ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە


  • 1.      ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دىگەن نىمە؟

    ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دىگىنىمىز دورا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ، ئاز دىگەندە 3 خىل ئوخشىمايدىغان دورىنى بىللە ئىشلىتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بەدەندە كۆپىيىشىنى چ...



  • ھازىرغا قەدەر يۇقۇملانغۇچى تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەلتۈكۈس ئۆلتۈرىۋېتەلەيدىغان داۋالاش ئۇسۇلى ياكى ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا تېپىلمىدى. شۇڭلاشقا داۋالاش  دىگەندە بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ سانىنى ئازايتىپ، نورمال ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ساق...

  • سىفلىسنىڭ قانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

    -        جىنسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، نورمالسىز جىنسىي ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، گاندون ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، قان تەقدىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش جەريانىدا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، بىر شىپرىس، ساقال تىغى، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى تەڭ ئىشلەتمەسلىك لازىم.

    -        بىرلا جىنسىي ھەمراھى بولۇشى ، نىكاھتىن سىرتقى جىنسىي ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر جىنسىي ھەمراسى كۆپ بولسا، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك.

    -        قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى  سېلىشقا توغرا كەلسە،چوقۇم تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قان ياكى قان ياسالمىلىرىنى سېلىش كېرەك .

    -        سىفلىس بىمارلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :

    -        سىفلىسنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ،ئەگەر ئۆزىنىڭ سىفلىس بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانسا ئامال بار بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈش كېرەك.

    -        بىمارلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىشى، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە دورىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. بۇ مەزگىلدە ھاراق ئىچىشتىن، غىدىقلىغۇچى تۈردىكى ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    -        داۋالىنىش مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.ئەگەر ئۈچ ئاي ئىچىدە يۇقۇملۇق سىفلىس بولغان جۆرىسى ۋە جىنسىي ھەمراھى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە،جۆرىلىرىنىمۇ بىللە داۋالىنىشقا دەۋەت قىلىش كېرەك.