ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-26

    شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى - [قىزىل كرېست]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35766392.html

    قىزىل كرېست جەمئىيىتى يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىككە ئىگە خەلقئارالىق تەشكىلات. ئۇ ئىنسانپەرۋرلىك، ئادىللىق،بىتەرەپلىك، مۇستەقىللىق، ئىختىيارى مۇلازىمەت، بىرلىكلىك ۋە ئومۇميۈزلۈك تىن ئىبارەت يەتتە تۈرلۈك پىرىنسىپقا ئاساسەن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ. قىزىل كرېست ھەرىكىتىىڭ تۈپ ۋەزىپىسى "ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ھەر خىل بالايى-ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زىيىنىنى تۆۋەنلىتىش"، "ئاسان زىيان زەخمەتكە ئۇچرايدىغان كىشىلەر توپىنىڭ ھاياتى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداش"، "تېنچلىق، تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش" تىن ئىبارەت.

        نۆۋەتتە، ئەيدىز دۇنيا مىقياسىدا ئىنسانلارنىڭ ھاياتى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتقان كېسەللىك بولۇپ، تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى ۋە دائىرسىنىڭ كەڭلىكى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدۇ. قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ يۇقارقىدەك خىزمەت پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى قاتارىغا قويۇپ كەلمەكتە.

    شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى 1987-يىلى رەسمىي قورۇلغاندىن بۇيان، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىجتىمائى قۇتقۇزۇش، باشلانغۇچ سەھىيە قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش......قاتارلىق كۆپ شەكىللىك ۋە كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائى مۇلازىمەتنى قانات يايدۇردى.

     شىنجاڭدا 1995-يىلى تۇنجى قېتىم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن كېيىن، قىزىل كرېست جەمئىيىتىمۇ پائال ھەرىكەتكە كەلدى. "قىزىل كرېست ۋە قىزىل ھىلال ئاي خەلقئارا بىرلەشمىسى"نىڭ  ئالدىنى ئېلىش، غەمخورلۇق قىلىش ۋە داۋالاش، كەمسىتىشنى ئازايتىشتىن ئىبارەت كۆپ تەرەپلىمىلىك خىزمەت نىشانىنى ئۆزىگە يېتەكچى قىلىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە غەمخورلۇق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بولۇپمۇ 1999- يىلى ئاۋسترالىيە قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ مەبلەغ ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، دەسلەپتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكىبىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياش تەڭتۇشلار تەربىيىسى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى. شۇندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ياردىمى بىلەن، ھازىر بۇ تۈرلەر كېڭىيىپ شىنجاڭنىڭ 14 شەھەر، ناھىيە( رايون)دە ھەر تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە غەمخورلۇق قىلىش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

    شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەيدىز خىزمىتىنىڭ مەقسىتى

    قىزىل كرېست قىزىل ھىلال ئاي ھەرىكىتى پىرىنسىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە باشقا مۇھىم ئورگانلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئەيدىزنىڭ پۈتكۈل ئاپتونوم رايونغا بولغان تەسىرىنى ئازايتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالدىنى ئېلىش، غەمخورلۇق قىلىش ۋە ياردەم بېرىش خىزمىتى ئارقىلىق، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىزىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان ئامما بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ، جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشىنى تۈگىتىش ۋە ئەيدىز تۈر خىزمەتلىرى ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىق قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

    بۇ ۋەزىپىنى ئۇرۇنداش ئۈچۈن، شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك خىزمەتنى ئۆزىنىڭ خىزمەت نىشانى قىلىپ بېكىتتى.

    1. خەلىقنىڭ تېخىمۇ كۆپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

     2. (يۇقۇملانغۇچىلارغا قارىتا) داۋالاش، غەمخورلۇق ۋە ياردەمنى كۈچەيتىش

     3.يۇقۇملانغۇچىلار ئۇچىراۋاتقان كەمسىتىشنى ئازايتىش ۋە كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش

     4. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى،ھەر دەرىجىلىك قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەيدىز خىزمىتىنى ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش.

    شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەيدىز خىزمىتى بېكىتكەن بۇ تۆت تۈرلۈك نىشان شىنجاڭنىڭ ئەيدىزنى كونتىرول قىلىش داۋالاش خىزمىتىنىڭ تەس ھەم ئاجىز ھالقىسى.

    شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەيدىز خىزمىتىنىڭ مۇلازىمەت ئوبېكتى

    1.ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى

    2.زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى

    3. ئاياللار

    4.ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرى

    بۇ خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشقا تېگىشلىك ساھە ئىنتايىن كۆپ، لېكىن يۇقارقى كىشىلەر توپى ئەيدىز تەسىرىگە(ئاسان) ئۇچرىغان بولغانلىقتىن ئۇلار قىزىل كرېست جەمئىيىتى بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇلازىمەت ۋە ياردەم ئوبېكتى قىلىپ بېكىتىلدى.

    شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەيدىز خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى

    1.      بىر ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن،ئاسان ئەيدىزنىڭ زىيىنىغا  ئۇچرايدىغان كىشىلەرگە پەقەتلا ياردەم بېرىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە ھۆكۈم چىقارمايدۇ. بۇ دىگەنلىك مەيلى ئۇ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى بولسۇن، پاھىشە بولسۇن، ھەمجىنىس بولسۇن، يۇقۇملانغۇچى بولسۇن، ئۇنىڭغا پەقەتلا مۇناسىپ ياردەم بېرىلىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى سەۋەبلىك چەكلىمىگە، كەمسىتىشكە ئۇچىرىمايدۇ.

    2.      شىنجاڭدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدىكى تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەم مۇناسىپ ھالدا مىللى تىل-يېزىقتىكى تەشۋىقات-تەربىيە-ئۇچۇر ماتېرىياللىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىدۇ.

    3.      قىزىل كرېست ھەرىكىتىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بويىچە، بارلىق پائالىيەتلەر پىدائىي خىزمەتچىلەر ئارقىلىق قانات يايدۇرۇلىدۇ. يەنى ئىشچى،دېھقان، كادىر، تىجارەتچى، ئوقۇغۇچى،  جەمئىيەتتىكى ياشلار،زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى، يۇقۇملانغۇچى، دىنى زاتلار قاتارلىق  جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەلىرىدىن كەلگەن پىدائىيلار ئۆز دائرىسىدە ھەر تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش غەمخورلۇق قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

    4.      بارلىق خىزمەتلەرگە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ (ھەقىقى تۈردە) قاتنىشىشى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. پائالىيەتلەرنى پىلانلاش، يۈرگۈزۈش، باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ بارلىق جەريانىغا يۇقۇملانغۇچىلار تولۇق قاتناشتۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ پىكىرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىدۇ.

     

     





    评论

  • [avatar:30][avatar:30]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ھۆرمەتلىك ياسىن ئابدۇللا ئەپەندى، پېقىر يۈكسەلدىن ئۆزلىرىگە خۇدا سالاملىرى بولسۇن، ھەممەيلەنگە شادلىق، بەخىت يار بولغاي!
    ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ << بوھران بلوگى >> نى نەشىر قىلىپ، ئەيدىز تور تەشۋىقات قوشۇنىمىزغا مۇھىم كۈچ بولۇپ قېتىلغانلىقىڭىزنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن ! مانا ئەمدى << قۇشقاچنى بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن >> دېگەن ھېكمەتلىك ئاتا سۆزىدەك ئىش بولدى.
    يۈكسەل بلوگى خېلىدىن بېرى ئەيدىز تور تەشۋىقات ئىشىغا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك كۈچىنى چىقىرىپ كەلدى. چامىمىزنىڭ يەتكەن يېرىچە تورداشلارنى ئەيدىز ھەققىدىكى ماتېرىيال - ساۋات ۋە مۇنازىرە - سۆھبەت بىلەن تەمىن ئېتىپ تۇردۇق. ھېچ بولمىغاندا سەمىگە ئەيدىز نېرى تۇرۇشنى سېلىپ كەلدۇق. ئەمما، يەنىلا كەسىپ ئەھلى بولمىغانلىقىمىز، بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى خىزمەتلىرىمىز يەنىلا كۈچسىز - ماغدۇرسىز بولۇپ قالغان ئىدى. مانا ئەمدى، سىزنىڭ بۇ سېپىمىزگە قوشۇلىشىڭىز بىلەن روھىمىز ئۇرغۇپ، ئىرادىمىز تېخىمۇ چىڭىدى. دېمەك، بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ سەپتە يالغۇز ئەمەسلىكىمىزنى چۈشىنىپ يەتتۇق ...
    يۈكسەل بلوگى بوھران بلوگى بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ، ئۇزاققىچە سەپەرداش بولۇشنى خالايدۇ!
  • [avatar:30]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ھۆرمەتلىك ياسىن ئابدۇللا ئەپەندى، پېقىر يۈكسەلدىن ئۆزلىرىگە خۇدا سالاملىرى بولسۇن، ھەممەيلەنگە شادلىق، بەخىت يار بولغاي!
    ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ << بوھران بلوگى >> نى نەشىر قىلىپ، ئەيدىز تور تەشۋىقات قوشۇنىمىزغا مۇھىم كۈچ بولۇپ قېتىلغانلىقىڭىزنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن ! مانا ئەمدى << قۇشقاچنى بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن >> دېگەن ھېكمەتلىك ئاتا سۆزىدەك ئىش بولدى.
    يۈكسەل بلوگى خېلىدىن بېرى ئەيدىز تور تەشۋىقات ئىشىغا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك كۈچىنى چىقىرىپ كەلدى. چامىمىزنىڭ يەتكەن يېرىچە تورداشلارنى ئەيدىز ھەققىدىكى ماتېرىيال - ساۋات ۋە مۇنازىرە - سۆھبەت بىلەن تەمىن ئېتىپ تۇردۇق. ھېچ بولمىغاندا سەمىگە ئەيدىز نېرى تۇرۇشنى سېلىپ كەلدۇق. ئەمما، يەنىلا كەسىپ ئەھلى بولمىغانلىقىمىز، بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى خىزمەتلىرىمىز يەنىلا كۈچسىز - ماغدۇرسىز بولۇپ قالغان ئىدى. مانا ئەمدى، سىزنىڭ بۇ سېپىمىزگە قوشۇلىشىڭىز بىلەن روھىمىز ئۇرغۇپ، ئىرادىمىز تېخىمۇ چىڭىدى. دېمەك، بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ سەپتە يالغۇز ئەمەسلىكىمىزنى چۈشىنىپ يەتتۇق ...
    يۈكسەل بلوگى بوھران بلوگى بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ، ئۇزاققىچە سەپەرداش بولۇشنى خالايدۇ!
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.