www.4tadu.com
  • باش ئاغرىسا، باش ئاغرىقىنى توختىتىش كىرەكمۇ داۋالاشمۇ؟ - [باش ۋە مېڭە كىسەللىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/78918408.html

    باش ئاغرىسا، باش ئاغرىقىنى توختىتىش كىرەكمۇ داۋالاشمۇ؟
    تەخمىنەن 90% ئادەم ئۆز ئۆمرىدە بىردىن ئاتۇق قېتىم باش ئاغرىقىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر كەبى قاتتىق ئاغرىسا، بەزىدە ئاستا، لېكىن توختىماي ئاغرىيدۇ، كۆپ  سانلىق باش ئاغرىقىنى داۋالىغاندىن كېيىن، ئاغرىقى قويۇپ بىرىپ، قېتىم سانى ئازلايدۇ، لېكىن داۋالىغاندىن كىيىنكى ئۈنۈمى ئادەمنى رازى قىلالمايدۇ، تېخى بەزى چاغدا داۋالىغانسېرى ئاغرىيدىغان بوپ قالىدۇ، بۇ زادى نىمە ئىش؟
    1. داۋالىماق تەس بولغان باش ئاغرىقى
    شىياۋشىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئۆگىنىشنىڭ جىددىيلىقىدىن، بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغان بوپ قالغان. دوختۇرخانىلاردا داۋالانغاندىن كېيىن، گەرچە بېشىنىڭ ئاغرىقى سەل-پەل قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر مەزگىلدىن كېيىن يەنە ئاغرىپ كەتكەن. ئۇ بىر كۈنى پەلەمپەيدىن دۇمىلاپ كەتكەندە خىزمەتداشلىرى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بېشىنىڭ ئازراق سۈرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچنىمە بولمىغان، لېكىن ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئاغرىقى ئەدەپ، قۇلىقى غۇڭۇلداپ، بېشى قېيىپ، ئۇيقۇسى قاچىدىغان بولۇپ قالغان، بۇرۇن يىگەن دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان. شىياۋشىن بېشىنى قايتا تەكشۈرتكەندە:‹‹مېڭە سىلكىنىش قالدۇق كىسەللىكى ›› دەپ دىئاگىنۇز قويۇلغان. كېيىن، ئۇ نۇرغۇن دورا يىگەن بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان، شوخ،تىتىك شىياۋشىن كيىن جىمغۇر، ھاڭۋاقتى بولۇپ قالغان.
    بىر قېتىم ئۇ باش ئاغرىقى مەخسۇس بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتكەندە ئەسلى1-3 بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ خاتا تۇتۇپ قالغانلىقىدىن بېشى ئاغرىغانلىقى ئىسپاتلانغان، كۆپ قېتىم داۋالاش ئارقىلىق، شىياۋشىننىڭ بېشى تەلتۈكۈس ساقايغان.
    ئەسكەرتىش: باش ئاغرىقىنىڭ باش تەرەپتىن چاتاق چىققانلىقتىن ئاغرىشى ناتايىن.
    باش ئاغرىقى باش تەرەپتىن چاتاق چىققانلىقتىن ئاغرىغان بولىشى ناتايىن، باش ئاغرىقىنىڭ سەۋەبلىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ئېيتىلىشىچە باش ئاغرىقى ئادەتتە 14 خىلدىن كۆپرەككە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، 300خىلدىن ئارتۇق سەۋەبتىن باش ئاغرىيدىكەن. باش ئاغرىقىنىڭ ئاۋال سەۋەبىنى تېپىپ ئاندىن داۋالىغاندا ئاندىن ساقايتقىلى بولىدىكەن.ئادەتتە داۋالاپ ساقايتىقىلى بولمايدىغان باش ئاغرىقى بىردىن يوقىرى سەۋەپتىن پەيدا بولغان باش ئاغرىقى( مەسىلەن باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش ۋە سىرتقى يارلىنىش سەۋەبلىك باش ئاغرىقى دىگەندەك) بولۇپ، بۇلارغا ئايرىم ئايرىم ھالدا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كىرەك.
    2. باش ئاغرىقىنى توختىتىش دورىسىمۇ باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    چىن خانقىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانغا بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىيتتى. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مەلۇم بىر چەتئەل شېركىتىدە ئىشلىدى. ئادەتتە شېركەتتە ئىش جىق، بېسىم ئېغىر بولغاچقا، دائىم ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە توغرا كىلەتتى، بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىش قېتىم سانى ۋە دەرىجىسى ئالىي مەكتەپتىكىدىن جىقلاپ كەتتى، ھەر قېتىم ئاغرىغاندا ئۇ بىر ئىككى تال ئاغرىق توختىتىش دورىسى يەيتتى، بىر دەمدىلا ياخىشى بوپ قالاتتى.
    بىر يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ ئىشلىرى زورايدى، باش ئاغرىقىمۇ ئەدەپ، ھەر ئايدا يەتتە-سەككىز قېتىمدىن كەم ئاغرىمايدىغان بولدى، شۇڭا ئۇ ھەر قېتىم سىرتقا سودا ئىشى بىلەن چىققاندا، سومكىسىغا ھەر خىل تېز ئۈنۈملۇك ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئېلىۋىلىپ، ھەر قېتىم باش ئاغرىشىغىلا دورا ئىچەتتى. بۇرۇن بىر ئىككى تال ئىچسە پايدا قىلىدىغان دورىلار، ھازىر ئۈچ-تۆت تال ئىچمىگىچە پايدا قىلمايدىغان بوپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باش ئاغرىقى بارغانسېرى ئەدەپ، ھەر كۈنى قاتتىق ئاغرىيدىغان بوپ قالدى. باش ئاغرىقى مۇتەخەسىسلىرى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، چىن خانقىزغا ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئاغرىشىنى باشقا نەرسە ئەمەس، بەلكى ئاشۇ باش ئاغرىقىنى توختىتىش دورىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ خىل باش ئاغرىقى ئادەتتە‹‹ ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ھەددىدىن زىيادە يىيىشتىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىقى ›› دىيىلىدىكەن.
    ئەسكەرتىش:دوختۇرنىڭ مەسلىھىتىسىز دورا ئىچكەندە، مىقدارىنى ئاشۇرۋەتمەسلىك لازىم.
    ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىدا ئادەتتە كوفىئىن ماددىسى بار بولۇپ، جىددىيلىشىش خاراكتىرلىك ياكى باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشقا ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولىدۇ، لېكىن بېشى قاتتىق ئاغرىغانلارغا نىسبەتەن، دورىنى ھەدىدىن زىيادە جىق يەۋەتكەندە ئەكىس تەسىر بىرىپ تېخىمۇ ئاغرىپ كىتىدۇ.
    يەنە بىر خىل ئەھۋال بولسا، بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، بەزى بىمارلار دورىنىڭ ئۈچ ئۈلۈشى زەھەر دەپ قاراپ، باش ئاغرىغاندا دورا ئىچمەيدۇ، باش ئاغرىپ ھالى قالمىغاندا ئاندىن دورا ئىچىدۇ، ئاغرىقنى ئۇنداق ئۇزاققا سوزىۋتىش ياخشى ئىش ئەمەس، سالامەتلىككىمۇ زىيانلىق، ئادەتتە باش ئاغرىش باشلانغاندىلا دورا ئىچىشپ بەرسە، باش ئاغرىشنى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ، باش ئاغرىش چىكىگە يەتكەندە دورا ئىچسە، ئۈنۈمى بولمايدۇ.
    ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئاغرىقنى تىزگىنلىيەلەيدۇ، باش ئاغرىغاندا دوختۇرغا بېرىپ ھەققىي سەۋەبىنى تېپىپ تىگىدىن داۋاپ ئاغرىقنى توختىتىش كىرەك.
    3. خورەك تارتىش سەۋەبىدىن باش ئاغرىش
    لاۋۋاڭ پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆيدىن تالاغا چىقماي، ھېچكىم بىلەنمۇ ئارىلاشماي يۈردى، يېقىندىن بۇيان ئۇ ھەر كۈنى سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا بېشىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى، روھسىزلىشىپ، ئىككى چىكىسىنىڭ لوقۇلداپ ئاغرىپ كەتكەنلىكى، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى چىكىنىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇدا بىر نەچچە ئاي شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئۇ ھېچنىمە ئىش قىلالماي، ئەتتىگىنى قوپسىلا بېشى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى.
    لاۋۋاڭ كۆپ قېتىم دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باققان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى، بىر كۈنى ئۇنىڭ ئايالى دوختۇرغا ئېرىنىڭ خورەك تارتىدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىدە نەپەس توختاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، دوختۇر لاۋۋاڭنىڭ بەش ئەزا بۆلۈمىگە بېرىپ كۆرۈنۈشكە تەۋسىيە قىلدى، چۈنكى ئۇنىڭ باش ئاغرىقى چوقۇم خورەك تارتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك. داۋالاش ئارقىلىق لاۋۋاڭنىڭ خورىكى ئازلىغاندىن كېيىن، باش ئاغرىقىمۇ ئاستا-ئاستا يۈتتى.
    ئەسكەرتىش: كونتىرول قىلىش مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ
    باش ئاغرىقى مەلۇم بىر سەۋەبتىن بولىدۇ، ھەتتا ئۇ پۈتۈن بەدەن ئاغرىقىنىڭ بىر قسمى، شۇڭا باش ئاغرىقىنى تەكشۈرگەندە نوقۇل باشقىلا ئېسىلىۋالماسلىق كىرەك.
    ‹‹ئائىلە دوختۇرى ›› ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 10-سانى

    تەرجىمان ئەنۋەر جېلىل. 

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": باش ئاغرىق
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!