-
2010-10-29
مۇھىم تېمىلار ئۇچۇرى - [ئارىلاشما تېمىلار]
يېڭى مەنزىلىمىزگە www.4tadu.com دىن كىرىڭ.
بلوگىمىزغا يېڭىدىن قەدەم تەشرىپ قىلغان دوستلارنىڭ مۇھىم بولغان ۋە كۆپ كۆرۈلگەن تېمىلاردىن خەۋەرسىز قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىپ چوققىلاپ قويدۇق. بۇ تېمىدا ھەر قايسى سەھىپىلەرنىڭ مەنزىلى ۋە قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى بىلەن مۇھىم بولغان ۋە كۆپ كۆرۈلگەن تېمىلارنىڭ مەنزىلى قالدۇرۇلدى. كېيىنچە مۇھىم دەپ قارالغان تېمىلار مۇشۇ تېمىغا كىرگۈزۈلىدۇ
-
2010-10-27
مەشھۇر دورا لوبوب ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە خىل نۇسخىسى2 - [رېتسىپ خالتىسى]
لوبوبى ئەكبەر
بادام مېغىزى 50گرام پىستە مېغىزى 36 گرام
تۇخۇم سېرىقى 12 دانە كەپتەر تۇخۇمى 30 دانە
زاغۇن ئۇرۇقى 20 گرام چىلغۇزا مېغىزى 20 گرام
ئۆرۈك مېغىزى 20 گرام ياڭاق مېغىزى 20 گرام
چىللىمىغان قارا خوراز ئۇمۇرتقىسى 50 گرام
شاقاقۇل مىسرى 12 گرام
-
2010-10-26
مەشھۇر دورا لوبوب ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە خىل نۇسخىسى1 - [رېتسىپ خالتىسى]
مەشھۇر دورا لوبوب ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە خىل نۇسخىسى
لوبوب دېگىنىمىز ئەرەپچە مېغىز مەنىسىدە بولۇپ ، مەئجۈنات تەركىبىدىكى بىر خىل مۇرەككەپ دورا تۈرىدۇر ، تەركىبىگە مېغىزلار جىقراق چۈشكەچكە لوبوب(مېغىز) دەپ ئاتالغان . تەييارلاش ئۇسۇلى باشقا مەئجۈن دورىلارنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ. لوبوبنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئۇ باھنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، مېڭە ۋە بۆرەكنى كۈچەيتىپ ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
لوبوبنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ ، رېتسىپ تەركىبى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ
-
2010-10-20
كۆز ئاسراشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇللىرى - [بەش ئەزا كېسەللىكلىرى]
تىكتاك توپ ئويناپ بەرسە، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . تىكتاك توپ ئوينىغاندا ياكى ئۇياقتىن ـ بۇياققا قاڭقىۋاتقان تىكتاك توپقا قارىغاندا، كۆز ئالمىسى ئىختىيارسىز ھالدا تىكتاك توپقا ئەگىشىپ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆز قىسمىنىڭ قان ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆزنىڭ چارچىشىنى تۈگەتكىلى ۋە يەڭگىللەتكىلى، شۇنداقلا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
كۆز چارچىغاندىن كېيىن ئىككى كۆزنى بوش يۇمۇپ ، قىزىتىلغان ئىككى قولنى كۆزگە يېقىپ بېرىش، قول بارماقلىرىنى پىشانىگە قارىتىپ ئالقاننى مەڭىز سۆڭىكىنىڭ ئۆستىگە قويۇش، ھەر قېتىمدا بەش مىنوت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇدا ئىككى قېتىم مۇشۇنداق قىلىش لازىم. يەنە كۆز ئالمىسىنى ھەركەتلەندۈرۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ -
2010-10-18
تاتلىق ئانارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى - [خام دورىلار ھەققىدە]
تاتلىق ئانار
بۇ ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان مىۋىلىك دەرەخ ئانارنىڭ مېۋىسى بولۇپ ، بۇ دەرەخنىڭ پىشقان مېۋىسى ئانار ، ئۇرۇقى ئانار دانە، مېۋە پوستى ئانار پوستى ، چېچىكى ئانار گۈلى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
خېمىيىلىك تەركىبى: مېۋە تەركىبىدە شېكەر ، ئالما كىسلاتاسى، ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە ماي، يۇپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە بىئولوەىيەلىك ئىشقارلار بار.
فارماكولوگىيەلىك تەسىرى: يۈرەك رېتىمىنى ئاستىلىتىدۇ، سۇيۇقلۇق تۇلۇقلاپ تەڭپۇڭلۇقنى نورماللاشتۇرىدۇ، قىزىتما قايتۇرىدۇ.
تەبىئىتى : بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سۇغۇق.
-
2010-10-17
تىببىي ئىلىم ھەققىدە - [كىلاسسىك تېببىي ئەسەرلەر]
تىببى ئىلىم ھەققىدە
قابۇسنامە
ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام : << ئىلىم ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ . ئۇنىڭ بىرى ، ھىپزى سىھھەت ( تىب ) ئىلمى ، يەنە بىرى تۈرلۈك دىنلارنى بىلىش ، تەتقىق قىلىش ئىلمى >> دېگەن ئىدى . بۇ يەردە تىب ئىلمى دىن ئىلمىدىن ئىلگىرى بايان قىلىندى . چۈنكى ،ئىنساننىڭ تېنى ساغلام بولمىسا ، دىننىڭ ئىبادەتلىرىنىمۇ قىلىشقا قادىر بولمايدۇ .ئىنسان ساق - سالامەت بولسا دىننىڭ ئىبادەتلىرىنى ، دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى قىلالايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن تىب ئىلمى ئىلگىرى قويۇلدى . ئەگەر تېۋىپ بولساڭ
-
2010-10-16
ئاياللار كېسەللىكلىرىگە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە خىل مۇرەككەپ رېتسىپلار - [رېتسىپ خالتىسى]
ئاياللار كېسەللىكلىرىگە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە خىل مۇرەككەپ رېتسىپلار
ئىتتىرىفىل چۆبچىن:
تەركىبى: بوزىدان ، پىلپىل، جۇيۇز 15گرامدىن، قىزىلگۈل45گرام، سۆرۈنجان 27 گرام، شاقاقۇل 21 گرام، ئۇستىقۇددۇس، ھېلىلە كابىلى، قارا ھېلىلە ، ئاق بەھمەن ، قىزىل بەھمەن، ئامىلە، زۆرەنباد 30 گرامدىن ، چۆبچىن90گرام ، ھەسەل ئۈچ ھەسسە؛
دورىلارنى قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ ، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن قىلىنىدۇ.
تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: ياللۇغ
-
باش ئاغرىسا، باش ئاغرىقىنى توختىتىش كىرەكمۇ داۋالاشمۇ؟
تەخمىنەن 90% ئادەم ئۆز ئۆمرىدە بىردىن ئاتۇق قېتىم باش ئاغرىقىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر كەبى قاتتىق ئاغرىسا، بەزىدە ئاستا، لېكىن توختىماي ئاغرىيدۇ، كۆپ سانلىق باش ئاغرىقىنى داۋالىغاندىن كېيىن، ئاغرىقى قويۇپ بىرىپ، قېتىم سانى ئازلايدۇ، لېكىن داۋالىغاندىن كىيىنكى ئۈنۈمى ئادەمنى رازى قىلالمايدۇ، تېخى بەزى چاغدا داۋالىغانسېرى ئاغرىيدىغان بوپ قالىدۇ، بۇ زادى نىمە ئىش؟
1. داۋالىماق تەس بولغان باش ئاغرىقى -
ئەپيۇن دېسە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئاۋۋال زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر كېلىشى مۇمكىن.دەر ھەقىقەت بۇ ئەپيۇن دېگەن نەرسە ئىنسانلارغانۇرغۇن زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى.ئەمما بۇنى دەپلا ئۇنىڭ مېدىتسىنادىكى رولىنىمۇ بوش چاغلاشقا بولمايدۇ . بۇ ئەپيۇن ئەپيۈنگۈل ئائىسىدىكى كۆكنارنىڭ خام ۋاقتىدىكى غوزىسىنى تىلىپ قويغاندا ئېقىپ چىقىپ قېتىپ قالغان خورما رەڭلىك ، ئاچچىق تەملىك يىلىمىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ تېبابەتتە خەشخەش ، كۆكنار ئەپيۇن دېگەندەك ناملىرى بار.
