-
2010-06-07
جىنسىي مۇناسىۋەتتە دائىم قان چىقىش قانداق ئىش؟ - [ئاياللار ساغلاملىقى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/65364019.html
ياش خانىم-قىزلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتە قاناش سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىدەك:
بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشى: بالىياتقۇ بوينى مونچاق گۆشى سوزۇلما خارەكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ تەسىرىدە، ئاستا-ئاستا سىرتقا تومپىيىپ چىقىپ شەكىللەنگەن. كۆپىنچىسى تىلنىڭ شەكلىدە بولۇپ، ئاپتاپپەرەسنىڭ ئۇرۇقىچىلىك كېلىدۇ. كۆپىنچە بالىياتقۇ بوينىنىڭ سىرتىغا چىقىۋالغان بولىدۇ. سىرتقى يۈزىدە قىلدام قان- تومۇرلار كۆپ بولۇپ، تېگىشىپ كەتسە ئوڭايلا قانايدۇ.
بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش: بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش بولسا سوزۇلما خارەكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىپادىسى. شەلۋەرىگەن ئورۇن بىر قەدەر نېپىز بولۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئوڭاي قانايدۇ.
جىنسىي يول ياللۇغى: جىنسىي يول تامچە قۇرت كېسىلى ۋە جىنسىي يول تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغلۇق ياللۇغى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. ياللۇغلانغاندا جىنسىي يول دىۋارى ۋە بالىياتقۇ بوينى توقۇلمىلىرىدا قان تولغان ياكى سۇلۇق ئىششىق بولغان ھالەتتە بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى جىنسىي مۇناسىۋەتتە قاناش بىلەن ئاغرىشمۇ تەڭ بولىدۇ. بىراق جىنسىي يول ياللۇغىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە قاناشمۇ ئاستا-ئاستا يوقايدۇ.
جىنسىي يول دىۋارىنىڭ سۈركۈلۈپ زەخىملىنىشى: جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئاجرالمىلار ئاز بولسا، جىنسىي يول قۇرغاق بولىدۇ. ئەگەر سىلىقلاشتۇرغۇچى سۇيۇقلۇقلارنى ئىشلەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئەر تەرەپنىڭ ھەرىكىتى قوپال بولسا ياكى نامۇۋاپىق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا، جىنسىي يولنى زەخىملەندۈرۈپ قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاشقى جىنسىي ئەزادىكى يارا: ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلدىن كېلىپ چىققان قاناش ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ.