ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 1999-11-30

    كۆپ كۆرۈلىدىغان جىنسى كېسەللەر-سىفىلىس - [جىنسى كېسەل]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/39652701.html

    سىفلىس

     سىفلىس دېگەن نېمە؟

    سىفلىس-سىفىلىس ئاقۇش بۇرغىسىمان تەنچە پەيدا قىلىدىغان سوزۇلماخاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ،دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش،داۋالاش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن نۇقتىلىك كۈزىتىپ كونتىرول قىلىنىدىغان جىنسى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ بىرى.

    سىفلىسنىڭ يۇقۇش يوللىرى

      1) بىۋاستە جىنسي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ: بۇ خىل يۇقۇش يولى تەخمىنەن %95 تىن %98 كىچە نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.

    2) ۋاستىلىك تېگىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ: بۇ كېسەل ئادەمنىڭ ئىشلەتكەن  نەرسىلىرىنى ئىشلىتىش، كېسەل بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇش ئارقىلىق يۇقۇش قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.

    3)  ئانىدىن بوۋاققا يۇقۇش:ھامىلدار ئانا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ ساقايمىغان بولسا بالىسىغا يۇقىدۇ.

     4) قان ئارقىلىق يۇقىدۇ: قان تەغدىم قىلغۇچىنىڭ قېنىدا سىفلىسنىڭ كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى بولسا، قان قۇبۇل قىلغۇچىغا بىۋاستە يۇقۇپ قالىدۇ.

    سىفلىسنىڭ كېسەللىك سەۋەبى

    سىفلىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇرمىسىمان تەنچە ئىنچىكە،ئۇزۇن، قۇيۇق بۇرمىلىق مىكرو ئورگانىزىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى5مىكرومېتردىن 20مىكرومېترغىچە بولىدۇ،ئادەم بەدىنىدە ئۇزۇن ۋاقت ياشىيالايدۇ. ئەمما بەدەن سىرتىدا ئاسانلا ئۆلىدۇ، قۇرغاق مۇھىت، سوپۇن سۈيى ۋە ئادەتتىكى دېزىنفېكسىيە دورىلىرى ئۇنى ئاسانلا ئۆلتۈرەلەيدۇ. ئەمما سوغۇققا چىداملىق كېلىدۇ.

    سىفلىسنىڭ كېلىنىكىلىق ئىپادىلىرى

    سىفلىس تارقىلىش يولىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تۇغما سىفلىس(ھامىلە ۋاقتىدا يۇقۇملانغان)ۋە ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك سىفلىس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. كېسەلنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىگە قاراپ بىرىنچى باسقۇچ، ئىككىنچى باسقۇچ، ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىفىلىس دەپ ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى، ئىككىنچى باسقۇچ دەسلەپكى مەزگىل دەپ ئاتىلىپ، ئۈزۈل-كېسىل داۋالانسا ئاسارەتسىز ساقىيىشى مۇمكىن. ئۈچىنچى باسقۇچتا مىكرو ئورگانىزىم بەدەندىكى ئەزالارغا زەخمىلىنىش پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن ئوخشىمىغان ياكى داۋالاش ئۈزۈل-كېسىل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۆپ ساندىكى بىمارلار ئۆلۈپ كېتىدۇ. تۇغما سىفلىس ھامىلىنىڭ يۇقۇملانغان ۋاقتى، بۇرمىسىمان تەنچە تەرەققىيات ئەھۋالى، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ زەخمىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشىمىغان كېسەللىك ئىپادىسىگە ئىگە بولىدۇ، بىر قىسىم بالىلار مېيىپ تۇغۇلىدۇ،مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىلار ئەي بولمايدۇ ياكى ئانچە ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ.

     

    سىفلىس قانداق تارقىلىدۇ؟

    ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك سىفلىس ئاساسىي جەھەتتىن جىنسي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ.ئالاھىدە ئەھۋالدا ئىشلەتكەن شىپرىستا ئوكۇل ئۇرۇش، كۆپ ئادەم بىر ئۇستۇرىدا چاچ-ساقال ئېلىش، ئورتاق چىش چوتكىسى ئىشلىتىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق يۇقۇشىمۇ مۇمكىن. ھامىلدار ئانا سىفلىس كېسىلىگە گىرپتار بولسا،تۇغۇش جەريانىدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا يۇقۇشىمۇ مۇمكىن.

    تۇغما سىفلىس بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقۇپ، تېخى تۇغۇلماي تۇرۇپلا ھامىلە سىفلىس كېسىلىگە گرىپتار بولىدۇ، ھامىلىنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا بالا ھەمراھى تېخى شەكىللەنمىگەن بولغاچقا، بۇرمىسىمان تەنچە ھامىلە بەدىنىگە ئۆتەلمەيدۇ، شۇڭا تۆت ئاي ئىچىدىكى ھامىلە ئاسانلىقچە سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ. بۇرمىسىمان تەنچىسى بىلەن يۇقۇملانسا، بالا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، بەزى بالىلار غەيرىي تۇغۇلۇشى مۇمكىن.

       سىفلىس بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ،ئۇزاق مەزگىللىك كېسەللىك تارىخى جەريانىدا ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامىتى بەزىدە يوشۇرۇنۇپ،بەزىدە ئاشكارىلىنىپ تۇرىدۇ،دەسلەپكى باسقۇچتىكى سىفلىس(يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە)نىڭ يۇقۇملىنىشچانلىنى كۈچلۈك بولىدۇ،كېسەل تارىخنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ،ئۇنىڭ يۇقۇملىنىشچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ.كېيىنكى مەزگىلىدە كېسەللىك ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ يۇقۇملىشىچانلىقى ئاجىز بولىدۇ.

     

    سىفلىسنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى قايسىلار؟

    يۇشۇرۇن دەۋرى:

    سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسى بىلەن يۇقۇملىنىپ(كۆپرەك ئەھۋالدا سىفلىس كېسىلىنىڭ يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە بولغان كىشى بىلەن جىنسي تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن تەخمىنەن ئۈچ ھەپتىلەر(10كۈندىن 75كۈن)گىچە بىمارداھېچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ،بۇ دەۋردىكى بىمارمۇ ئوخشاشلا كۈچلۈك يۇقۇملاندۇرۇشچانلىققا ئىگە، بۇ دەۋر سىفلىسنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى دېيىلىدۇ.

    يۇشۇرۇن دەۋر ئۆتكەندىن كېيىن،يۇقۇملانغان ئورۇندا (كۆپرەك تاشقى جىنسي  ئەزالاردا، بەزىدە كالپۇك ،تىل، مەقئەت ياكى قول قاتارلىق ئورۇنلاردا)ئاغرىمايدىغان، قىچىشمايدىغان، ئەتراپ چېگراسى روشەن بولغان، پىلە غوزىكى چوڭلۇقتىكى قىزىل راڭلىك قاتتىق مونەك پەيدا بولىدۇ،تېرىسى بۇزۇلۇپ،ئازمىقداردا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. ئەڭ يېقىن ئەتراپتىكى لىمفا تۈگۈنى يوغىناپ قالىدۇ،ئاجراتمىلارنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە،نەتىجىسى مۇسپى بولۇپ چىقىدۇ.قاتتىق شانكىرنى داۋالاتمىغان ياكى داۋالاش ئۈزۈل-كېسىل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا5-7ھەپتىگىچە ئۆزلىكىدىن كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ،بۇ بىرىنچى دەۋرلىك يوشۇرۇن سىفلىس باسقۇچىغا كىرىدۇ.