ئەپيۇن تەركىبىدە 20 نەچچە خىل ئالكالوئىد بار ، ئەمما كىلىنكىدا ئىشلىتىدىغىنى پەقەت مورفىن، كودېئىن، پاپاۋېرىن ۋە ناركوتىن قاتارلىق تۆت ىىلدىن ئىبارەت. باشقا ئالكالوئىدلارنىڭ مىقدارى ئاز بولغاچقا ، ئەپيۇننىڭ تەسىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ئانچە زور ئەمەس.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر تۆۋەندىكىچە؛
قاتتىق ئاغرىقلار،ئۇيقۇسىزلىق، مېڭە پەردە ياللۇغى، مالىخولىيا، ئىچ سۈرۈش، تولغاق، نەزلىلىك زۇكام، يۆتەل ،زىققە، باش، كۆز ،قۇلاق ئاغرىقى، ئىسسىقتىن بولغان كونا قىزىتما ۋە دەۋرىلىك قىزىتما قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا چىشى چۈشۈپ كېتىش، سۈيدۈكنىڭ كۆپ ۋە ئېچىشىپ كېلىشى، مەنىينىڭ تىز كېتىشى ، قۇلۇنجى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئەمدى بىز ئەپيۇن ھەققىدە بىر خەۋەر كۆرۈپ باقايلى؛
جۇڭگونىڭ ئەپيۇن تېرىش بازىسىنى قانۇنلاشتۇرىشىنىڭ ئىچكى سىرى(1
-
2010-10-13
ئۆپكە راكى ۋە ئۇنى داۋالاش - [ئۆپكە-كاناي كىسەللىرى]
ئۆپكە راكى ۋە ئۇنى داۋالاش
ئۆپكە سەرتانى تېبابىتىمىزدە سەپرا ماددىلىرىنىڭ ككۆپىيىشىيدىن ، سەۋدا ماددىسى ۋە قان ماددىلىرىنىڭ كۆپۈيىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئكپكە ھاۋادىكى چاڭ-توزان، بۇلغانغان ، غىدىقلىغۇچى نەرسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان ئەزا بولغاچقا ، بۇنداق ھاۋالار بىلەن نەپەسلىنىش ۋە ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىش ئۆپكە سەرتانىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تىزلىتىشى مۇمكىن. ئۆپكىدىكى كونا كېسەللەر مەسىلەن ، زاتىررىيە ، ئۆپكە سىلى، بەزىدە كاناي شاخچىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، ئۆپكىدىكى كونا يارا كاۋاكلىرىدىن
-
2010-10-12
سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلارنىڭ دەرىجىگە بۆلۈنۈشى - [خام دورىلار ھەققىدە]
سوغۇق تەبىئەتلىك دورىلارنىڭ دەرىجىگە بۆلۈنۈشى
بىرىنچى دەرىجىدە سۇغۇق تەبىئەتلىك دورىلار:
ئامۇت ، تاتلىق ئانار، ناخۇش ئانار ، ئايناھ ، ئاقاقىيا(يۇيۇلمىغىنى)، بىنەپشە، بىجىن قۇمۇچى، ئاچچىق بىھى، بىخ مارجان، تەمرى ھىندى، ئانار ئۇرۇقى، تاۋۇز، ھەمىشەباھار ئۇرۇقى، ئاق لەيلى، سۈرمە تېشق، ئارپا ، كاسىنە، كەھرىبا، تاتلىق قاپاق، سەي كاۋىسى، كۈمۈشگۈل، موزا،قىزىل مارجان، يېشىل ماش، تۆگەتاپىنى، كۈمۈش ۋە باشقىلار
-
2010-10-11
بىز خېمىيىلىك ماددىلارنى قانچىلىك يەۋاتىمىز4 - [ساقلىق ساۋاتلىرى]
ئالدىنقى قىسىملىرىغا بۇ يەردىن مەرھەمەت قىلىڭ !
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/75519852.htmlكلوگرام تۇخۇ گۆشىدە 130 كلوگرام كولباسا ياسىغىلى بولىدۇ. 100
كۆپچىلىك بەلكىم ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن .100 كلوگرام تۇخۇ گۆشىدە قانداق قىلىپ 130كلوگرام كولباسا ياسىغىلى بولىدۇ؟ ئارتۇق 30 كلوگرامغا نىمە قوشۇلىدۇ؟ بۇنىڭغا دەل ئېغىرلىقنى ئاشۇرىدىغان يېپىشقاق ماتىرىيال ئارىلاشتۇرىلىدۇ.
ئېغىرلىقنى ئاشۇرۇشتا
-
ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنىڭ دەرىجىگە بۆلۈنۈشى
بىرىنچى دەرىجىدە ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار:
ئۈستىقۇددۇس ، ئەپسەنتىن ، قاقىلە ، ئەنجۈر ، بادام شىرىسى، قامغاق ، بادىرەنجىبۇيا، بالەنگۈ، قىزىل ۋە ئاق تۇدرى، سۆئلەپ مىسرى ، چىگىت مېغىزى، گۈلسەۋسەن، شىكائى(تامغاق) شىرخىست ، شىكەر، قەنت ، شاھسېغىرەم(پىھان) قارا ئۈجمە ، ئۇدەس، غارىقۇن، غاپەس ، كۈنجۈت، گاۋزىۋان ، لادەن ، لوۋىيا ، مۇم ، ناخرا،
-
2010-10-10
تاماكا تاشلاشنىڭ بىر يۈرۈش چارە-ئۇسۇلىرى2
بىرىنچى قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ!!
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/77622704.html
6. پارچىلاپ تاماكا سېتىۋالماڭ.7. تاماكا، سەرەڭگە ياكى چاقماقنى يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرمەڭ. 8. تاماكىڭىزنىڭ ماركىسىنى ھەر ھەپتىدە بىر ئالماشتۇرۇڭ، ئەمما يېڭى ماركىدىكى تاماكىنىڭ كوكس مېيى مىقدارى بۇرۇنقى ماركىدىكى تاماكىنىڭكىدىن چوقۇم تۆۋەن بولسۇن. 9. ئىس تەركىبىدىكى زەھەرنىڭ ئۆپكە، بۆرەك ۋە قان تومۇرغا يەتكۈزىدىغان زىيىنىنى دائىم مۇلاھىزە قىلىڭ.
10. تاماكا پۇرىقىنىڭ نەپەسلىنىش، كىيىم-كېچەك ۋە ئۆي ئىچىدىكى بىساتلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىڭ. -
2010-10-10
تاماكا تاشلاشنىڭ بىر يۈرۈش چارە ئۇسۇللىرى 1 - [ساقلىق ساۋاتلىرى]
تاماكا تاشلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ شەرت
تاماكا چەككۈچىلەر تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى چۈشەنگەن ھامان، كۆپىنچىسىدە تاماكا تاشلاش ئويى تۇغۇلىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشى ھەمىشە قەتئىي ئىرادىگە كېلەلمىگەنلىكتىن تاماكا تاشلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسالمايدۇ. پائالىيەت پېنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىرادە، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ماھارەت مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ شەرت ئىكەن.
-
2010-10-09
ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىياتقۇ راكى - [ئاياللار كېسەللىكلىرى]
بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكى ئاياللاردىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆسمە كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە شۇ دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدا بۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. شۇنداقلا بۇ كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولماقتا . تەتقىقات ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا ، دۇنيادىكى بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ %80 ى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە بولۇپ ، بۇ كېسەللىك بۇ دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە
-
2010-10-08
تېببىي ئۇچۇرلار10-8 - [تېببىي ئۇچۇرلار]
تېببىي ئۇچۇرلار
چەتئەللەردىكى كۆپ تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ئايان بولۇشچە ، سولخايلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى
يۇقىرى بولىدىغان بولۇپ ، داڭلىق ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرسى سولخاي ئىكەن . ئامرىكىىدىكى بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا سولخايلارنىڭ ئاچچىقى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن يامان
-
2010-10-07
خىلىت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]
خىلىت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر
ئىنسان بەدىنىدىكى خىلىتلار ئۆزىنىڭ تەركىبى، تەبىئىتى ۋە ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق بەدەننىڭ بىئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى، قىياپىتى ۋە ھەرىكىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، يەنە زاھىر بولىدىغان ياكى ئىككىنچى بىر ئىنسانغا زاھىر بولمايدىغان پسىخولوگىيىلىك مىزاج – خۇلقى ھەم يۇشۇرۇن ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىپ ياكى
-
2010-10-06
بۇغداي ئۇنى ۋە بۇغداي نېنى - [خام دورىلار ھەققىدە]
بۇغداي دۇنيادىكى دانلىق زىرائەتلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان ئۇزۇقلۇقلارنىڭ بىرى ، ئۇنىڭ تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق ياكى مۆدىتىل . بۇغداي ئىنساننىڭ مىزاجىغا ناھايىتى مۇۋاپىق بولۇپ ھاياتلىقتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ .(رىۋايەتلەردىكى ئادەم ئاتىمىز بىلەن ھاۋا ئانىمىز يېگەن چەكلەنگەن مېۋىنى بۇغداي دەيدىغان قاراش بىلەن ئادەم ئاتىمىز زىمىندا كالا بىلەن تېرىقچىلىق قىلغاندا تېرىغان زىرائەتنىڭ بۇغدايلىقىدىن
-
2010-10-05
گۈرۈچنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى - [خام دورىلار ھەققىدە]
گۈرۈچنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى بۇغدايغا قارىغاندا بىر ئاز تۆۋەنرەك بولىدۇ . گۈرۈچ تەركىبىدە كىراخمال %75 نى ، ئاقسىل % 8 نى ، ياغ %1.5 – 0.5 نى ئىگەللەيدۇ . يەنە ۋىتامىن ب1 گۇرۇپپىسىدىكى ۋېتامىنلار مول ، نۇرغۇن ئورگانىك كىسلاتالار ، ئۈزۈم قەنتى ، مېۋە قەنتى قاتارلىق يەككە قەنتلەر بار . ئادەتتە بۇغداي ، ئارپا ئىستىمال قىلغۇچىلارغا قارىغاندا گۈرۈچ ئېستىمال قىلغۇچىلارنىڭ تېنى ئاجىز ھەم سۇست ، بوشراق كېلىدۇ . لېكىن ، ياخشى پىشۇرۇلسا ھەزىم قىلىنىشى ياخشى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاشقازان ، ئۈچەي كېسەللىكى بارلارغا ياخشى پىشۇرۇلغان گۈرۈچتە تەييارلانغان ئاق ئاش مۇۋاپىق كېلى
-
2010-10-03
كەڭ تورداشلارغا - [تېببىي ھېكايەتلەر]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار :
گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتتىم . نەق گەپنىلا دەۋىرەي ؛
ئوغۇل – قىزلاردىكى جەلق ( ئانانىزىم) ئادىتى ۋە ھەمجىنىسلار ھەققىدە ئەمەلىيراق بولغان ماتىرىيال تەييارلاش نىيىتىم بار ئىدى .بۇنى ئاكا يوللۇق كۈيۈمچانلىرىمىزمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ۋە تور دۇنياسىدىكى مۇڭداشقۇ ۋە مۇنازىرە مۇنبەرلىرى ئارقىلىق ماتىرىيال يىغىشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى
-
2010-10-01
خىلىت ۋە نىسپىي تەڭپۇڭلۇق - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]
خىلىت ۋە نىسپىي تەڭپۇڭلۇق
خىلىتلار مىقدار، سۈپەت، رول ئېتىبارىدىن بىر – بىرىدىن قىممەتلىك بولۇشى بىلەن ئىنساننىڭ شەرىپى ۋە خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھېچبىرى ياخشى – يامان دەپ ئايرىلمايدۇ ۋە ئايرىلماسلىقى لازىم. ئىنساننى مەلۇم خىلىتنىڭ نىسپىي ئۈستۈنلۈكى نەتىجىسىدە ئىپادىلەنگەن پسىخولوگىيىلىك ھالەت ئۇقۇمىنى ياخشى – يامانلىق ئۇقۇمى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋتىپ باھالاشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى خىلىتلار زامان، ماكان، يېمەك – ئىچمەك، ھاۋا شارائىتى تۈپەيلىدىن ھاسىل بولىدىغان تۇغما نەرسە بولۇپ، ئۇ يەنە مەلۇم تۇرمۇش ئادىتى بىلەن رايون ۋە مىللەت تۈسىگە ئىگە بولىدۇ.
تۆۋەندە خىلىتلارنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆرسىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلىدۇ.