www.4tadu.com
  • ئۆپكە راكى ۋە ئۇنى داۋالاش - [ئۆپكە-كاناي كىسەللىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/78375298.html

    ئۆپكە راكى ۋە ئۇنى داۋالاش

     

    ئۆپكە سەرتانى تېبابىتىمىزدە سەپرا ماددىلىرىنىڭ ككۆپىيىشىيدىن ، سەۋدا ماددىسى ۋە قان ماددىلىرىنىڭ كۆپۈيىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئكپكە ھاۋادىكى چاڭ-توزان، بۇلغانغان ، غىدىقلىغۇچى نەرسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان ئەزا بولغاچقا ، بۇنداق ھاۋالار بىلەن نەپەسلىنىش ۋە ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىش ئۆپكە سەرتانىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تىزلىتىشى مۇمكىن. ئۆپكىدىكى كونا كېسەللەر  مەسىلەن ، زاتىررىيە ، ئۆپكە سىلى، بەزىدە كاناي شاخچىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، ئۆپكىدىكى كونا يارا كاۋاكلىرىدىن سەرتان كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئۆپكە سەرتانى كۆپىنچە شاخ كاناينىڭ ئۆپكىگە كىرىش جايىدا (ئۆپكە دەرۋازىسىدا ) ، ئكپكە بۆلەكچىلىرىنىڭ سىرتقى تېرىسىدە ھاسىل بولىدۇ.

    كېسەللىك ئالامەتلىرى :

    ۋاقتىدا سېزىلمەيدۇ، كۆپىنچە كېچىككەندە بىلىنىدۇ. تۇيۇقسىز قېقىلىپ قاتتىق  يۆتىلىپ كېتىش، ھاسىراش ، كۆكسى قادىلىپ ئاغرىش، قارامتۇل ياكى جىگەررەڭ قان تۈكۈرۈش يۈز بېرىدۇ.  يۆتەلگە قىلىنغان دورىلار كار قىلمايدۇ. ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇقلايدۇ. رېنتىگىنلىك تەكشۈرۈشلەردىمۇ ئۆپكە راكى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ ياكى گۇمان پەيدا بولىدۇ. بىمارنىڭ تېنى ئاجىزلاپ قان ئازلايدۇ. تۆۋەن قىزىتما بولىدۇ. دېمى سىقىلىدۇ. بىئارام بولىدۇ. بەزىدە ئۆپكىدىكى سەرتان ئۆسمىسى جاراھەتكە ئايلىنىپ ، سېسىق يىرىڭلىق بەلغەم چىقىدۇ. بەزى كىشىلەردە ئاسانىقچە بىلىنمەي ئۇزاققىچە ئۆپكىنىڭ باشقا كېسەللىكلىرىدىن گۇمانلىنىپ قېلىش تۈپەيلىدىن ۋاقىت ئۆتۈپ داۋالاش كېچىكىدۇ.

    يۆتەل ئۆپكە راكىنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى سېگنالى . قان ئارىلاش بەلغەم تۈكۈرۈش، مەيدە چىڭقىلىپ ئاغرىش، نەپەس قىيىنلىشىش راك ئۆسمىسىنىڭ ئۆپە دەرۋازىسىدا توساق پەيدا قىلغانلىقىنىڭ ئالامىتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا قىزىش ، بۇغۇملار ئاغرىش باشلىنىدۇ . بەدەن ئاجىزلاش ، ئورۇقلاش تېزلىتىدۇ.

    يەنە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك.

     

    بىرىنچى: ئاغرىقنىڭ يېشى 35 تىن ئاشقان، ئۇدا قېقىلىپ يۆتىلىشنىڭ سەۋەبى ئېنىق بولمىغان، دورا كار قىلمىغان بولسا؛

    ئىككىنچى : زۇكام ، كاناي ياللۇغى داۋالىغانسىرى ئېغىرلاشسا؛

    ئۈچىنچى: قانلىق بەلغەم قايتا-قايتا كۆرۈلسە ، مەيدىنىڭ مۇقىم بىر جايى ئىزچىل ئاغرىسا؛

    تۆتىنچى: ئىلگىرى ئۆپكە سىلى ، كاناي ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بولۇپ، ئەسلىدىلا بار يۆتەل تۇيۇقسىز كۈچىيىپ كەتسە؛

    بەشىنچى : كاناي ياكى ئۆپكە ياللۇغى قانچە داۋالىسىمۇ ساقايمىسا؛

    ئالتىنچى: ئۇزاق مەزگىل تاماكا چەككەن تارىخى بولسا؛

     

    داۋالاش ئۇسۇلى:

    ئكپكە سەرتانى يېڭى باشلانغاندا ئوڭايلىقچە بىلگىلى بولمايدىغان ، بىلىنگەندە ئاللىقاچان ئېغىرلاشقان ھالەتكە ئۆتۈپ باشقا ئەزالارغىمۇ زەھىرى تارقاپ كېتىدىغان كېسەللىك بولغاچقا ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالدۇر ئېنىقلاپ بالدۇر داۋالاشنى قولغا كەلتۈرۈش زۆرۈر . شۇنىڭدەك ئاغرىقنىڭ قۇۋۋىتىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش لازىم.

     

    ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە سەرتان كېسەللىكلىرىنى ئوق يىلان مەجۈنى يەنى مەجۈنى مارى ئەفئا بىلەن داۋالاش ، سىماب كۈشتىسى بىلەن داۋالاش، يىلان تالقىنى ، يىلان گۆشى شورپىسى بىلەن داۋالاش ، كۇچۇلا بىلەن داۋالاش ئۇسۇللىرى بار .

     تۆۋەندە بىز جاھىل خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاپ مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قازانغان مەرھۇم ئۆمەرجان ئىسمايىلنىڭ بۇ ھەقتىكى قوللانغان داۋالاش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز؛

    مۇرەككەپ سەرتان مەجۈنى بېرىلىدۇ ، بۇنىڭ رېتسىپلىرى تۆۋەندىكىچە تەركىپلىنىدۇ؛

    ئۇچقۇر پاقا 120گرام، ئاق يىلان 80 گرام، ئوق يىلان 30 گرام، قورۇلغان چايان 30گرام، كابۇل ھېلىلە پوستى، سېرىق ھېلىلە پوستى ، قارا ھېلىلىلەر 30 گرامدىن، مۇدەببەر كۇچۇلا 20گرام، ئاقىرقەرھا، كۇندۇر، قورۇلغان ئادراسمان ئۇرۇقى، بىخسۇس، بادام مېغىزى، كاۋاۋىچىن ، توم زەنجىۋىل، تۇخۇمى خەشخەش، ئاق ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاقلانغان قوۋزىقى، سارغايتىپ قاسرىقى ئېلىۋېتىلگەن ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، سارغايتىلغان تۇخۇم شاكىلى 40 گرامدىن؛ مەرۋايىت ، ئادەمگىياھ 30 گرامدىن، بۇغا مۈڭگۈزكۈشتىسى 50 گرام، پاكىز چاچ كۈلى، كۈيدۈرۈلگەن پىلە، سارغايتىلغان كىرپە تىكىنى، ئاقاقىيا، كات ھىندى، كەتىرا 30 گرامدىن، تۇلۇق ئكلتۈرۈلگەن سىماب 25 گرام، ئامىلە مۇقەششەر 20گرام، ھاڭگا تېرەك ئۇرۇقى ياكى قوۋزىقى 30گرام، پىننە ، يالپۇز، بىخ مارجان كۇشتىسى 30گرامدىن، سەمغى ئەرەبى 20گرام، ئىپار تۆت گرام ، يېتەرلىك مىقداردىكى ھەسەل جەۋھىرى ؛

    يۇقىرىقى تەركىپتىكى دورىلارنى تۇلۇق تەييارلىۋېلىپ ، ئىپاردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق تالقان قىلىپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، ئاندىن ئىپارنى يېتەرلىك ھەسەل جەۋھىرىگە سېلىپ ، ئىزىپ ، ئېرىتىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۈستىگە يۇقىرىقى تالقان دورىلارنى سېلىپ ئۇماچ ھالەتتىكى مەجۈن ياسىلىدۇ.

