ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە


  • تامچە قۇرت كېسەللىرىدە جىنسىي يول تامچە قۇرت كېسىلى كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ تامچە قۇرت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سۈيدۈك ئاجرىتىش،كۆپىيىش ئەزاسى يۇقۇملىنىشچانلىققا ئىگە كېسەللىكتۇر.

    مەنبەسى: جىنسىي يول تامچە قۇرتى

    ئالامىتى:

    يوشۇرۇن دەۋرى: 3-28 كۈن،ئوتتۇرىچە يەتتە كۈن بولىدۇ.

    ئاياللاردا: جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى كۆپىيىپ ۋە نورمالسىز بولۇپ،سېرىق يېشىل رەڭلىك كۆپۈكچە ھالەتتە بولىدۇ. سېسىق پۇرايدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاغرىيدۇ. ئۆزىدە سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش سېزىمى بولىدۇ. سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە سۈيدۈك يولى دوۋساق ياللۇغىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.تەكشۈرگەندە سىرتقىي جىنسىي ئەزاسى ۋە جىنسىي يول دىۋارىدا قان داغلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.


  • سۆزنەك شارچە باكتىرىيىسىز سۈيدۈك يولى ياللۇغى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدىغان، ئەمما سۈيدۈك يولى ئاجرالمىلىرىدىن سۆزنەك شارچە باكتىرىيىسىنى تاپقىلى بولمايدىغان بىر خىل سۈيدۈك ئاجرىتىش-كۆپىيىش ئەزا سېستىمىسىدىكى ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىك. ئۇنى ئاساسەن تراخوما خلامىدىيىسى ۋە مىكوپلازما كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    مەنبەسى:

    كېسەللىك مەنبەسى ئاساسلىقى تراخوما خىلامىدىيىسى ۋە ئۇرىئانى پارچىلىغۇچى مىكوپلازمىسى بولۇپ، ئىسسىققا بىر قەدەر سەزگۈر، ℃56 دا 5-10 مىنۇتتا ئۆلىدۇ.دائىم ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفىكسىيە دورىلىرى كېسەل قوزغاتقۇچىلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ.

    يۇقۇش يولى:

    -        جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ.

    -        ئاز ساندىكى يۇقۇملانغان ھامىلدارلار تۇغۇت ئەتراپى دەۋرىدە كېسەل قوزغاتقۇچىلارنى بوۋاققا يۇقتۇرىدۇ.

    -        بىمار ئىشلەتكەن لۆڭگە،ئىچ كىيىم، ۋاننا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشتىنمۇ يۇقىدۇ.

    ئالامىتى:

    يوشۇرۇن دەۋرى 1-3 ھەپتىگىچە.

    ئەر بىمارلاردا سۈيدۈك يولى شىلىمشىق ياكى شىلىمشىق يىرىڭلىق ئاجراتما ماددىلار بولىدۇ ھەمدە سىيگەندە ئاغرىپ،سۈيدۈك يولى بىئارام بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؛ قىسمەن بىمارلاردا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ؛ ئەگەشمە


  • چات ئارىلىقى بىخلىما گۆش ئىششىقى- بىر خىل بىخلىما گۆش كاپسۇللۇق تاياقچە باكتېىرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، مەقئەت، سىرتقى جىنسىي ئەزا چات ئارىلىقى بىخلىما گۆش توقۇلمسىدىن ئۆسۈپ چىققان داغ پارچىلىرىنى ئاساس قىلغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك.

    مەنبەسى:

    بىخلىما گۆش كاپسۇللۇق تاياقچە باكتىرىيىسى

    يۇقۇش يولى:

     ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىشتىن يۇقىدۇ.

    ئالامىتى:

     يوشۇرۇن دەۋرى 8-80 كۈنگىچە بولۇپ، كۆپ ساندىكىلىرىدە جىنسىي ئۇچرىشىشتىن كېيىن 30 كۈندە كېسەل قوزغىلىدۇ.

    تېرە زەخمىسى ئورنى: ئاساسەن كۆپىيىش ئەزاسىدا بولۇپ، مەقئەت ئەتراپى، چات ئارلىقى ھەمدە يۈزىدىمۇ پەيدا بولىدۇ.


  • جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى 2تىپلق ئاددىي قاپارتما ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي ئەزاسىدىكى يۇقۇملىنىش بۇلۇپ ،كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى  كۆپىيىش ئەزا يارىسىنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر.

    مەنبەسى:

     ئاساسەن ئاددى قوقاق ۋىروسى2تىپى بۇلۇپ ،ئۇنىڭدىن قالسا 1تىپلىقى بۇلىدۇ .ۋىروسنىڭ سىرتقى مۇھىتقا بولغان قارشىلىق كۈچى ئاجىز ،ئېفىر ،ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ھەمدە ئادەتتىكى دېزىنفىكسىيە دورىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆلىدۇ.

    يۇقۇش يوللىرى:

     ئاساسەن جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ،ئانىدىن بالىغا تارقىلىدۇ(بالياتقۇ ئىچى ۋە تۇغۇت يولى يۇقۇملىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

      ئالامىتى:

     يۇشۇرۇن دەۋرى 10-2 كۈن، ئادەتتە 5-4كۈن بولىدۇ.

    بىرلەمچى جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى: سىرتقى جىنسىي ئەزا ھەم مەقئەت ئەتراپىدا كەڭ كۆلەمدە پاراللىل تارقالغان،ئاغرىيدىغان،قىزىل داغ ئاساسىدىكى توپلاشما كىچىك سۇلۇق قاپارتمىلار پەيدا بولىدۇ.دائىم قىزىش،باش ئاغرىش،مۇسكۇللار


  • يۇمشاق شانكىر دوكرېي تاياقچە باكتېرىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپىيىش ئەزاسى يارىلىنىش خاراكتىرلىك كېسەللىك .دائىم يىرىق لىمفا تۈگۇن ياللۇغى بىللە كىلىدۇ .بۇ كېسەللىك ئاساسەن جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ  

    مەنبەسى:

     يۇمشاق شانكىرنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچى دوكربىي قانغا مايىل تاياقچە باكتېرىيىسى بۇلۇپ ،گىرام مەنپى بۇيىلىدۇ .دوكربىي قانغا مايىل تاياقچە باكتېرىيىسى ھارارەتكە بىر قەدەر سەزگۈر بۇلۇپ ،℃65 تا ناھايىتى تېزلا ئۆلىدۇ .قۇرغاققا بۇلغان قارشىلىق كۈچىمۇ بىر قەدەر ئاجىز ،بىراق سوغۇققا ،تۆۋەن ھارارەتكە چىداملىق بۇلۇپ ،ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ھايات ساقلىندۇ.

    يۇقۇش يوللىرى:

    ئاساسەن جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ.

    ئالامىتى:

     يۇشۇرۇن دەۋرى ئوتتۇرچە 10~3 كۈنگىچە بۇلىدۇ .ئەر بىمارلارنىڭ كىلنىكىلىق ئىپادىسى ئادەتتە بىر قەدەر ئېغىر بۇلىدۇ ،ئاياللاردا ئالامەتلەر بىر قەدەر يېنىك .


  • جىنسىي كېسەل خارەكتېرلىك لىمفا بىخلىما گۆش ئىششىقى، يىرىق لىمفا گۆش ئىششىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئۇنى تراخوما ئاددىي جاندارى(خلامىدىيە) L1—L3  قان زەرداب تىپى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكتۇر.

    مەنبەسى:

    تراخوما خلامىدىيىسى(L3,L2,L1 قان زەرداب تىپلىق).خلامىدىيە ئىسسىققا بىر قەدەر سەزگۈر كېلىدۇ،℃55 تا 5-10 مىنۇتتا ئۆلىدۇ،ئادەتتە دېزىنفىكسىيە دورىلىرى ئارقىلىق خىلامىدىيەنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.

    يۇقۇش يوللىرى:

    كۆپىنچە جىنسىي ئۇچرىشىش (ئېغىز ۋە مەقئەت مۇناسىۋىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئارقىلىق تارقىلىدۇ.

    ئالامىتى:

    يوشۇرۇن دەۋرى:30-3 كۈنگىچە بولۇپ،ئوتتۇررىچە 10كۈن بولىدۇ. كۆپىيىش ئەزالاردىكى دەسلەپكى مەزگىللىك چاقا: ئەرلەردە زەكەر بېشىدا، تاجىسىمان ئېرىقچىسىدا ۋە خەتنىلىك ئىچكى دىۋارىدا، ئاياللاردا جىنسىي لەۋ ،جىنسى يول ،بالىياتقۇ بوينى قاتارلىق ئەزالىرىدا ،ئاغرىمايدىغان دۆڭچە ئەسۋە،سۇلۇق قاپارتما ياكى يارا پەيدا بۇلۇپ ،نەچچە كۇندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن ساقىيپ تاتۇق ئىزى قالمايدۇ.


  • سىفلىسنىڭ قانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

    -        جىنسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، نورمالسىز جىنسىي ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، گاندون ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، قان تەقدىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش جەريانىدا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، بىر شىپرىس، ساقال تىغى، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى تەڭ ئىشلەتمەسلىك لازىم.

    -        بىرلا جىنسىي ھەمراھى بولۇشى ، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر جىنسىي ھەمراسى كۆپ بولسا، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك.

    -        قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى  سېلىشقا توغرا كەلسە،چوقۇم تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى سېلىش كېرەك .

    -        سىفلىس بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :

    -        سىفلىسنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ،ئەگەر ئۆزىنىڭ سىفلىس بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانسا ئامال بار بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈش كېرەك.

    -        بىمارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىشى، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. بۇ مەزگىلدە ھاراق ئىچىشتىن، غىدىقلىغۇچى تۈردىكى ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    -        داۋالىنىش مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.ئەگەر ئۈچ ئاي ئىچىدە يۇقۇملۇق سىفلىس بولغان جۆرىسى ۋە جىنسىي ھەمراھى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە،جۆرىلىرىنىمۇ بىللە داۋالىنىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.


  •  سىفلىس (梅毒) دېگەن نېمە؟

    سىفلىس-سىفىلىس ئاقۇش بۇرغىسىمان تەنچە پەيدا قىلىدىغان سوزۇلماخاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ،دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش،داۋالاش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن نۇقتىلىك كۈزىتىپ كونتىرول قىلىنىدىغان جىنسى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ بىرى.

    سىفلىسنىڭ يۇقۇش يوللىرى

      1) بىۋاستە جىنسي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ: بۇ خىل يۇقۇش يولى تەخمىنەن %95 تىن %98 كىچە نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.

    2) ۋاستىلىك تېگىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ: بۇ كېسەل ئادەمنىڭ ئىشلەتكەن  نەرسىلىرىنى ئىشلىتىش، كېسەل بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇش ئارقىلىق يۇقۇش قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.

    3)  ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇش:ھامىلدار ئانا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ ساقايمىغان بولسا بالىسىغا يۇقىدۇ.

     4) قان ئارقىلىق يۇقىدۇ: قان تەغدىم قىلغۇچىنىڭ قېنىدا سىفلىسنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى بولسا، قان قۇبۇل قىلغۇچىغا بىۋاستە يۇقۇپ قالىدۇ.


  • جىنسى كېسەل دىگەن نىمە؟

    جىنسى كېسەل دىگەنلىك جىنسى ئۇچىرىششتىن يۇقىدىغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. جىنسى كېسەل ئادەتتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەنبەگە قاراپ باكتېرىيىلىك، ۋىرۇسلۇق ۋە پارازېتلىق جىنسي كېسەل دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.باكتېرىيىل...


  • سىفلىسنىڭ قانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

    -        جىنسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، نورمالسىز جىنسىي ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، گاندون ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، قان تەقدىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش جەريانىدا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، بىر شىپرىس، ساقال تىغى، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى تەڭ ئىشلەتمەسلىك لازىم.

    -        بىرلا جىنسىي ھەمراھى بولۇشى ، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر جىنسىي ھەمراسى كۆپ بولسا، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك.

    -        قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى  سېلىشقا توغرا كەلسە،چوقۇم تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى سېلىش كېرەك .

    -        سىفلىس بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :

    -        سىفلىسنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ،ئەگەر ئۆزىنىڭ سىفلىس بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانسا ئامال بار بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈش كېرەك.

    -        بىمارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىشى، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. بۇ مەزگىلدە ھاراق ئىچىشتىن، غىدىقلىغۇچى تۈردىكى ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    -        داۋالىنىش مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.ئەگەر ئۈچ ئاي ئىچىدە يۇقۇملۇق سىفلىس بولغان جۆرىسى ۋە جىنسىي ھەمراھى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە،جۆرىلىرىنىمۇ بىللە داۋالىنىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.