    ئىككىلەمچى باسقۇچلۇق بىرلەمچى سىفلىس ئەسۋىسى:

    تەخمىنەن يۇقۇملىنىپ 10ھەپتىلەر بولغاندا (سەككىز ھەپتە بىلەن 12 ھەپتەئەتىراپىدا) بىماردا قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بېشى ئاغرىش، سۆڭەك ۋە بوغۇملىرى ئاغرىش،مۇسكۇل ئاغرىش،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك قىزغۇچ رەڭلىك،يۇمىلاق ياكى ئېللىپىس شەكىلدىكى زىچ تارقالغان ئۇششاق ئەسۋىلەر چىقىدۇ،بەزىلەر تېرە بىلەن تەكشى بولۇپ،بەزىلىرى بىر ئاز كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ،بەزىلىرى يىرىڭدىشى مۇمكىن،ئادەتتە سىممېترىك بولۇپ،ئاغرىمايدۇ، قىچىشىمايدۇ، پۈتۈن بەدەندىكى لىمفا تۈگۈنلىرى يوغىنايدۇ،بەزىلەرنىڭ مەقئەت ئەتراپىدا ھۆل دۆڭچە ئەسۋە ياكى ياپىلاق ھۆل سۆگەل ياندىشىپ كېلىشى مۇمكىن، بەزىلەردە سۆڭەك پەردىسى ياللۇغى، چىش بۇزۇلۇش، چېچى چۈشۈش (يەنى چېكە، چوققىسى ۋە گەجگە قىسىمىدا قۇرت يىگەندەك چاچ چۈشۈش كۆرۈلىدۇ)، كۆز رەڭدار پەردە ياللۇغى، مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن كېلىشى مۇمكىن.

    قان زەردابىنى تەكشۈرگەندە مۇسپى بولۇپ چىقىدۇ.

    داۋالانمىغان ياكى داۋالىنىش ئۈنۈملۈك بولمىغاندا،يۇقىرىقى ئالامەتلەر يوقىلىپ، كېسەل ئىككىنچى قېتىملىق يۇشۇرۇن مەزگىلىگە كىرىدۇ.

    ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئىككىلەمچى سىفلىس ئەسۋىسى:

    كۆپرەك ئەھۋالدا يۇقۇملىنىپ ئىككى يىللار ئىچىدە شەكلى بىرلەمچى ئەسۋىگە ئوخشىشىپ قالىدىغان،ئەمما سانى ئاز،شالاڭ ئەسۋىلەر چىقىدۇ. كۆپرەك يۈز ۋە پۇت-قول قىسىمىدا بولىدۇ ياكى ئالقان، پۇت ئاستى، شىللىق پەردە قاتارلىق ئورۇنلاردا بولىدۇ .تارقىلىشى سىممېترىك بولۇپ، كۆپرەك يۇمىلاق ياكى يايسىمان بولىدۇ، بەزىدە ياپىلاق ھۆل سۆگەل پەيدا بولىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەردە سۆڭەك ياكى كۆز رەڭدار پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار بىللە كېلىدۇ.

    قان زەردابىنى تەكشۈرگەندە مۇسپى بولىدۇ.

    داۋالاتمىغان ياكى داۋالىنىش ئۈنۈملۈك بولمىغاندا،يۇقىرىقى ئالامەتلەر ئۆزلۈكىدىن يوقىلىپ، كېسەللىك ئۈچىنچى باسقۇچلۇق دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ.

     

    ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىفلىس

    يۇقۇملنىپ ئىككى يىللار ئۆتكەندە بۇرمىسىمان تەنچە ھەرقايسى ئەزالارغا كەڭ كۆلەمدە يامراپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ھەرقايسى ئەزالارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، كېسەللىك ئالامىتىدىمۇ زور پەرقلەر بولىدۇ، بۇ دەۋردە يۈز ياكى پۇت-قول تېرىلىرىدە سىفلىس ئۆسمىلىرى پەيدا بولىدۇ. بەزىلىرى يۈزى بۇزۇلۇپ شەلۋەرلەيدۇ، كېسەللىك ئېغىزى بوشلۇقىدا كۆرۈلگەندە يۇمشاق تاڭلاي، كىچىك تىل، تىل قاتارلىق ئورۇنلار زەخمىلىنىپ يارىلىنىشى، ھەتتا تېشىلىشى مۇمكىن. سۆڭەك، يىلىك قاتارلىقلاردىمۇ زەخمىلىنىش كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئاساسىي ئارتېرىيە قاتارلىقلاردىمۇ زەخمىلىنىشى مۇمكىن. نېرۋا سىستېمىسى زەخمىگە ئۇچرىغاندا ئوخشىمىغان

