www.4tadu.com
  • ئاياللار كېسەللىكلىرىگە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە خىل مۇرەككەپ رېتسىپلار - [رېتسىپ خالتىسى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/79147007.html

    ئاياللار كېسەللىكلىرىگە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر نەچچە خىل مۇرەككەپ رېتسىپلار

     

    ئىتتىرىفىل چۆبچىن:

    تەركىبى: بوزىدان ، پىلپىل، جۇيۇز 15گرامدىن، قىزىلگۈل45گرام، سۆرۈنجان 27 گرام، شاقاقۇل 21 گرام، ئۇستىقۇددۇس، ھېلىلە كابىلى، قارا ھېلىلە ، ئاق بەھمەن ، قىزىل بەھمەن، ئامىلە، زۆرەنباد 30 گرامدىن ، چۆبچىن90گرام ، ھەسەل ئۈچ ھەسسە؛

    دورىلارنى قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ ، ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن قىلىنىدۇ.

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى بولۇپ بالىياتقۇ كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى: بىر كۈندە ئىككى ۋاخ، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن.

     

    مەجۈنى چۆبچىن

     

    تەركىبى: چۆبچىن، 30 گرام، بەدىيان ، ئامىلە، سېرىق ھېلىلە، قارا ھېلىلە، ھېلىلە كابىلى، جۇۋىنە، شاقاقۇل مىسرى، جۇيۇز، بوزىدان، سەۋزە ئۇرۇقى، ئۇد ھىندى، دارچىن ، بەسباسە، سۇمبۇل ئاسارۇن، قەلەمپۇر، سۆرۈنجان مىسرى، خولىنجان، سەئدى كۇفى، پىلپىل، زەپەر، كۇندۇر، زەنجىۋىل، 10گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە؛

     

    يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە مەجۈن قىلىنىدۇ.

    تەسىرى: ھەرخىل يەل خارەكتىرلىك ئىششىقلارنى ، بالىياتقۇ ، تۇرۇبا ئىششىقلىرىنى ياندۇرۇش، ئاق خۇننى توختىتىش، سۇغۇقتىن بولغان كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

     

    ئىشلىتىلىشى: بالىياتقۇ ، تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ئىششىقلىرى، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرى، قاننى تازىلاش ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى تارتىش، سۇلۇق ئىششىق خارەكتىرلىك رېماتىزىم ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىش، نېرۋىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى؛ كۈندە ئىككى ۋاخ ، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن.

     

    مەجۈنى ئۆشبە1:

     

    تەركىبى: سېرىق ھېلىلە 70گرام ، سانا 80 گرام، ئۆشبە 90 گرام، ھېلىلە كابىلى، قارا ھېلىلە ، بەلىلە 70 گرامدىن، تۇربۇت، شاھتەررە، ئامىلە 50 گرامدىن ، ھەسەل ئۈچ   ھەسسە؛

    تەييارلىنىشى : يۇقۇرىقىلار بىلەن ئوخشاش.

    تەسىرى: مىكروب ئۆلتۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش، جاراھەتلەرنى پۈتتۈرۈش.

    ئىشلىتىلىشى: بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ۋە جاراھىتى ۋە راكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى : بىر كۈندە ئىككى ۋاخ ، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن.

     

    مەجۈنى ئۆشبە2:

     

    ئۆشبە ، گاۋزىۋان، ئاق سەندەل،بىستىپايەچ، كاۋاۋىچىن 10 گرامدىن،قىزىل سەندەل14گرام،ئەپتىمۇن، دارچىن،  چۆبچىن، بەلىلە، سۇمبۇل ھىندى 10 گرامدىن، سانا 20گرام، قىزىلگۈل14گرام، سېرىق ھېلىلە ئىككى گرام، قارا ھېلىلە ئۈچ گرام؛

    تەييارلىنىشى: يۇقۇرىقىلار بىلەن ئوخشاش.

    تەسىرى : قان تازىلاش، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش.

    ئىشلىتىلىشى: بالىياتقۇ ياللۇغى، رېماتىزىم، ناسۇر، سېفلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى : بىر كۈندە ئىككى ۋاخ، ھەر قېتىمدا 10-5 گرامغىچە.

     

    مەجۈنى مارى ئەفئا

     

    تەركىبى : مۇدەببەر كۇچۇلا 100 گرام، يىلان گۆشى 360گرام، شىڭرىپ 60گرام، چايان 20گرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە؛

    تەييارلىنىشى: يۇقۇرىقىلار بىلەن ئوخشاش.

    تەبىئىتى ئىسسىق

    تەسىرى: ھەر خىل ئۆتكۈر يەللەرنى ھەيدەيدۇ. ھەر خىل ئۆسمىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلەيدۇ.

    ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان، قىزىلئۆڭگەچ، بالىياتقۇ راكلىرىنى داۋالاش ۋە تەرەققىياتىنى توسۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى : كۈندە ئۈچ قېتىم ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن.

    مەنبە: ئاياللار كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش.

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى.

     

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!