-
2010-06-07
ئاياللار جىسىي كېسەل بۇلۇپ قالسا، قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ - [ئاياللار ساغلاملىقى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/65364844.html
ئاياللارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى:
جىنسىي كېسەل سۈيدۈك يۇلى ياللۇغى،جىنسىي يول ياللۇغى، بالياتقۇ بوينى ياللۇغى، سوزۇلما خارەكتېرلىك تۆۋەنكى قۇرساق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكنى پەيدا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان ئازاپلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا، پەرزەنت كۆرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر سىفلىسنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، يۈرەك
ۋە نېرۋا سېستىمىسىغا تەسىركۆرسىتىشى، ھەتتا ھاياتىغا خەۋىپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.كۆپ قىسىم جىنسىي كېسەللىكنى داۋالىغىلى بولسىمۇ، دېققەت قىلمىغاندا قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن.
كۆپىيىش سېستىمىسىغا بولغان تەسىرى:
بەزى ئاياللار جىنسىي كېسەل بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن، ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ۋاقتىدا داۋالانماي، كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بەزى جىنسىي كېسەللەر تۇخۇم نەيچىسى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ تۇغماسلىق، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلە بولۇپ قېلىش، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇپ قۇيۇش ۋە بالىنىڭ ئۆلۈك تۇغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، غەيرىي سۆزنەك باكتېرىيىلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغى، تامچە قۇرۇت كېسىلى، جىنسىي ئەزا تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر.
كېيىنكى ئەۋلادلارغا بۇلغان تەسىرى:
بەزى جىنسىي كېسەللەر كېيىنكى ئەۋلادلارغا يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.ئەگەر ھامىلىدار ئايال سۆزنەك، سىفلىس، غەيرىي سۆزنەك باكتېرىيىلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغى، جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى ۋە ئەيدىز قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرى بىلەن يۇقۇملانسا، شۇ كېسەل ئانىدىن بوۋاققا يۇقىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بوۋاقتا ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.