ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2010-06-07

    داس بوشلۇقى ياللۇغى، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى ۋە داۋالاش - [ئاياللار ساغلاملىقى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/65364353.html

    داس بوشلۇقى ياللۇغى كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاياللار كېسەللىكى بولۇپ، ئۇ بالىياتقۇ، تۇخۇم نەيچىسى، تۇخۇمدان، قورساق پەردىسى قاتارلىق چوڭ بىر دائىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىغا چېتىشلىق بولىدۇ. ئۇ ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خارەكتېرلىك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى ئاساسلىقى تۇغۇتتىن ياكى ھامىلە چۈشۈرگەندىن كېيىن، بالىياتقۇ بوشلۇقى ئوپىراتسىيىسىدىن ۋە ھەيز مەزگىلىدىكى تازىلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ؛ سوزۇلما خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى كۆپىنچە ئۆتكۈر خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالىمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بىراق كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئۆتكۈر ياللۇغلىنىش تارىخى بولمايدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى ئوڭاي سەل قارىلىدۇ، لېكىن ئۇ تۇغماسلىقنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ.

     

    داس بوشلۇقى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاننىڭ ئالامىتى قانداق؟

    1.  ئۆتكۈر خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى: قىزىش، قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، ئاغرىق يوتىسىغىچە بېرىش، بەزىدە كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئاق خۇننىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، يىرىڭلىق، غەيرىي پۇراقلىق بولىدۇ.

    2.  سوزۇلما خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى: ئۆتكۈر خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغىغا قارىغاندا ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. بەزىدە قىزىش، بەل قىسمى تېلىپ ئاغرىش، قورساقنىڭ ئاستى قىسمى كۆپۈش، ئوڭاي چارچاش، ئاق خۇن كۆپىيىش ياكى ھەيز كەينى-كەينىدىن كېلىش، ھەيز دەۋرى سوزۇلۇپ كېتىش، ھەيز مىقدارى زىيادە كۆپ بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

    داس بوشلۇقى ياللۇغىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

    ئۆتكۈر خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغىغا ئانتىبىئوتىك دورىلار بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. ئالدى بىلەن پىنسىلىن(青霉素)، گېنتامىتسىن(庆大霉素) ۋە مىترونىدازوللارنى(灭滴灵) ئىشلىتىش، كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغانلار كەڭ تەسىرلىك ئانتىبىئوتىك دورىلارنى (广谱抗生素) ئىشلەتسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇ تولۇقلاپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، جىنسىي تۇرمۇشنى چەكلەش كېرەك. سوزۇلما خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغىنى ئانتىبىئوتىك دورىلار، جۇڭيىچە دورىلار ياكى فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن داۋالىغىلى بولىدۇ.





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.