-
مەشھۇر دورا لوبوب ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە خىل نۇسخىسى2 - [رېتسىپ خالتىسى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/81006003.html
لوبوبى ئەكبەر
بادام مېغىزى 50گرام پىستە مېغىزى 36 گرام
تۇخۇم سېرىقى 12 دانە كەپتەر تۇخۇمى 30 دانە
زاغۇن ئۇرۇقى 20 گرام چىلغۇزا مېغىزى 20 گرام
ئۆرۈك مېغىزى 20 گرام ياڭاق مېغىزى 20 گرام
چىللىمىغان قارا خوراز ئۇمۇرتقىسى 50 گرام
شاقاقۇل مىسرى 12 گرام سۆئلەپ مىسرى 12 گرام
قەلەمپۇر 12گرام قىرقىلغان پىلە 15گرام
ئاق بەھمەن 12گرام قىزىل بەھمەن 12گرام
زەپەر خەمىكى 6گرام بادىرەنجىبۇيا 7گرام
قۇغۇن مېغىزى 12گرام سازەنج ھىندى 9 گرام
بوزىدان 6گرام سۆرۈنجان 6گرام
بەسباسە6گرام كاۋاۋىچىن 6گرام
دارچىن 6گرام زۆرەنباد 6گرام
بىدە ئۇرۇقى 6گرام سەۋزە ئۇرۇقى 6گرام
چامغۇر ئۇرۇقى 6گرام ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى 6گرام
لاچىندانە ھىندى 20 گرام مەستىكى رۇمى20گرام
پىندۇق مېغىزى 10 گرام ھەببى زەلەم مېغىزى10گرام
ھەببەتۇلخۇزرا 10گرام ھەببى قەلقەل 10 گرام
قۇشقاچ مېڭىسى 15 گرام بۇقا چۈيىسى 120 گرام
جۇيۇز 10 گرام پەنىرمايە 20 گرام
قىزىل ياقۇت 9 گرام شاخ مارجان 12 گرام
زەنجىۋىل 12 گرام ئاقىرقەرھا 10 گرام
ئەنبەر 7 گرام ئىپار 3گرام
ئالتۇن ۋەرەق 30 دانە كۈمۈش ۋەرەق 50 دانە
چىگىت مېغىزى 10 گرام زاراڭزا مېغىزى 10گرام
زەپەر 5گرام قۇندۇز قەھرى 5 گرام
پاناس گۈل ئۇرۇقى 3 گرام ھەليۇن ئۇرۇقى 3گرام
مەرۋايىت 12 گرام ئادەمگىياھ 12 گرام
سۆئلەپ مۇرابباسى100گرام ياڭاق مۇرابباسى 10گرام
قۇم بېلىقى 15گرام سەقەنقۇر 20 گرام
قۇشقاچ گۆشى 50 دانە ھەسەل ئىككى ھەسسە
لوبوب تەييارلاش قائىدىسى بويىچە تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى : مۇرەككەب، بەزىلەر ھۆل ئىسسىق دەيدۇ.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : مىڭە ، يۈرەك ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ. مەنىينى كۈچەيتىدۇ، باھنى قوزغايدۇ. رەئىس ئەزالار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان باھ زەئىپلىشىش، مەنىي ئازىيىپ كېتىش، ئۇمۇمىي بەدەن ۋە بۆرەكنىڭ ئۇرۇقلاپ كېتىشى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى تاماقتىن كېيىن 10 گرامدىن.
لوبوبى مۇقەۋۋى دىماغ
بادام مېغىزى 15گرام ئادەمگىياھ 13 گرام
ئۈرۈم مېغىزى 15گرام قىزىلگۈل 10 گرام
ياڭاق مېغىزى 15گرام قەلەمپۇر 10 گرام
قۇغۇن مېغىزى 15گرام گاۋزىۋان 8 گرام
تاۋۇز مېغىزى 15گرام قۇشقاچ مېڭىسى 12گرام
ھەببى زەلەم 15گرام بادىرەنجىبۇيا 8گرام
سېرىق ھېلىلە 15 گرام مېھرىگىيا 12 گرام
كابۇل ھېلىلە 15گرام ئەنبەر ئەشھەب 8گرام
رەيھان ئۇرۇقى 12گرام نارمىشكى 12 گرام
جۇيۇز 15گرام بىستىپايەج 12 گرام
بەسباسە 15گرام پەرەنجىمىشكى 12 گرام
بۇغا مۈڭگۈزى 20 گرام ئۈستىقۇددۇس 10 گرام
ئەپتىمۇن 7گرام سۇمبۇل رۇمى 15گرام
مەرۋايىت 15گرام ئۇد ھىندى 10 گرام
زەپەر 10 گرام ئىپار يەتتە گىرام
زۆرەنباد 15گرام دارچىن 10 گرام
مېۋىلەر شەربىتى بىر ھەسسە ھەسەل ئىككى ھەسسە
تەييارلىنىشى : مېغىز دورىلار ئايرىم سوقۇلىدۇ، زەپەر ، ئىپار ، ئەنبەرلەردىن باشقا دورىلارنىڭ ھەممىسى يۇمشاق سوقۇلۇپ مېغىزلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئاخىرىدا ئىپار، ئەنبەر ، زەپەرلەر سالايە قىلىنىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى ھەسسە ھەسەلنى قىزدۇرۇپ ، كۆپۈكىنى ئېلىپ ، ئۈستىگە مېۋىلەر شەربىتى قۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرىقى تالقانلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ مەجۈن ياسىلىدۇ.
تەبىئىتى : ئىسسىق.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : مېڭىنى كۈچلەندۈرۈش، ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مېڭە ۋە يۈرەك ، بولۇپمۇ جىگەر ۋە ئاشقازان ، بۆرەك ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان باھ زەئىپلىشىشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن 6-9 گرامغىچە.
مەجۈنى لوبوب
بادام مېغىزى9گرام پىندۇق9گرام
نارجىل9گرام ھەببى زەلەم9گرام
چىلغۇزا9گرام قارىغاي مەدىكى ئۇرۇقى9گرام
زەنجىۋىل27گرام پىلپىل27گرام
نارمىشكى 27گرام خولىنجان27گرام
شاقاقۇل27گرام ھەسەل 2.5ھەسسە
قائىدە بويىچە مەجۈن قىلىنىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: مەنىي ئازىيىپ ۋە سۇيۇلۇپ كېتىش، جىنسىي ئاجىزلىق قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ. مەنىي كۆپەيتىدۇ ۋە باھنى كۈچەيتىدۇ.
لوبوبى كەبىر
پىستە مېغىزى 17.5گرام پىندۇق مېغىزى 17.5گرام
بادام مېغىزى 17.5گرام ياڭاق مېغىزى 17.5گرام
ھەببەتۇلخۇزرا 17.5گرام ھەببىزەلەم 17.5گرام
چىلخۇزا 17.5گرام قۇل بېلىقى 17.5گرام
خولىنجان 17.5گرام شاقاقۇل 17.5گرام
داڭسىڭ 17.5گرام داڭگۇي 17.5گرام
قىزىل تۇدرى 17.5گرام سېرىق تۇدرى 17.5گرام
زەنجىۋىل 17.5گرام قوۋزاقدارچىن 17.5گرام
ئاقلانغان كۈنجۈت 17.5گرام سۇمبۇل 10.5 گرام
قەلەمپۇر 10.5 گرام كاۋاۋىچىن 10.5 گرام
پانۇس گۈل ئۇرۇقى10.5 گرام سەئدى كۇفى 10.5 گرام
ئەكەك سەۋزە ئۇرۇقى10.5 گرام تۇرۇپ ئۇرۇقى 10.5 گرام
پامغۇر ئۇرۇقى 10.5 گرام پىياز ئۇرۇقى 10.5 گرام
ھەليۇن ئۇرۇقى10.5 گرام ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى 10.5 گرام
دۇرنەج ئەقرەبى10.5 گرام بوزۇغا 10.5 گرام
جۇزبۇۋا7گرام بەسباسە7گرام
ئۆشنە7گرام پىلپىل7گرام
سۆئلەپ مىسرى 35گرام قۇشقاچ مېڭىسى 35گرام
يېڭى نارجىل 35گرام خەشخەش ئۇرۇقى 35گرام
بۇقا چۈيىسى15گرام تۆگە ئۇغۇز سۈتى15گرام
سۆرۈنجان15گرام بوزىدان15گرام
تاغ يالپۇزى15گرام مەستىكى15گرام
زەپەر15گرام ئەنبەر ئەشھەب 5گرام
ئالتۇن ۋەرەق 30 دانە كۈمۈش ۋەرەق 50 دانە
خالىس ئىپار 2.5 گرام چەككىلەنگەن ھەسەل ئۈچ ھەسسە
خۇسۇسىيىتى: بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، باھنى كۈچەيتىپ ، مەنىي كۆپەيتىدۇ، يۈرەك ۋە مېڭىنى كۈچلەندۈرىدۇ، كۆڭۈلگە خۇشاللىق كەلتۈرىدۇ ۋە بەدەننى سەمرىتىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈندە 10 – 15 گرامغىچە.
لوبوبنىڭ يەنە بىر نەچچە نۇسخىسى قالدى ئۇنى كىيىنكى يازمىدا كەلتۈرىمىز.
收藏到:Del.icio.us