بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانا ۋاپات بولغان كۈن

Zhongyuan

97100fe403b9
بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانا ۋاپات بولغان كۈن

ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻤﻪﻥ، 6 – ﺳﻪﺯﮔﯜ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭙﻤﯘ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ، 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10-ﻛﯜﻧﻰ بالىلار ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﯞﻩﺩﯨﻠﻪﺷﻜﻪﻧﯩﺪﯗﻕ. ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺑﯘ ﺳﻪﭘﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺗﺎﺭﺗﻤﯩﺪﻯ، «ﺑﺎﺭﻏﯩﻢ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪﺭ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﯖﻼﺭ» ﺩﯦﺪﯨﻢ، ﺋﯘﻻﺭ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ 2-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 11-ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮬﻪﺭﺩﻩ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﺩﻯ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺯﯗﻛﺎﻡ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﺩﻯ، ﮬﻪﺭﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﺍ «ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻳﺴﻪﻥ، ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺗﯚﮬﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﻪﻥ» ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﺩﻯ، ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﺩﻯ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻧﺎﺗﯩﯟﺍﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﺩﻯ… ئانا !!!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 11-02-2011 | باھا: 8 پارچە | زىيارەت: 1,324 قېتىم

جەننەتماكان دادامنى ئەسلەيمەن

جەننەتماكان دادامنى ئەسلەيمەن

«ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﯓ» ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ، ﺑﯩﺰﮔﻪ – ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻳﻤﺎﻱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻳﯘﻣﯘﻟﺪﻯ…

ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﺰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﭘﺎﺕ–ﭘﺎﺕ «ﺩﺍﺩﺍﯓ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﻯ ﺳﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﺪﻯ، ﺳﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭﻛﯩﻦ، ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺪﻩ ﺋﯩﺪﻯ» ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﻰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻪﺭﻛﺎﺗﯩﺪﺍ، ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﺴﯩﭙﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻢ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﻗﺎﻳﺴﯩﺒﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻤﺪﺍ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﭽﯘ ﻛﺎﺷﻜﻰ، ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯘﺷﮭﺎﻟﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ، ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﻳﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ غەلىبىدىن ﻛﯜﻟﺴﻪ، ﻣﻪﻥ ﻳﯩﻐﻼﻳﻤﻪﻥ. ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺰ ﻛﯜﻥ ﻛﯜﻧﻤﯘ؟



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 05-02-2011 | باھا: 11 پارچە | زىيارەت: 977 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 6

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 6

قەشقەر مېنىڭ مازارگاھىم جايلاشقانلىقى ئۈچۈن «ئۇلۇغ، تاۋاب قىلىش زۆرۈر» جايدۇر. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە «پىر» دۇئاسىغا ئېرىشىش، مەھشەر كۈنىدە مېنىڭ «شاپائىتىم» دىن ئىنئام ئېلىش ئۈچۈن قەشقەرنى، پىر بۇزرۈك قەبرەگاھىنى داۋاملىق زىيارەت قىلماقلىق، تەلىم-تەرغىب ئالماقلىق زۆرۈردۇر.

مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە ياشاپ كېلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ھۆكۈمرانىڭلار ياڭ زېڭشىن مېنىڭ ئەڭ ياراملىق شاگىرىتلىرىمدىن بىرىدۇر. بەلكىم شەكىل ئوخشىماس، ئەمما ماھىيەت بىردۇر. ئاداققى مەقسەت سىزلەرنى «يارىماس» ئىدىيەلەرنىڭ «زەھەرلىشىدىن» ساقلاش، بىزلەركىم «پىر بۇزرۈك روھىنى» قەلبىڭىزلەردە جۇلالاندۇرۇشتۇر.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 03-02-2011 | باھا: 2 پارچە | زىيارەت: 928 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 5

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 5

بىر مىللەتتىكى ئىلغار دۇنيا قاراش، پەلسەپە دېگەنلەر ئىنتايىن «چاكىنا قاراشلارنىڭ يىغىندىسى» دۇر. بۇ خىل قاراش كىشىلەرنى يولدىن چىقىرىدۇ. كىشىنى «شۈكرى قانائەتچانلىقتىن» تازدۇرىدۇ. «پىر» غا گۇمان بىلەن قارايدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئىدىيىلەر يامراپ كەتسە، ئەلنى بالا-قازا باسىدۇ. ئىگىسىز ئۆلۈملەر كۆپىيىدۇ. سۇلتانۇل مۇھەققىقىن بولمىش مەن ئۇنداق «ئىپلاسلىق» لارغا قانداقمۇ چىداپ تۇراي؟!

مېنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىم مۇرىتلىرىمنى «جەننەت» كە باشلاپ مېڭىش تۇرسا! ئۇنداقلار ئىلغار دېيىلسە مەن ئەڭ «بۈيۈك» دەپ تەرغىب قىلىۋاتقان سۈلۈكىي ئىشقىيەنى نېمە دەيسىز؟!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 29-01-2011 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 918 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 4

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 4

مېنى «سىياسىئون، دىپلومات، ھەربىي مۇتەخەسىس» دەپ تەرىپلىگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر. مەن تېخى كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىم مېنى پەقەت ۋە پەقەت «مىللىي مۇناپىق» دەپ ئويلامدىكىن دەيىتتىم. ھەر نېمە بولسا مېنى چۈشىنىدىغانلار بار ئىكەن.

