-
2009-04-02
راھىپقا تارغاق سېتىش - [ئۇنۋېرسال]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/37376036.html
راھىپقا تارغاق سېتىش
مەلۈم شىركەت مال ساتقۇچى قۇبۇل قىلماقچى بولۇپ ئېلان بېرىپتۇ، ئېلاندا ۋەدە قىلغان مائاش ۋە باشقا تەمىناتلار خېلىلا يۇقىرى بولغاچقا نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنى مەلۈم قىلىپ كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شىركەت بۇلارغا سىناق ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى بىر داڭلىق بۇتخانىغا تارغاق سېتىپ كېلىش كېرەكلىكىنى، مۇشۇ ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلىسا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان نۇرغۇن كىشىلەر ھاڭ- تاڭ قېلىشىپ، غۇلغۇلا باشلىنىپتۇ، بەزىلەر بىمەنىلىك دېسە، بەزىلەر مۇمكىن ئەمەس دەپ، بىر-بىرلەپ تارقاپ كېتىپ ئاخىرىدا بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنى خالايدىغان پەقەتلا ئۈچ ئادەم قاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇتخانىغا تارغاق سېتىش باشلىنىپتۇ.
بىرىنچى ئادەم بىر يەشىك تارغاقنى بۇتخانىغا ئېلىپ بېرىپ، راھىپلار ئىبادەتتىن چۈشكەندە «تارغاق ساتىمەن تارغاق!» دەپ توۋلاپ سېتىشقا باشلاپتىكەن، راھىپلار قىزىقىپ كېلىپ كۆرۈپ بېقىپ ئارقىدىنلا «بىز ياكى چاچ قويمىساق، تارغاقنىڭ نېمە كېرىكى؟» دېيىشىپ، بۇ مال ساتقۇچى ئەتەي بىزنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ دەپ خاپا بولۇشۇپ، ئۇنى بۇتخانىدىن قوغلاپ چىقىرىشىپتۇ.
ئىككىنچى ئادەم ئاۋال بۇتخانىغا كېلىپ شۇ يەردىكى ئىش-كۈشلەرنى بىر نەچچە كۈن كۈزىتىپتۇ ۋە باش راھىپنى تېپىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
-راھىپ ھەزىرىتىم، قارىسىلا، بۇتخانىلىرىغا كۈندە نۇرغۇن ساخاۋەتچى كېلىپ بۇتقا باش ئۇرۇپ، كۈجە كۆيدۈرۈپ ۋە سەدىقە بېرىشىپ كېتىدىكەن. ئەگەر سىلى ئاشۇ بۇتنىڭ ئالدىغا بىر تال تارغاق بىلەن ئەينەك قويۇپ قويسىلىرى، ساخاۋەتچىلەر ئىبادەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇزۇلۇپ كەتكەن چېچىنى تاراپ، ئۈستىۋېشىنى تۈزەشتۈرۈپ قايتىشسا، ھەر قايسىلىرىدىن تېخىمۇ رازى بولۇشقان ۋە بۇتخانىغا كېلىدىغان ساخاۋەتچىلەر تېخىمۇ كۆپەيگەن بولار ئىدى.......
بۇنى ئاڭلىغان باش راھىپ بۇ تەكلىپنى توغرا تېپىپ، دەرھال تارغاقتىن بىرنى سېتىۋاپتۇ.
ئۈچىنچى كىشىمۇ ئاۋال بۇتخانىدا بىر نەچچە كۈن ئايلىنىپتۇ ۋە ئاخىرى بىر كۈنى باش راھىپنىڭ خانىسىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ مۇنداق دەپتۇ:
- ھەزىرىتىم، بۇتخانىلىرى داڭلىق بولغاچ يىراق- يېقىندىن نۇرغۇن ساخاۋەتچىلەر كېلىپ بۇتقا تاۋاپ قىلغاچ سەدىقە- ئىئانىمۇ قىلىپ تۇرىدىكەن. ئەگەر سىلى ئۇلارغا بىرەر خاتىرە بويۇم سوۋغا قىلغان بولسىلا، ئۇلار بەلكىم تېخىمۇ خوشال بولۇشى، كېلىدىغان ساخاۋەتچىلەر ئاينىپ، بۇتخانىلىرىمۇ راۋاج تاپقان بولار ئىدى. خاتىرە بۇيۇمغا كەلسەك، مەندە ياغاچ تارغاق بار. باھاسىمۇ ئەرزان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەزىرىتىمنى خەتتاتلىققا ئىشتىياقى بار دەپ ئاڭلىدىم. ئەگەر سىلى ھەر بىر تارغاقنىڭ ئۈستىگە « شاپائەت تارغىقى» دىگەن خەتنى يېزىپ، پۇل ئىئانە قىلغان ساخاۋەتچىلەرگە سوۋغا قىلسىلا، ئۇلارمۇ چۇقۇم ياقتۇرىدۇ ۋە خوشال بولۇشىدۇ، سىلىگىمۇ قىممەت توختىمايدۇ..........................
باش راھىپ بۇلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خوشال بولۇپتۇ ۋە دارھاللا 1000 تال تارغاق سېتىۋېلىپلا قالماي، تۈگىگەندە يەنە ئۇنى ئىزلەپ مال سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.
مانا بۇ سودا-سېتىقنىڭ ئېپى.
بۇنى يېقىندا ئىئانە توپلاش خىزمىتى ھەققىدىكى بىر تەربىيلەشكە قاتنىشىپ، شۇ يەردە ئاڭلىغان. قىزىقارلىق ھەم ئەھمىيەتلىك بىلىنىپ خاتىرلىۋالغانتىم.
ئەگەر سىز سودا- سېتىق بىلەن شۇغۇللانسىڭىز، سىز يۇقارقى ئۈچ خىل ئۇسۇلنىڭ قايسسىنى قوللىنىۋېتىپسىز؟ يەنە قانداق يېڭىلىق ۋە ياخشىلاش ئاماللىرى باركەن؟ ئويلىنىپ بېقىپ خۇلاسىسىنى ئۆزىڭىز چىقىرارسىز، سىزگە ئازىراق پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
评论