-
2009-03-04
توردا مەسلىھەت بېرىش باشلاندى - [توردا مەسلىھەت]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/36058202.html
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
مەزكۇر بلوگ ئەيدىز، جىنسىيەت ۋە زەھەرلىك چېكىملىك قاتارلىق تېمىلاردا بىلىم ۋە ئۇچۇر بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئەگەر مۇشۇلارغا ئائىت ياكى تەكشۈرۈش، داۋالاش، يۇقۇملانغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ياردەم سىياسەت-بەلگىلىمىلەر تەرەپلەردىن ھەر قانداق سوئال ياكى مۇلازىمەت ئۇچۇرى كېرەك بولسا، تۆۋەنگە ئىنكاس قالدۇرۇش شەكلىدە بىزگە سۇئال قالدۇرسىڭىز، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز.
بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز شەخسنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە شەخسى مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش. سوئال سورىغاندا ھەقىقى ئىسىم-فامىلىڭىزنى قالدۇرۇشىڭىز ھاجەتسىز، لېكىن سۇئالىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەپسىلى بايان قىلسىڭىز، شۇنىڭدا بىز تېخىمۇ تېز ۋە توغرا جاۋاب بېرەلەيمىز.
كۆپ سورالغان سۇئاللار قەرەللىك رەتلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ تېما سۈپىتىدە يوللىنىدۇ.
بۇ يەردە سۇئال سوراشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىققايسىز، بەلكىم سۇئالىڭىزغا جاۋاب چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
评论
سۆزنەك كېسىلىمۇ ئاستا خارەكتىرلىك بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ئالامەتلىرى قانداق.
تېز خارەكتىرلىك بولسا داۋالاش ئۈنىمى يۇقىرى ئىكەن. لېكىن ئاستا خارەكتقرلىك بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئاستا خارەكتىلىك سۆزنەك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قانداق بولىدۇ؟
قانداق داۋالىنىش لازىم.
سۈيدۇك تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسپەت بولسىلا چۇقۇم سۆزنەك كېسىلى بولامدۇ؟
ئەقىلسىز ئىنساندىن.
]مۇشۇ 1-يىزا تەۋەسىدە يىزىلىق ھۆكىمەتنىڭ تىزىملىكىگە ئۆتكەن ۋە بايقالغان ئەيدىز بىمارى 8 نەپەر. ھەر بىر يىزىدا كەم دىگەندە 5 ئەيدىز بىمارى بار ئىكەن....]
يۇقارقى پەقەت ئاشكارلانغان سان. ئاشكارلانمىغان سان نەچچە؟ ئاللاھ ئۈزەڭگە ئامانەت......
ئەيدىزززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززز ! دۆلەت ئەيدىز مەنبەسىنى ۋە يۇقۇمىنى كونتۇرۇل قىلىش جەھەتتە تۈۋەن دەرجىلىك ئۇرۇنلاردا ھېچقانداق تۈزۈم ياكى تەدبىر قوللانمىدى....... ئاشۇ ناھىيە ئۇرۇنلىرىدا پەيجۇسۇ بىلەن يانداش جايلاشقان پاھىشخانىلار ۋە رەڭلىك چىراقلىق ساتىراچخانىلارغا يىشىل چىقىراق يېقىپ بىرىۋاتقان خەنزۇ يولداش باشلىق نىڭ نىمە غەرزى بار؟