-
تېببىي ئۇچۇرلار10-8 - [تېببىي ئۇچۇرلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/77144664.html
تېببىي ئۇچۇرلار
چەتئەللەردىكى كۆپ تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ئايان بولۇشچە ، سولخايلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى
يۇقىرى بولىدىغان بولۇپ ، داڭلىق ھەر بەش ئادەمنىڭ بىرسى سولخاي ئىكەن . ئامرىكىىدىكى بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا سولخايلارنىڭ ئاچچىقى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن يامان بولىدىكەن .
ئامرىكىلىق ئالىملار ئادەتتىكى بىر خىل قان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق قاندىكى مەلۇم بىر خىل ئاقسىلنىڭ تەركىبىنى ئېنىقلاپ، قان ئىگىسىگە ئەزا كۆچۈرگەندە بىنورمال تەسىر بولۇۋاتقان – بومايۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان بىر خىل ئۇسۇلنى تېپىپ چىقتى.
تەتقىقاتلاردا ئۈزۈم يەپ بەرسە ، ئۇنىڭ ئۇيقۇ كېلىشىگە ياردىمى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان . چۈنكى ئۈزۈمدە ئۇيقۇ كەلتۈرگۈچى ياردەمچى ھورمۇن ـ قارا پېگمىنتى قايتۇرغۇچى بولۇپ ، ئۇ چوڭ مېڭىدىكى مېڭە ئۈستى بېزى ئاجرىتىپ چىقىدىغان ماددا . بۇ ماددا ئۇيقۇ ۋاقتىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇيقۇسىزلىققا شىپا بولىدۇ .
ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە ئۇزۇقلۇق ماددىلار ناھايىتى مول بولۇپ ، ئۇنىڭ بەدەنگە پايدىلىق ئوكسىگىن ، قان تولۇقلاش، پەي – تارامۇشلارنى چىڭىتىش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەلنى چىڭىتىش ، روھ ۋە قاننى ئۇرغۇتۇش، ئىشتىھانى ئېچىش ۋە بېسىمنى تۆۋەنلىتىش روللىرى بار ئىكەن . بولۇپمۇ ئۈزۈمنىڭ روھىي ئاجىزلىق ، ئاشقازان ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ۋە ئۇنى داۋالاش جەھەتتىكى رولى ئالاھىدە .
ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىدا مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى ، بىر ئىشلاردىن مىننەتدار بولۇپ تۇرغان كىشىنىڭ كېسىلىمۇ ئاسان ساقىيىدىكەن ، ئاسانلىقچە يۈرەك كېسىلى بولمايدىكەن ، ياخشى ئۇخلايدىكەن . (بۇغۇ تېبابىتىمىزدە ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغان ).
مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى.
收藏到:Del.icio.us