشتۇرغان تەقدىردىن تولىمۇ خۇشالمەن،تۈنۈگۈنكى گېزىتكە بىر پارچە ماقالىڭىز ئېلان قىلىنىپتۇ ئۇنى ئوقۇپ يۈرەكلىرىم ياياراپ كەتتى .سىزنى تەبرىكلەيمەن.سىزگە تېلىفون قىلغاندىم بىراق تېلىفونىڭىز ئېتىككەن ئاخشام ئۆيۈڭلارنىڭ ئالدىدىن بىر نەچچە قېتىم ئۆتتۈم تېلىفون قىلسام يەنىلا ئېتىك شۇنۇڭ بىلەن تۈن نىسبىگىچە مەھەللىڭىزدە ئايلىنىپ يۈردۈم .يگىت ھاياجان بىلەن سۆزلەيتتى .ئۇنىڭ كېلىشكەن بوي-تۇرقى ،قارا چاچلىرى،قۇيۇق قوشما قاشلىرى ۋە چولپاندەك چاقانپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزلىرى،قىزنىڭ قەلىب تارىلىرىنى چېكەتتى.
قىز قەلبىدە مۇھەببەت ئوتى ئۇلغايغان بولسىمۇ ، يەنىلا چاندۇرماستىن گەپنى باشقا ياققا بۇرۇپ:
-رەھمەت سىزگە دىدى ۋە ئارقىدىنلا قار مەنزىرىسىنى يازخشى كۆرەمسىز؟-دەپ سورىدى.
يىگىت يىراقتىكى قارلىق چوققىغا نەزەر تاشلىغان ھالدا:
-ھەر گۈزەللىكنىڭ ھۆسنى ئۆزگىچە ،پەسىللەرمۇ شۇنداق.مەن قار مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك گۈزەل ھېس قىلمىغاندىم.يازدىچۇ ئەنە شۇ مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاقباش تاغلار يېشىللىققا چۆمگەندە تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ.مەن شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك ،جەزبىلىك گۈزەل ھۆسنىدىن كۆز ئۈزەلمەي قالىمەن.بىز ياشلار ئاشۇ تاغلاردەك مەغرۇر،مۇستەھكەم بولساق ئىدۇق دەپ ئويلايمەن . ئوغلان ھاياجانلانغىنىدىن قىزغىن سۆزلەيتتى،ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى شېئىر ئوقۇغاندەك ھېسسياتلىق ئىدى.
دەل شۇ پەيتتە دەرەختىن سېلكىنگەن بىر توپ قار پوك قىلىپ قىزنىڭ بېشىغا چۈشۈپ ئۇنى چىرايلىق ئېچىلغان ئاپپاق كېۋەز غوزىسىغا ئوخشىتىپ قويدى.ۋە قىزنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈۋەتتى. ئوغلان ئالدىراپ قىزنىڭ ئۈستىدىكى قارلارنى قېقىشتۇردى .قىزنىڭ ئالمىدەك مەڭزى ۋە مۇھەببەت ئوتى بىلەن جۇلالىلىنىپ يانغان كۆزلىرىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان يىگىتنىڭ ۋۇجۇدى سىماپتەك ئېرىپ كەتتى.ئۇ ھاياجاندىن ئۆزىنى باسالماي.
-بىز قاچانغۇچە كاككۇك بىلەن زەينەپتەك يۈرۈيمىز ،دەپ قىزغا تەلمۈردى.قىز سەل توختاپ :
-نېمىگە ئالدىرايمىز،ئاۋۋال ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ ئاندىن ئويلاشساقمۇ كېچىكمەيمىزغۇ توغرىمۇ؟-دىدىقىزنىڭ ئاۋازى ناھايىتى ساپ ھەم ئەركىلەش ئاھاڭىدا ئىدى. يىگىت ئاستىغىنە ئالمىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ بىر دەرەخكە يۆلەندى. ئۇ غىپپىدە قىلىپ باشقا بىر تۈپ دەرەخ تەرەپكە داجىدى.ئوغلانمۇ بوش كەلمىدى بىر سەكرەپلا ئۇنى تۇتۇۋالدى-دە،قوللىرىنى ئۆزىنىڭ مەزمۇت ئالقانلىرى ئارىسىغا ئالدى ۋە قويۇۋەتمەستىن ئۇنۇڭ جامالىغا تىكىلدى .قىزنىڭ ھۇجۇدىدا بىر خىل سېزىم پەيدا بولدى ئۇ ئەمدى قارشىلىق كۆرسەتمەيتى ،مانا ئۇلار بىر گەۋدىگە ئايلاندى لەۋلىرى ئۆزئارا ئۇچىراشتى ئۇلارنىڭ ھۇجۇدىدا شۇنداق سىزىم پەيدا بولدىكى خۇددى مىڭىسىدىن كىرىپ پۇتلىرىنىڭ ئۇچىدىن چىقىپ كەتكەندەكلا بولۇپ قېلىشتى ئۇلار بىر -بىرىگە قېىنىشمايتى......
-تىنالماي قالدىم جېنىم قىزنىڭ بۇ ئاۋازىدىن سەل ھۇشىنى يىغقان ئوغلان ئۇنى ئاستىغىنە قويۇۋەتتى ھەم تەلمۈرۈپ تۇرۇپ:
-سىزنى دەسلەپ كۆرگۈنۈمدىلا پۈتۈن قەلبىم سىزگە باغلانغان ئىدى.خۇداغا شۈكرى .مانا قوش مېغىزدەك ئۆتۈۋاتىمىز،بىراق مېنى قىينىغىنىڭىز قىينىغان،-يىگىتنىڭ كۆزلىرىدىكى چاقنىغان مۇھەببەت ئۇچقۇنى قىزنى ئەسىر قىلدى.قىز ئۈندىمىدى .
كۈنلەرنىڭ كەينىدىن ئايلارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىىشپ ئىككىيلەننىڭ توي كۈنلىرىمۇ بېكىتىلىپ بولدى.سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرغان ئوغلان توينىڭ تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئىدى .ئەتىگەندىن بېرى تۈرلۈك ئىشلار تۈپەيلى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئۇ ئەمدىلا ئۇھ -دەپ، تۇرۇشىغا تېلىفونى سايراپ كەتتى. ئالدىراش نومۇرغا بىر قاراپ قويدى-دە،ئوتتۇرا مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدېشى ۋولقان ئىكەنلىكىنى بىلدى .گەرچە ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن بولسىمۇ بىراق يەنىلا ساۋاقداشلىق مېھرى ئۈستۈن كەلدى.شۇنۇڭ بىلەن ئۇ دەررۇ سىرتقا قاراپ چاپتى،
ئىككىيلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بىر نەچچە ئاغىنىلىرىگە تېلىفون قىلىپ ئۇلارنى چاقىردى ئۇلار بىر رېستۇرانغا بېرىپ تاماق يگەچ بىر نەچچە رومكىىدىن قېقىشىۋالماقچى بولۇشتى .تاماقتىن كېيىن ھاراق قۇيۇلدى سورۇن تازا ئەۋجىگە چىقتى بىردەم يۇمۇر سۆزلەنسە بىر دەم ساز چېلىنىپ ھەممىنىڭ كۆڭلى يايراشقا باشلىدى.ھەممە ئوغلانغا بەخىت -ئامەت تىللەشتى .تارقىمايدىغان سورۇن بولمىغانىغا ئوخشاش تۈن نىسبى بىلەن سورۇنمۇ تارقىدى ئوغلان ساۋاقداشلىرى بىلەن خۇشلۇشۇپ ئەمدىلا يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتىشىگە ،غارت قىلغان ئاۋاز ساۋاقداشلىرىنى چۆچۈتىۋەتتى .