    ئىشلىتىلىشى : ئەتىگەن – كەچ تاماقتىن كېيىن 5-8 گرامغىچە ئەھۋالغا قاراپ يەيدۇ. بەك بوشىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا بىرەر ۋاخ ياكى 1-2 كۈن توختىتىپ يېسە بولىدۇ.

    ئۆپكە راكىنى داۋالاشنىڭ بۇ رېتسىپى باشقا ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىشنىڭمۇ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك رېتسىپى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن ؛ ئۆپكە ، ئاشقازان، رېماتىزىم كېسەللىكلىرى ، كاناي ياللۇغى ۋە جاراھەت قاتارلىقلار، يەنە ئۈچەي ۋە بۇۋاسىر كېسەللىكلىرىمۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ساقىيىدۇ.

    بۇ دورا بىلەن بىرگە كۈندە ئۈچ ۋاخ بەش گرامدىن ھەسەل جەۋھىرى ئىچىش ، كۈندە بىر قېتىم بىر ئامپۇل پانتوكرىن يەنى بۇغا مۈڭگۈز ئۇكۇلى ئۇردۇرۇش ، مۇمكىن بولمىسا ماغدۇرلاندۇرۇش شەربىتى ياساپ ئىچىش لازىم؛

    ماغدۇرلاندۇرۇش شەربىتىنىڭ رېتسىپى:

    ئالى دەرىجىلىك بۇغا مۈڭگۈزى پاراشوكى 50گرام، قىزىل بەھمەن 80 گرام ،شاقاقۇل 50گرام، قۇرۇق پىننە ، يالپۇز 100گرامدىن، پىلە غوزىسى ئۈچ گرام ياكى پىلە قۇرت مايىقى 80 گرام . يۇقىرىقىلارنى 50 گرام ئاقىرقەرھا ۋە ياڭاقتەك ئىككى دانە تاش بىلەن ئىككى قەۋەت داكىدا تىكىلگەن ئىككى خالتىغا سېلىپ ئاغزىنى ئېتىپ ، بىر قازانغا سېلىپ ۋە ئۈستىگە ئۈچ كىلوگرام سۇ قۇيۇپ ئۇلۇغ ئوتتا قاينىتىۋېرىپ دورا سۈيىنىڭ يېرىمىدىن ئازراقى قالغاندا ، خالتىلارنى دورىلىرى بىلەن سىقىپ ئېلىۋېتىپ ، قازاندىكى دورا سۈيىنى سۇۋۇتۇپ ، سۈزۈلدۈرۈپ قازاندىن ئېلىۋەتكەندىن كېيىن قازاننى تازىلاپ ئوچاققا قايتا ئېسىپ ، قازاننى قىزىتىپ قۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ، دورا سۈيىنى قازانغا قۇيۇپ 500گرام قەنت ۋە 500گرام ھەسەل جەۋھىرىنى ئۈستىدىن قۇيۇپ قايناتقاندىن كېيىن سۇۋۇتۇپ ، پاكىز ۋە قۇرۇق ئەينەك قاچىلارغا قاچىلاپ ، ئاغزىنى ھىم ئىتىپ سالقىن ئۆيدە دالدىدا ساقلاش كېرەك.

    ئىچىش ئۇسۇلى : تەييارلانغان شەربەتنى كۈندە ئۈچ قېتىمدىن 20 كۈندە ئىچىپ بولۇش كېرەك.

    تەسىرى: بەدەننى ، يۈرەكنى ، مېڭىنى ، بۆرەكنى كۈچلەندۈرۈش، نەپەسنى ۋە ئىشتىھانى ياخشىلاش، ئۇمۇمىي ئەزالارنى جانلاندۇرۇش، قان ئىشلەش ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بەدەنگە قان تولۇقلاش رولى بار . بۇ قۇۋۋەتلەندۈرۈش شەربىتى ھەر خىل شەكىلدىكى راك ھۈجەيرىلىرى بىر قەدەر تىزگىنلەنگەندىن كېيىن ئىشلىتىلسە تېخىمۇ ياخشى.

     

    پايدىلىنىلغان مەنبەلەر :

    ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى

    جاھىل خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش ،

    ئۇيغۇر تېبابىتىدە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلار.

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ": ئۆپكە كاناي راك
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!