    دەرىجىدە پالەچلىك، گالۋاڭلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىشى مۇمكىن.

    دەسلەپكى باسقۇچلۇق تۇغما سىفلىس كۆپرەك ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلاردابولىدۇ. تېرە، ئېغىز بوشلۇقى، مەقئەت ئەتراپى قاتارلىق جايلاردا قېنىق قىزىلرەڭلىك ياكى قارامتۇل قىزىل رەڭلىك  ئۆسمىسىمان ئۆزگىرىشنى كۆرگىلى بولىدۇ،ئۇنىڭ ئەتراپىدا تېرىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان ئەسۋىلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن، پۈتۈن بەدەندىكى لىمفا تۈگۈنلىرى ۋە جىگەر، تال قاتارلىق ئەزالىرى يوغىنىغان بولىدۇ،بالىنىڭ ئوچۇقلىنىشى ناچار بولۇپ، ئورۇق، تېرىلىرى قېرىلارنىڭكىدەك قورۇقلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.

    قان زەردابىنى تەكشۈرگەندە تەكشۈرۈشلەر مۇسپى بولىدۇ،بوۋاقنىڭ ئانىسىنى تەكشۈرگەندە قاندىكى RPRتەكشۈرۈشلەر مۇسپى بولىدۇ.

    ئاخىرقى دەۋردىكى سىفلىس ئىككى ياشتىن يۇقىرى بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بوۋاقنىڭ تېرە، شىلىمشىق پەردە، سۆڭەك، كۆز ۋە ئىچكى ئەزالىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى سىفلىسلىق زەخمىلىنىش كۆرۈلىدۇ، بوۋاقنىڭ تۇغما سىفلىسلاردا بولىدىغان ئالاھىدە چىراي ئىپادىسىگە ئىگە بولىدۇ.ئۈستۈنكى تاڭلاي يايىسى تار بولىدۇ، چىشى غەلىتە، بۇرنى ئېگەرسىمان بولۇپ،كالپۇكلىرى ئەتراپىغا تارتۇقلار پەيدا بولىدۇ، كۆپ ساندىكى بالىلار نېرۋا خاراكتېرلىك گاس بولىدۇ.

    قان زەردابىنى تەكشۈرگەندا مۇسپى بولىدۇ. ئانىسىنىڭ قېىنىدا RPRمۇسپى بولىدۇ.

     

    سىفلىسقا قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ ۋە سېلىشتۇرما دېئاگنوزنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟

    سىفلىس كېسەللىك ئالامىتى جەھەتتىن نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن سېلىشتۇرما دىئاگنوز ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.كېسەللىك تارىخى گۇمانلانغان ھامان سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسىنى تېپىش، قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوزنى مۇقىملاش كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا، تىرىك توقۇلمىنى تەكشۈرۈشكە ياكى تەجرىبە خاراكتېرلىك داۋالاشقا بولىدۇ.

    سىفلىسنىڭ داۋالاش پرىنسىپى نېمە؟

    دىئاگنوز ئېنىقلانغاندىن كېيىن، داۋالاش قانچە بالدۇر باشلانسا شۇنچە ياخشى، دورا مىقدارى چوقۇم يېتەرلىك بولۇشى، داۋالاش باسقۇچى تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك، داۋالاشنى توختاتقاندىن كېيىن،يېتەرلىك كۆزىتىش باسقۇچى قۇبۇل قىلىشى، ئەگەر كېسەللىك سېزىلسە داۋالىنىشى كېرەك،كېسەلنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن داۋالىنىش جەريانىدا جىنسي تۇرمۇشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.