-نىمە بولغاندۇ؟نىمە بولغاندۇ؟ دىىيشكىنىچە ئۇلار يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈشتى ئوغلان قانغا بويالغان ھالدا ياتاتتى.شوپۇر دەررۇ تېلىفون قىلدى 120ماشىنىسى كېلىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان بولسىمۇ بىراق قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي تنىقى توختاپ قالدى. ئالمىرە خىيالىدىن ئۇيغانغاندا ئۆزىنىڭ ،تاش ئۆستەڭدىن ئۆتۈپ قەبرىستانلىققا كېلىپ قالغانلىقىنى سەزدى .ئۇ قەدەملىرىنى تېزلىتىپ قەبرە بېشىغا كەلدى-دە،يۈكۈنۈپ ئولتۇرغىنىچە ئوغلان توڭلىدىڭىزمۇ جېنىم دىگىنىچە چاپىنىنى سېلىپ قەبرىگە يېپىشقا تەمشەلدى دەل شۇ پەيتتە قەبرە ئېچىلىپ ئاپپاق تون كېيگەن ئوغلان چىقىپ كەلدى-دە،
-مەن سىزنى تولىمۇ سېغىندىم سىزچۇ؟دىگىنىچە ئۇنى باغرىغا باستى.
-مەنمۇ شۇ سىزنى بەكلا سېغىندىم شۇڭا ئالايىتەن يوقلاپ كەلدىم،دەيتى قىز.مانا ئۇلار قىزغىن پاراڭغا چۈشتى تەشنالىقلىرىنى قاندۇرۇشتى ،بىر ھازادىن كېيىن قىز :
-مەن ئەمدى كەتمەيمەن سىزگە ھەمراھ بولۇپ قالىمەن دىدى ئىلتىجا قىلغان ھالدا ئوغلانغا.
-ياق بولمايدۇ سىز كېتىڭ !چوقۇم كېتىشىڭىز كېرەك دىگىنىچە قىزنى ئاستىغىنە قويۇۋەتتى-دە،كۆزدىن غايىپ بولدى.
-ئاھ! جېنىم توختاپ تۇرۇڭ يەنە بىر ئاز مۇڭدىشىۋالاي قىزنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك چۈشۈكە باشلىدى.
قىز سەل ھۇشىنى تاپقاندەك بولدى ۋە دۇئاغا قول كۆتۈردى، تولىمۇ ئازابلىنىۋاتاتتى ئاھ! جېنىم دەپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يېغلايتى .بۇ يەردىكى بارلىق ئەرۋاھلارمۇ قەبرىلىرىنىڭ دېرىزىسىدىن مارلىشىپ قىزنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىىنى كۆرۈشىۋاتاتتى. ئۇلارمۇ ھەي ئىسىت بىچارە قىز. ھەي! كاج پەلەك دىيىشىپ كۆز ياشلىرىنى تۆۈشمەكتە ئىدى.
قىز ئېغىر قەدملىرىنى ھورۇنلۇق بىلەن يۆتكەپ مەھەللە ئىچى تەرەپكە يول ئالدى تۇرۇپ-تۇرۇپ كەيىنىگە قاراپ قوياتتى .قىز مەھەللىگە ئازلا قالغاندا ساۋاقدېشى ماھىرە ئۇنۇڭغا ئۇچۇراپ قالدى ۋە:
-بۇنچە ئەتىگەن نەگە بېرىپ كەلدىڭىز دوستۇم دەپ سورىدى قىزدىن.
- ئوغلان بىلەن كۆرۈشۈپ كەلدىم دىدى قىز جاۋابەن ۋە مېڭىشنى داۋاملاشتۇردى.
-توۋا بۇ قىز ئەقلىدىن ئاداشقان ئوخشايدۇ. ئۆلگەن كىشى بىلەن قانداق كۆرۈشكىلى بولىدۇ ؟ ئالمىرە ئەقلىدىن ئادىشىپ قالدىمۇ نېمە؟دەپ پىچىرلىغىنىچە قىزغا ئىچ ئاغرىتقان ھالدا يولىنى داۋام ئەتتى ماھىرە....(مەنبە ئۆزۈم)
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------