مېنىڭچە يات ئەلدىكىلەرگە خۇشامەت قىلدىغانلار مەنلا ئەمەسقۇ دەيمەن. بىلسەم-بىلمىسەم زامانىڭلاردىمۇ شۇنداق ئىشلار تولۇپ يېتىپتۇ. مەن پەقەت چوڭراقىنى قىلغان خالاس.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 22-01-2011 | باھا: 0 پارچە | زىيارەت: 681 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 3

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 3

سىزنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ يەتمەكچى بولغان مەقسەد-مۇددىئايىڭىز نېمە ئىدى؟ ئەڭ ئاخىرىدا نېمە نىشانغا يەتمەكچى ئىدىڭىز؟

مېنىڭ مەقسىتىم بەلكىم «پىرئەۋىن» بولۇش ئىدى. ھەممە ياق ماڭا قاراپ تەزىم قىلسا، ھەممە ياق مېنىڭ شەخسىي زىمىنىم بولسا دەر ئىدىم. ئەينى يىللىرى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن شەرققە يۈرۈش قىلغىنىدەك، مەنمۇ ھەم غەربكە يۈرۈش قىلسام دەر ئىدىم. ئاھ، نېمىدىگەن شېرىن ئارزۇلار ھە!؟ ئاھ، ئاھ، ئاھ …. ئارمانلىرىم!!!



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 18-01-2011 | باھا: 3 پارچە | زىيارەت: 1,042 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 2

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 2

تەلقىننىڭ يەنە بىر رولى شۇكى، ئاددىي خەلىق مېنىڭ سۈلۈكۈم «ئىشقىيە» نىڭ سۈر-ھەيۋىتىنى ھېس قىلاتتى. مېنىڭ «جامائەت» ىمگە قېتىلاتتى. تەبىئىي ھالدا مېنىڭ كۈچۈم زورىياتتى. ئەينى ۋاقىتتا سەئىدىيە زىمىنىدا ئىشقىيە سۈلۈك مۇرىتلىرىنىڭ ئاستانە يەكەننى، قەشقەرنى قانداق مالىمان قىلغانلىقىنى ئەسلەپ باقسىڭىز بولىدۇ. شۇ مۇرىتلىرىم بولغاچقا، خەلىقنىڭ بىھۇدە قىرىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن «نادان» خان مەن بىلەن سۈلھىي تۈزگەن ئىدى. مەنچە بولسا، نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلگەندە سەئىدىيە تەسەررۇپىدا پۇقرا ئازلاپ كېتەمتى؟ مۇشۇ ئويلىرىمنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئاشكارىلىنىپ قالمىغانلىقىغا خۇرسەنمەن.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 16-01-2011 | باھا: 0 پارچە | زىيارەت: 742 قېتىم

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 1

ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 1

شۇ يىللاردا ماڭا ھىرقەتىي (گۇمنام) ، شاھ مەشرەپ دېگەندەك سىلەر چوڭ بىلىدىغان كىشىلەرمۇ ئەگىشىپ كەلگەن ئىدى. ئاخىرىدا شاھ مەشرەپ مېنىڭ بىر كېنىزىكىمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، مېنىڭ رىسقىمغا چاڭ سېلىش خىيالىدا بولغاچقا، ئۇنى ئاختا قىلدۇرۇپ ھوزۇرۇمدىن قوغلاپ چىقاردىم. ئۇ «تۇزكور» شۇنداق تۇرۇپمۇ، يەنە مېنىڭ «شەنىمگە» قاملاشمىغان مىسرالارنى توقۇپ يۈرۈپتۇ. ھەتتا بەزىلەر ئۇنى «ئەۋلىيا» دېگۈدەك، ئۇ «ئەۋلىيا» بولسا ئۇنداقتا مەن نېمە؟ ئاقىۋەت ئۇنى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن نەمەنگاندا دارغا ئاستۇردۇم. شۇنداق قىلىپ ھاردۇقۇم چىققان بولدى. ئۇھ ھ ھ……..



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 14-01-2011 | باھا: 7 پارچە | زىيارەت: 1,315 قېتىم

ئانىلار ئۇلۇغمۇ؟

ئانىلار ئۇلۇغمۇ؟

بالىلارنى ئېلىپ – سېتىۋاتقان، ئوغرىلىققا، پاھىشىگە، زەھەرگە كۆندۈرۈۋاتقان، ئۆزىنىڭ شەخسىي ھۇزۇر ھالاۋىتى ئۈچۈن بالا تەربىيىسىنى تەرك ئەتكەن بىر قىسىم ئىپلاسلارنى (ئۇلارنى «ئانا» دەپ ئاتاپ ئانىلارغا، «ئىنسان» دەپ ئاتاپ ئىنسانلارغا، «ھايۋان» دەپ ئاتاپ ھايۋانلارغا ھاقارەت كەلتۈرۈشنى خالىمىدىم) كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلىك قىلمىشلارنىڭ زىيىنىغا ھەربىرىمىز قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇلارنى بىز تەرىپلەۋاتقان ئۇلۇغ ئانىلار ياكى ئانىلار قاتارىغا ئەمەس، ئىنسانلار قاتارىغا، ھەتتا ھايۋانلار قاتارىغىمۇ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇلار پەقەت «ئۇلار» دۇر، ئۇلار پەقەت ئىپلاسلاردۇر.



ئاپتورى: | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 11-01-2011 | باھا: 5 پارچە | زىيارەت: 772 قېتىم

  • سىز ھازىر3-بەتتە | جەمئىي بەت سانى: 3
  • <
  • 1
  • 2
  • 3