خەلقئارانىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ياخشى بولمايۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھالىتىگە ماسلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇ يىللىق جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنى روجىكى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ سىگنالىنى مەھكەم ئىگىلىدى.
ئامېرىكا "نيۇ يورك ۋاقىت گېزىتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ يىللىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانىنى بىر كونكرېتنى ساندىن رايون دائىرىسىگە تەڭشەپ، توغرا يۆلىنىشكە قاراپ قەدەم باستى دېدى.
ئەنگلىيە "پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى'، رېيتېر ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە ماسلاشتۇرۇلغان مالىيە قىزىل رەقىمى خامچوتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۆتكەن يىلقى 2.3 پىرسەنتتىن 3 پىرسەنتكە ئۆستۈرۈلدى، بۇ قىسمەن كىشىلەرنىڭ مۆلچەرىدىكىدىن تۆت پىرسەنتكە يېقىن تۆۋەن بولدى. بۇ ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش زەربىسىنى پەسەيتىشتە ھۆكۈمەتنىڭ مالىيەنى قوزغىتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى خالىمايۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ھىندىستان گېزىتچىلىقىدىن تولاسنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: زۇڭلى لى كېچياڭ باج كىرىمى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە باجنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو بۇ يىل تىجارەت بېجىنى كۆپەيمە قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز دەپ جاكارلىدى. بۇ تەدبىر ناھايىتى مۇھىم، جۇڭگو بۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار كۆپەيمە قىممەت بېجى تۈزۈمىگە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved