www.4tadu.com
  • جۇڭگونىڭ ئەپيۇن تېرىش بازىسىنى قانۇنلاشتۇرىشىنىڭ ئىچكى سىرى(1) - [تېببىي ئۇچۇرلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/78457162.html

     

    ئەپيۇن دېسە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئاۋۋال زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر كېلىشى مۇمكىن.دەر ھەقىقەت بۇ ئەپيۇن دېگەن نەرسە ئىنسانلارغانۇرغۇن زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى.ئەمما بۇنى دەپلا  ئۇنىڭ مېدىتسىنادىكى رولىنىمۇ بوش چاغلاشقا بولمايدۇ .  بۇ ئەپيۇن ئەپيۈنگۈل ئائىسىدىكى كۆكنارنىڭ خام ۋاقتىدىكى غوزىسىنى تىلىپ قويغاندا ئېقىپ چىقىپ قېتىپ قالغان خورما رەڭلىك ، ئاچچىق تەملىك يىلىمىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ تېبابەتتە خەشخەش ، كۆكنار ئەپيۇن دېگەندەك ناملىرى بار.

    ئەپيۇن تەركىبىدە 20 نەچچە خىل ئالكالوئىد بار ، ئەمما كىلىنكىدا ئىشلىتىدىغىنى پەقەت مورفىن، كودېئىن، پاپاۋېرىن ۋە ناركوتىن قاتارلىق تۆت ىىلدىن ئىبارەت. باشقا ئالكالوئىدلارنىڭ مىقدارى ئاز بولغاچقا ، ئەپيۇننىڭ تەسىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ئانچە زور ئەمەس.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر تۆۋەندىكىچە؛

    قاتتىق ئاغرىقلار،ئۇيقۇسىزلىق، مېڭە پەردە ياللۇغى، مالىخولىيا، ئىچ سۈرۈش، تولغاق، نەزلىلىك زۇكام، يۆتەل ،زىققە، باش، كۆز ،قۇلاق ئاغرىقى، ئىسسىقتىن بولغان كونا قىزىتما ۋە دەۋرىلىك قىزىتما قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا چىشى چۈشۈپ كېتىش، سۈيدۈكنىڭ كۆپ ۋە ئېچىشىپ كېلىشى، مەنىينىڭ تىز كېتىشى ، قۇلۇنجى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەمدى بىز ئەپيۇن ھەققىدە بىر خەۋەر كۆرۈپ باقايلى؛

     

    جۇڭگونىڭ ئەپيۇن تېرىش بازىسىنى قانۇنلاشتۇرىشىنىڭ ئىچكى سىرى(1

     

     

    «ئەمدى بىز ئاممىنىڭ پاش قىلىشىدىن قورقمايمىز، ساقچىنىڭ كېلىپ تۇتۇشىدىنمۇ قورقمايمىز، زەھەر ئوغرىلىرىدىن مۇداپىئە كۆرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق». گەنسۇ ئۆلكىسى مىنچىن ناھىيىسى چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ بىر تارمىقىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانى ئىشچىسى يۈرەكلىك ھالدا300مو يەر كۆتىرەگە ئېلىپ، ھەممىسىگە ئەپيۇن تېرىدى. 6-ئايدا، ئاپئاق ئەپيۇن غوزىكى گۈل ئېچىلىپ، كۆز يەتكۈسىز ئەپيۇن گۈللىرى قۇياش نۇرىدا يەلپۈنۈپ تۇرىدۇ.

    ياڭ جىيەنجوۋ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى يولدا تۇرۇپلا ئەپيۇنزارلىقنى كۆرەلەيدۇ. ئۇ چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئەپيۇن تېرىغۇچىسى، بۇ يىل30مو ئەپيۇن تېرىدى، باشقا دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ ئاز دېگەندە 10مودىن ئەپيۇن تېرىدى. مۇنداق چوڭ ئەپيۇنزارلىقى بار دېھقانچىلىق مەيدانى يەنە ئىككى يەردە بار، چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تەخمىنەن1000مو ئەپيۇنزارلىقى بار.

    بۇ كۈنلەردە، ياڭ جىيەنجوۋ دائىم ئېتىز بېشىغا قاتراپ كۆزەت قىلدى، ئۈچ ئايلىق ئوتىنى ئوتاش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش ئارقىلىق، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىردا يىلدا بىر كېلىدىغان ئالدىراش مول-ھوسۇل ئېلىش كۈنلىرىنى كۈتۈۋالدى.

    ئەپيۇننىڭ كۈچلۈك پۇرىقى چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا تۇتۇشىدىغان يولغىچە يېتىپ كېلەتتى، يولدىن ئۆتكەنلەر ئىختىيارسىز بېشىنى ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن چىقىرىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئەپيۇنزارلىققا كۆز يۈگۈرتەتتى، ئەمما ئۇلار ئەپيۇنزارلىققا يېقىنلىشىشتىن قورقاتتى، چۈنكى ئەپيوننىڭ غوزىسىدا بىر خىل جان ئالغۇچ زەھەر بار ئىدى.

    «سەنمۇ يېقىنلىشالمايسەن»دېدى دېدى ياڭ جىيەنجوۋ سىرلىق قىلىپ، دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى پاختا، قىچا بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ئەپيۇنزارلىقنىڭ تۆت ئەتراپى مۇستەھكەم تۆمۈر تور سىم بىلەن قاپسالغان ئىدى. تۆمۈر تور سىمنىڭ سىرتىدا چىرمىشىپ كەتكەن تېرەكلىك تەبىئىي توسۇق ھاسىل قىلىپ، ئەپيۇنزارلىقنى ئايرىپ تۇراتتى. ئەپيۇنزارلىققا كىرىدىغان بىردىنبىر ئېغىزدا چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى پوستتا تۇرىدۇ. ياڭ جىيەنجوۋنىڭ دېيىشىچە، ئەپيۇن تېرىغۇچىلارمۇ خالىغانچە ئادەم ئەگەشتۈرىۋېلىپ كىرىپ-چىقىپ قىلالمايدىكەن.

    ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىملار ئالمىشىپ تۇرۇپ ئەپيۇنزارلىقنى24سائەت كۆزەت قىلىدۇ، مۇنداق بولغاندا ئەپيۇن تېرىغۇچىلارمۇ خاتىرجەم بولىدۇ. ئەمما ھەر يىلى6-ئاينىڭ26-كۈنى خەلقئارالىق زەھەر چەكلەش كۈنى يېتىپ كەلسە، ھەر قايسى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ۋە ئەپيۇن تېرىش رايونلىرىنى ۋەيران قىلىش ھەركىتى قوزغايدۇ. ساقچىلار ئەپيۇن تۈپىنى بايقاپ قالسىلا ئۈزۈپ تاشلايدۇ، قىلچە رەھىم قىلماي يىلتىزىدىن يوقىتىپ تاشلايدۇ.

    مىنچىننىڭ يوللىرىدىكى«يەرگە ئەپيۇن تېرىساڭ ئاسماندا كۆرەلەيدۇ»دېگەن كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان شوئارلار يەرلىك دېھقانلارنى ۋە يولدىن ئۆتكۈچىلەرنى ھەر ۋاقىت ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ،

    ياڭ جىيەنجوۋنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ كانىيىدا ھەر كۈنى زەھەر چەكلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ، رادىئو ئىستانسىسى خادىملىرى «زەھەر چەكلەش قانۇنى»نىڭ ماددىلىرىنى زېرىكمەي-تېرىكمەي تەشۋىق قىلىدۇ. دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئۆيلەرنىڭ تاملىرىغا، توك سىمى تۈۋرۈكلىرى قاتارلىق ھەممە يەرگە شوئارلار يېزىلغان.

    چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچىلار بۇلارغا ياد بولۇپ كەتكەن، لېكىن 90نەچچە ئۆيلۈك دېھقانچىلىق مەيدانى ئىشچىسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەپيۇن تېرىيدۇ ھەمدە تېرىغىلى30يىل بولاي دېدى. ياڭ جىيەنجوۋ ئۆزىنىڭ زەھەر تېرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ، لېكىن ئازراقمۇ گۇناھ تۇيغۇسى يوق، ئەكسىچە مەيدىسىنى كېرىپ تۇرۇپ:«بىزنىڭ قانۇنسىز ئەمەس»دېدى. لېكىن بۇ گەپكە ئىشىنىش تەس بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قەتئىيلىك بىلەن:«بىز قانۇنلۇق تېرىدۇق»دېدى.

     

                ئەپيۇن زەھەر ئەمەس، بەلكى ئالاھىدە دورا ماتىرىيالى

    ياڭ جىيەجوۋنىڭ بۇ دەرەخ بىلەن قاپلىغان يېرى ئەسلىدە ئەتراپى قۇملۇق، ھېچنىمە ئۈنمەيدىغان شورلۇق ئىدى. ئىچكى موڭغۇلنىڭ تەڭرى قۇملۇقى ۋە بادانجىرىن قۇملىقى ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەپيۇنزارلىق قۇملۇقنىڭ مەركىزىدىكى بىر پارچە بوستانلىق.

    جايلاشقان ئورنى شىمالىي كەڭلىك30-50گىرادوس ئارىلىقىدا بولغاچقا، يەنە كېلىپ يازدا ئىسسىق، قىشتا سوغاق، كېچە-كۈندۈزلۈك تېمپراتورا پەرقى چوڭ، كۈننىڭ يورۇتىشى يېتەرلىك بولۇشتەك ئۆزگىچە كىلىماتى ۋە جۇغراپىيىلىك ئامىل بولغاچقا، بۇ جاي ئەپيۇن ۋە كەندىر قاتار زەھەر خام ئەشياسى قىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ئىگەللىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، تېرىش، زەھەر ئىستىمال قىلىش گەنسۇ ھەمدە ئەتراپىدىكى چىڭخەي(كۆكنۇر)تاغلىق رايونلىرىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىدىكەن. گەنسۇ ئازاد بولۇشتىن ئىلگىرى خەلقئارا ۋە جۇڭگونىڭ زەھەر ئەسكەتچىلىرىنىڭ مۇھىم ئۆتۈشمە يولى بولغان، خېشى كارىدورى ئەينى چاغدا يىپەك يولىدىكى ئەپيۇن يولى بولۇپ قالغان.

    چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى كۆپ قىسىم ئىشچىلار ئەپيۇننىڭ«خىروئىن ئانىسى» ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ....  ئەپيۇن غوزىسى پىششىقلاپ ئىشلەنگەندىن كېيىن ئەپيۇن ۋە خىروئىن قاتارلىق بۈگۈنكى دۇنيادا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن زەھەرلىك چېكىملىككە ئايلىنىدۇ.

    ئەمما ئەپيۇننىڭ يەنە بىر تەرىپى كىشىلەرگە ناتونۇش، ياڭ جىيەنجوۋ :«بىزنىڭ تېرىغىنىمىز دورا ماتىرىيالى، زەھەر ئەمەس»دېدى، ئەپيۇن دورىلىق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئۆسۈملۈك، تىبابەتتە ئىشلىتىدىغان مورفىن ۋەكودېئىن لار ئەپيۇندىن ئېلىنىدۇ. ھەر يىلى چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا تېرىلغان ئەپيۇنلار دۆلەت تەرىپىدىن بىر تۇتاش سېتىۋېلىنىپ ناركوز دورىسى ۋە نېرۋا دورىلىرىنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ.

    ئىگەللىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيادا پەقەت ئالتە دۆلەتنىڭلا قانۇنلۇق ئەپيۇن تېرىشىنى تەستىقلىغان، جۇڭگو بۇرۇنلا دورىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەپيۇننى قانۇنلۇق تېرىسا بولىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان. ئەمما ئاددىي پۇقرالاردىن تارتىپ ھۆكۈمەتكىچە ئەپيۇنغا بولغان قارىشى ناھايىتى مۇرەككەپ. جۇڭگو ئەپيۇن تېرىشنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ، دورا ۋە پەن تەتقىقاتقا ئىشلىتىشتىن سىرت، تېرىشنى بىردەك چەكلەيدۇ.

    نۆۋەتتە، جۇڭگودىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق ئەپيۇن تېرىش بازىسى گەنسۇدا، گەنسۇ نوڭكېن گۇرۇھى چەكلىك شېركىتى پۈتۈن جۇڭگودىكى دورا ماتىرىيالى قىلىدىغان ئەپيۇننى بىردىنبىر تېرىغۇچى، پىششىقلاپ ئىشلىگۈچى ۋە تەقسىم قىلغۇچى ئورۇن.

    «ئەمما بۇلار سىرتقا ئېلان قىلىنمايدۇ، بۇ دۆلەت مەخپىيەتلىكى»گەنسۇ نوڭكېن گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى بىر زاتنىڭ ئاشكارلىشىچە، بۇ بىر ئالاھىدە كەسىپ بولۇپ، گەنسۇ نوڭكېن گۇرۇھى بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە دورا بىخەتەرلىك باشقۇرۇش باشقارمىسى قۇرغان بولۇپ، ئەپيۇن تېرىش، يىغىش، ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلىرىدا ھەر خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللانغان ھەمدە قاتتىق مەخپىيەتلىك ھالىتىدە تۇرغان. ئۇلار دېھقانچىلىق مەيدانىغا تېرىلغان ئەپيۇنلارنى سىرتتىكىلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى، «بولۇپمۇ زەھەر ئەسكەتچىلىرى بىلىپ قالسا چاتاق، ئۇلار بىر ئامال قىلىپ ئوغۇرلايدۇ».

    ئالاھىدە دورا بىخەتەرلىك باشقارمىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار ھەتتا ئىچكى قىسىم مەخپىيەتلىكى تەسىس قىلغان بولۇپ، ھەرقانداق ئۇچۇرنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان. گەنسۇ نوڭكېن گۇرۇھى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جاۋروڭ:«نۇرغۇن دوستلىرىم بىزنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمىزنى ئۇقمايدۇ، خىزمەتداشلىرىممۇ ھەم شۇنداق»دېدى. ئەپيۇن تېرىيدىغان دېھقانچىلىق مەيدانلىرىمۇ سىرتتىكىلەرگە تېرىغان نەرسىسىنىڭ ئەپيۇن ئىكەنلىكىنى ئەزەلدىن دەپ باقمىغان. ئۇلار«يۈزىنچى نومۇر»دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى ئەپيۇننىڭ ئۆسۈپ يېتلىشى 100كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ.

    جۇڭگودىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق ئەپيۇن تېرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەنسۇ نوڭكېن گۇرۇھى قارمىقىدا قانچىلىك دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانى ئەپيۇن تېرىيدۇ، ئەپيۇن تېرىش كۆلىمى قانچىلىك چوڭلۇقتا دېگەندەك سانلىق مەلۇماتلار نۆۋەتتە دۆلەت مەخپىيەتلىكى بولۇپ، سىرتقى جامائەتچىلىك ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ.

    ئاشكارلانغان ماتىرىياللاردىن قارىغاندا، گەنسۇ نوڭكېن گۇرۇھىنىڭ قارمىقىدا 10نەچچە دېھقانچىلىق مەيدانى بولۇپ، ئاساسلىقى گەنسۇنىڭ غەربىي شىمالى، خېشى كارىدورى بەلبېغىغا جايلاشقان. چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىن سىرت، جىڭتەي ناھىيىسى تىياۋشەن دېھقانچىلىق مەيدانى، يوڭچاڭ ناھىيىسى بىرىنچى ئاۋغۇسىت دېھقانچىلىق مەيدانى، ۋۇۋېي شەھىرى جەرەن دەرياسى دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بىردەك ئەپيۇن تېرىيدۇ. نۆۋەتتە پەقەت ئىچكى موڭغۇل بىلەن نىڭشا ۋە گەنسۇنىڭ چېگرىسى ھىساپلانغان تەڭرى قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى چېتىگە جايلاشقان تىياۋشەن دېھقانچىلىق مەيدانىلا توردا جۇڭگودىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق ئەپيۇن تېرىش بازىسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى.

    گەرچە گەنسۇ نوڭكېن گۇرۇھى ئىچكى قىسىمى ئەپيۇنغا قارىتا قاتتىق سىر ساقلىسىمۇ، كۆپ قىسىم كىرا ماشىنىسى شوپۇرلىرى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ قەيەردە ئەپيۇنگۈل تېرىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۇلارغىمۇ ئەپيۇنگۈلنىڭ ئەپيۇن ئىكەنلىكى ئېنىق. پەقەت بىرى سۈرۈشتە قىلسىلا ، ئۇلار سۈرۈشتە قىلغان ئادەمنى ئەپيۇن ئېتىزىنىڭ يېنىغا باشلاپ بارىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەپيۇن تېرىش بازىسىنىڭ تۈزۈملىرى ئۇلار ئېيتقاندەك ئۇنداق قاتتىق ئەمەس.

     

                «ئەپيۇننى دۆلەت ئۈچۈن تېرىدۇق»

    ھەر يىلى چاغاننىڭ15-كۈنىدىن كېيىن، چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئەپيۇن تېرىغۇچىلار ئەپيۇن تېرىشنى باشلايدۇ، باشقا تېرىلغۇ زىرائەتلىرىگە قارىغاندا، ئەپيۇننىڭ تېرىش ۋاقتى نىسبەتەن بالدۇر.

    ياڭ جىيانجوۋنىڭ دېيىشىچە، ئەپيۇن تېرىش ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاسان ئىكەن، ئەپيۇننى تىكىش ياكى مايسا قىلىپ كۆچۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، پەقەت ئەپيۇننىڭ ئۇرۇقىنى ئېتىزغا چېچىپ قويسىلا بولىدىكەن. تېرىشتىن ئىلگىرى، ئەپيۇن تېرىغۇچىلار جەدۋەل تولدۇرغاندا تېرىش كۆلىمى تاپشۇرىدۇ، چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانى تېرىش كۆلىمىگە ئاساسەن ئۇرۇق بېرىدۇ. سەھەر سائەت يەتتىدىن باشلاپ، ئەپيۇن ئۇرۇقىنى گەنسۇ نوڭكېن گۇرۇھى مەخسۇس ئادەم بىلەن ئەۋەتىپ بېرىدۇ، چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ماشىنا بىلەن ئېتىز بېشىغا توشۇيدۇ. ئەپيۇن تېرىغۇچى ئىشچىلارنىڭ دېيىشىچە، ۋۇۋېي شەھىرى جەرەن دەرياسى بازىرىدا ئالاھىدە بىر دورا ياساش زاۋۇتى بار ئىكەن، ئەپيۇن ئۇرۇقىنىڭ كۆپ قىسىمىنى شۇ يەردىن يۆتكەپ كېلىدىكەن.

    تېرىغان چاغدا، دورا ياساش زاۋۇتىنىڭ خادىملىرى ئۇرۇق تېرىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىپ تېرىيدۇ. بۇ يەردە ئەپيۇن تېرىش ماشىنلاشقان، ئادەم كۈچى لازىم قىلمايدۇ. چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىمۇ ئەپيۇن تېرىغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تېرىشىغا يول قويمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەپيۇن ئۇرۇقىنى يوقىتىپ قويۇپ، خەلق ئارىسىدا قانۇنسىز تېرىلىشتىن ئەنسىرەيدۇ.

    ياڭ جىيەنجوۋ:«بىز پەقەت دېھقانچىلىق مەيدانى بەلگىلەپ بەرگەن، جايدا، بەلگىلەنگەن تېرىش كۆلىمىدە ئەپيۇن تېرىيمىز، ئەگەر باشقا جايدا ئوغرىلىقچە تېرىساق قانۇنسىز تېرىغان ھېسابلىنىدۇ»دېدى.

    كەچقۇرۇن سائەت ئالتە بولغاندا، تېرىغۇچى خىزمەتچى خادىملار ئۇرۇق ئاشكارلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇرۇق تېرىش ماشىنسىنى پاك-پاكىز سۈپۈرۈپ، تازىلاپ تاشلايدۇ. ئۇلار دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچىلارنىڭ ئۇرۇقنى تېپىۋېلىپ باشقا جايلاردا ئوغرىلىقچە تېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ ھەم تېپىۋالغان ئۇرۇقنى باشقا جايلارغا سېتىپ بېرىشىدىن قورقىدۇ.

    6-ئاينىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدا تېرىلغان ئەپيۇنلار ئېچىلىشقا باشلايدۇ. ئەمما ياڭ جىيەنجوۋ ئەپيۇن گۈلى دېڭىزىغا قارىغىندا مول-ھوسۇل ئېلىش ئىشەنچىسى ئانچە يوق. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھەربىر ئەپيۇن تېرىغۇچى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ رەھبەرلىكىدە تېرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان، ۋەزىپىسى بولسا ھەر مو ئەپيۇن مەھسولاتىنى چوقۇم75كىلوگىرامغا يەتكۈزۈش. ۋاقتىدا ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمىسا، ئەپيۇن تېرىغۇچىلار تەنقىدلىنىدۇ ھەمدە ماس ھالدا ئىقتىسادىي جازاغا ئۇچرايدۇ.

    مۇنداق ۋەزىپىگە قارىتا، كۆپ قىسىم دېھقانچىلىق مەيدانى ئىشچىلىرى ئالاھىدە دورا ماتىرىيالى دۆلەتنىڭ بىردىنبىر بۇيرۇق خاراكتېرىدىكى پىلانلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ، ھەريىللىق تەمىنلەش مىقدارى بېكىتىلگەن سان بولىدۇ. ئۇلار:«ئەگەر بىز ئىشلەچىقىرىش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلمىساق تەمىنلەشكىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، ۋاقتى كەلگەندە چاتاق چىقىدۇ»دېدى.

    ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، بىر مو يەرگە تەخمىنەن10مىڭ تۈپ ئەپيۇن تېرىغىلى بولىدۇ، ياڭ جىيەنجوۋ تېرىغان ئەپيۇنلارنىڭ مو بېشى مەھسولاتى70-80كىلوگىرام ئەتراپىدا، مول-ھوسول ناچار بولغان يىللاردا پەقەت50-60كىلوگىرام بولغان.

    «ئەگەر مو بېشى مەھسولاتى60كىلوگىرام ئەپيۇن غوزىسى، بىر يىل بىكارغا ئىشلىگەن بولىسەن ، دەسمايىسىنىمۇ قايتۇرۇۋالالمايسەن»دېدى ياڭ جىيەنجوۋ ھېسابلاپ كۆرۈپ، ھەر مو ئەپيۇن تېرىشتا تەخمىنەن1200-1300يۈئەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، كىرىم ھەر مودىن1400-1500يۈئەن بولىدۇ، ئەگەر مو بېشى مەھسۇلاتى70-80كىلوگىرام بولسا، ئەپيۇن غوزىسىنىڭ دۆلەت سېتىۋلغان باھاسى ھەر كىلوگىرامى20يۈئەن ئەتراپىدا بولىدۇ، بىر مودىن200يۈئەن ئەتراپىدا ساپ كىرىم بولىدۇ. ئەگەر ياڭ جىيەنجوۋنىڭ ئەپيۇن تېرىپ قىلغان كىرىمى6مىڭ يۈئەن دېسەك، باشقا زىرائەتلەردىن قىلغان كىرىمىنى قوشساق ئون يىگىرمە مىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ.

    چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئەپيۇن تېرىغۇچىلىرى بۇ ئىشقا سەل ئاغرىنىدۇ، ئۆتكەن يىللاردا ئەپيۇن ھوسۇلى ياخشى بولمىدى، ئەپيۇن تېرىغۇچىلارنىڭ ئاكىتىپلىقى يۇقىرى ئەمەس، لېكىن قىلمىسا بولمايدۇ. ياڭ جىيەنجوۋ:«بۇنى دۆلەت ئۈچۈن تېرىيمىز، تېرىغۇمىز كەلمىسىمۇ تېرىيمىز»دېدى.

    ئەپيۇن تېرىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چىنفېڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچىلار بىلەن ئەتراپتىكى دېھقانلار ئوخشىمايدۇ، ئۇلار كۆتىرەگە ئالغىنى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ يېرى، تېرىقچىلىق يېرى ئەتراپتىكى دېھانلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى ھەمدە قېرىغاندىن كېيىن پېنسىيە مائاشى ئالغىلى بولىدۇ، ئەمما ھەر يىلى نېمە زىرائەت تېرىشىنى ئۆزى قارار قىلالمايدۇ.

     

    مەنبە:سۇمرۇغ ھەپتىلىكىدىن نەپرەت تەرجىمىسى(بەزى سەۋەبلەرنى كۆزدە تۇتۇلۇپ يەر جاي ناملىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى بېرىلمىدى)

     

    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=211

    دىن ئېلىندى.

     

    分享到:

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us

.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!