-
تاتلىق ئانارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى - [خام دورىلار ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/79501853.html
تاتلىق ئانار
بۇ ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان مىۋىلىك دەرەخ ئانارنىڭ مېۋىسى بولۇپ ، بۇ دەرەخنىڭ پىشقان مېۋىسى ئانار ، ئۇرۇقى ئانار دانە، مېۋە پوستى ئانار پوستى ، چېچىكى ئانار گۈلى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
خېمىيىلىك تەركىبى: مېۋە تەركىبىدە شېكەر ، ئالما كىسلاتاسى، ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە ماي، يۇپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە بىئولوەىيەلىك ئىشقارلار بار.
فارماكولوگىيەلىك تەسىرى: يۈرەك رېتىمىنى ئاستىلىتىدۇ، سۇيۇقلۇق تۇلۇقلاپ تەڭپۇڭلۇقنى نورماللاشتۇرىدۇ، قىزىتما قايتۇرىدۇ.
تەبىئىتى : بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سۇغۇق.
خۇسۇسىيىتى : يۈرەك، جىگەر باھنى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، ھارارەت پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، كۆكرەك ۋە گالنىڭ يىرىكلىكىنى ياخشىلاش، مەددە قۇرت ئۆلتۈرۈش، ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش، يۆتەل توختىتىش.
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:
يۈرەك ئاجىزلىقى، جىگەر ئاجىزلىقى، باھ ئاجىزلىقى، يۇقىرى قان بېسىم، يەرقان ، زىققا، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ۋە گالنىڭ يىرىكلىكى، كەم قانلىق ، ئىچى سۈرۈش، تولغاق، مەقەت چىقىپ قېلىش، چىش تۈۋى بوشاپ كېتىش، ئېغىز پىشلاقلىشىش، قۇسۇش ، كۆڭلى ئېلىشىش، كۆپ ئۇسساش، قىچىشقاق، ئۈچەي مەددە قۇرت كېسەللىكى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
: ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
تاتلىق ئانار سۈيىنى ئەرقى گۈل ، ئەرقى سەندەل بىلەن قوشۇپ ئىچسە يۈرەك چالاڭغۇراشقا شىپا بولىدۇ.
ئىسكەنجىبىن ساددە بىلەن تاتلىق ئانار سۈيىنى قوشۇپ ئىچىپ بەرسە ، سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئانارنى كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە ، يۈرەك جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ قان كۆپەيتىدۇ .
ئىشلىتىش مىقدارى : سۈيىدىن 50-30 گرامغىچە.
زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازاندا سۇغۇق يەل پەيدا قىلىدۇ. سۇغۇقتىن بولغان ، ئىستىسقا ، تەپ كېسەللىكلىرىگە بېرىلمەيدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە شېكەر، تەپكە زەنجىۋىل، ئاچچىق ئانار سۈيى قوشۇپ بېرىلىدۇ.
ئورۇنباسارى: ئاچچىق ئانار.
پىششىق دورا ياسالمىسى شەربىتى ئانار ، جاۋارىش ئانارەيىن، جاۋارىش پۇدىنە، داۋائىمىشكى، نارفىننە.
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم.
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى.
收藏到:Del.icio.us