    سىفلىسنى داۋالاش مەقسىتى نېمە؟

    دەسلەپكى باسقۇچلۇق سىفلىستا تېزلىك بىلەن يۇقۇملىشىچانلىقىنى يوقىتىپ، بىمارنى سالامەتلىكىنى ياخشىلاپ، قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مەنپىيگە ئايلاندۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنىدۇ.

    ئاخىرقى باسقۇچلۇق سىفلىستا سىفلىسلىق زەخمىلىنىشنىڭ داۋاملىق  كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش، زەخمىلىنىشنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. داۋالاشتىن كېيىن بۇرمىسمان تەنچە يوقىتىلىپ، ياللۇغلىنىش كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، توقۇلمىلارنىڭ ئاللىقاچان زەخمىلەنگەن قىسىمى تولۇق ئەسلىگە كەلمەي، ھەرخىل ئاسارەتلەرنى قالدۇرۇشى مۇمكىن.

    سىفلىسنى داۋالاش لايىھىسى قانداق؟

    ئادەتتە بېنىزانتىن پېنتسىللىن (芐星青霉素 )دىن2400000Uئىككى يانپاشتىن ھەپتىسىگە بىر قېتىم ئوكۇل قىلىنىپ،3-2قېتىمدىلا ئۈزۈل-كېسىل ساقايتىش مەقسىتىگەيەتكىلى بولىدۇ. بېنىزانتىن پېنتسىللىن تېپىلمىغاندا ئادەتتىكى ئوكۇل ئۇرۇش پېنتسىللىن ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.

    پېنتسىللىن رېئاكسىيە بېرىدىغان كىشىلەرگە قارىتا تېتراتسىلىندىن بىر قېتىمدا 500 مىللىگرام،كۈندە تۆت قېتىمدىن 15كۈن ئۇلاپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ(جىگەر،بۆرەك ئىقتىدارىدا مەسىلە بار بىمارلارغا قارىتا ئىشلەتمەسلىك كېرەك)ئۇنىڭدىن باشقا ئېرىترومىتسىن  قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

    قان ئايلىنىش سىستېمىسى سىفلىسنى داۋالاش: بىماردا ئەگەر يۈرەك ئاجىزلىشىش ئەھۋاللىرى بولسا،ئالدى بىلەن يۈرەك ئىقتىدارىنى ئەسلىگە  كەلتۈرۈپ،پېنتسىللىننى دەسلەپكى ئاز مىقداردىن باشلاپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ.ئۇنداق بولمايدىكەن،ناچار رېئاكسىيە يۈز بېرىپ.ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىشى ھەتتا ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن،ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۇدا ئېريدىغان پېنتسىللىننن Gنى بىرىنچى كۈنى 100000Uبىر قېتىم،ئىككىنچى كۈنى100000Uئىككى قېتىم،ئۈچىنچى كۈنى200000Uئىككى قېتىم يانپاشتىن ئوكۇل قىلىپ،تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ئىشلىتىش

    كېرەك.

     پروكايىن ېنتسىللىننن  Gدىن 800000Uئوكۇل قىلىپ 15كۈن ئىشلىتىش كېرەك،ئىككى ھەپتە دەم ئالغاندىن كېيىن يۇقىرىقى مىقداردا يەنە بىر باسقۇچ ئىشلىتىش كېرەك.

    تۇغما سىفلىسنى داۋالاش:

    تۇغما سىفلىسقا گىرىپتار بولغان بالىلارغا بېنىزاتىن پېنتسىللىن،پروكاين پېنتسىللىن قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.مىقدارى بى



    评论

  • مەزى بىزى كىسىلىنىي يىلتىزىدىن ساقايىتقىلىي بولام دۇ؟
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.