-
جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى 2تىپلق ئاددىي قاپارتما ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي ئەزاسىدىكى يۇقۇملىنىش بۇلۇپ ،كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى كۆپىيىش ئەزا يارىسىنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر.
مەنبەسى:
ئاساسەن ئاددى قوقاق ۋىروسى2تىپى بۇلۇپ ،ئۇنىڭدىن قالسا 1تىپلىقى بۇلىدۇ .ۋىروسنىڭ سىرتقى مۇھىتقا بولغان قارشىلىق كۈچى ئاجىز ،ئېفىر ،ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ھەمدە ئادەتتىكى دېزىنفىكسىيە دورىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆلىدۇ.
يۇقۇش يوللىرى:
ئاساسەن جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ،ئانىدىن بالىغا تارقىلىدۇ(بالياتقۇ ئىچى ۋە تۇغۇت يولى يۇقۇملىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
ئالامىتى:
يۇشۇرۇن دەۋرى 10-2 كۈن، ئادەتتە 5-4كۈن بولىدۇ.
بىرلەمچى جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى: سىرتقى جىنسىي ئەزا ھەم مەقئەت ئەتراپىدا كەڭ كۆلەمدە پاراللىل تارقالغان،ئاغرىيدىغان،قىزىل داغ ئاساسىدىكى توپلاشما كىچىك سۇلۇق قاپارتمىلار پەيدا بولىدۇ.دائىم قىزىش،باش ئاغرىش،مۇسكۇللار
-
2009-05-20
سىفىلىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش-2 - [جىنسى كېسەل]
سىفلىسنىڭ قانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
- جىنسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، نورمالسىز جىنسىي ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، گاندون ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، قان تەقدىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش جەريانىدا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، بىر شىپرىس، ساقال تىغى، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى تەڭ ئىشلەتمەسلىك لازىم.
- بىرلا جىنسىي ھەمراھى بولۇشى ، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر جىنسىي ھەمراسى كۆپ بولسا، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك.
- قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى سېلىشقا توغرا كەلسە،چوقۇم تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى سېلىش كېرەك .
- سىفلىس بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :
- سىفلىسنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ،ئەگەر ئۆزىنىڭ سىفلىس بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانسا ئامال بار بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈش كېرەك.
- بىمارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىشى، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. بۇ مەزگىلدە ھاراق ئىچىشتىن، غىدىقلىغۇچى تۈردىكى ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
- داۋالىنىش مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.ئەگەر ئۈچ ئاي ئىچىدە يۇقۇملۇق سىفلىس بولغان جۆرىسى ۋە جىنسىي ھەمراھى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە،جۆرىلىرىنىمۇ بىللە داۋالىنىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.
-
2009-04-20
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى غەمخورلۇق قىلىش مەركىزى - [مۇلازىمەت ئۇچۇرى]
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى غەمخورلۇق قىلىش مەركىزى
بۇ دوختۇرخانا ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالايدىغان مەخسۇس دوختۇرخانا بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ۋە تىپ... -
2009-04-14
سۇئالغا جاۋاپ: سۆزنەكنىڭ ئالامەتلىرى ۋە ئۇنى داۋالاش - [جىنسى كېسەل]
سۇئال:سۆزنەك كېسىلىمۇ ئاستا خارەكتىرلىك بولامدۇ؟ ئۇنىڭ ئالامەتلىرى قانداق؟تېز خارەكتىرلىك بولسا داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى ئىكەن،لېكىن ئاستا خارەكتىرلىك بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ئاستا خارەكتىرلىك سۆزنەك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى قانداق بولىدۇ؟
قانداق داۋالىنىش لازىم؟ سۈيدۇك تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسپەت بولسىلا چۇقۇم سۆزنەك كېسىلى بولامدۇ؟ -
2009-02-27
ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچىشكە ئائىت كۆپ ئۇچىرايدىغان سۇئاللار - [ئەيدىز]
دورا ئىچىشقا ئائىت كۆپ ئۇچىرايدىغان سۇئاللار
بۇ دورىلار ئادەتتە كۈندە قانچە ۋاق ئىچىلىدۇ؟
كۆپ قىسىم ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى بىر كۈندە ئىككى ۋاق ئىچىش تەلەپ قىلىنىدۇ ، يەنى ھەركۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا ،ھەر 12سائەتتە بىر قېتىم ئىچىش ... -
2009-02-27
كىملەر ھەقسىز بولغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا ئېرىشەلەيدۇ؟ - [ئەيدىز]
تۆۋەندىكى شەرتنى ھازىرلىغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىشنى ئويلاشسا بولىدۇ:
- يۇقۇملانغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەنلەر( يەنى قولىدا دىئاگىنوز ئىسپاتى بارلار)؛
... -
2009-02-27
ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى - [ئەيدىز]
ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى
كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەكس تەسىرى بولمايدۇ، ئاز بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئازراق ئەكس تەسىرى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ خىل تەسىرنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. "ۋىرۇسقا قارشى دا... -
ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر
• ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچىش ئۇزۇن مەزگىللىك داۋالىنىش بولغاچقا توختىتىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ .
• دورا ئىچىشنى با... -
2009-02-27
ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلار ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر - [ئەيدىز]
ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا گەرچە ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ھەقسىز بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ بۇ دورىلارغا قارىتا چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن، دورىنى ئوتتۇرا يولدا توختىتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەممىلا يەردە تىببى خادىمل... -
2009-02-27
ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش بىلىملىرى - [ئەيدىز]
"ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش" دېگەن نېمە ؟
"ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش" دېگىنىمىز- بىر نەچچە خىل دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىچىش ئارقىلىق، بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، CD4 ھۈجەيرىلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدىغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئىممۇنىتې...