ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-25

    ئەيدىزنى داۋالاش - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35697386.html

    ھازىرغا قەدەر يۇقۇملانغۇچى تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەلتۈكۈس ئۆلتۈرىۋېتەلەيدىغان داۋالاش ئۇسۇلى ياكى ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا تېپىلمىدى. شۇڭلاشقا داۋالاش  دىگەندە بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ سانىنى ئازايتىپ، نورمال ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ساقلاپ تۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىنىڭ ھاياتلىق سۈپىتى(سالامەتلىكى) ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ، كېسەللىك قوزغىلىش ۋە ئۆلۈپ كېتىشنى كېچىكتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان داۋالاشلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ داۋالاش ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش، پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، راكقا قارشى داۋالاش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەڭشەپ داۋالاش ۋە ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش دىگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ.

     

    1.            ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش

    يەنى ئىممۇنىتېت سېستىمىسى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىشتىن بۇرۇن ئوخشاش بولمىغان بىر نەچچە خىل دورىنى(ئادەتتە 3 خىل) بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىش ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى يۇقىرى كۆتىرىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى.

    ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ تەسىر قىلىش پىرىنسىپى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلاردا ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت. ئادەتتە ۋىرۇس كۆپىيىشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىللىرىدە تەسىرى ئوخشاش بولمىغان بىر نەچچە خىل دورىنى(ئادەتتە 3 خىل) بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدۇ، بەزىدە دورىنىڭ تەسىرىدە ۋىرۇسنىڭ سانى قان تەكشۈرۈشتىن بىلگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئازلايدۇ. مانا بۇنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش.

    ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش نۆۋەتتە ئەيدىزنى داۋالاشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق گەرچە ۋىرۇسنى بەدەندىن تەلتۈكۈس يوقاتقىلى بولمىغان بىلەن، بەدەندىكى ۋىرۇس مىقدارىنى ئازايتقىلى، بەدەننىڭ ئىممونىتېت ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ياشاش سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، ھاياتنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

     

    2. پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش

    ھەر خىل يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولغان كېسەللىكلەرگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىش ۋە كېسەللىك يۈز بەرگەندە ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالىنىش، بۇ ئارقىلىق ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

    بەزىلەر پۇرسەتلىك يۇقۇملىنشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دورا ئىشلىتىدۇ.بۇنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى كۈچەيتىشكە ياردىمى بار.

        بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل پۇرسەتلىك كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنشنىڭ خەتىرىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. بىراق دورا ئىچىش ئارقىلىق بارلىق پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ.

     

    پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارنى داۋالاشنىڭ يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشقا نىسبەتەن رولى ئىنتايىن چوڭ.شۇڭا يۇقۇملانغۇچى پۇرسەتلىك كېسەللىكلەردىن يۇقۇملانسا داۋالىنىپ ساقايغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بىرەيلەن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەل قوزغىلىپ يېتىپ قالسا چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىشى كېرەك. مەسىلەن ئۆپكە تۇبېركۇليۇزىدىن يۇقۇملىنىشنى داۋالاش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ. شۇنداقلا تۇبېركۇليۇزنى داۋالاش ھازىر ھەقسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.( تۇبېركۇليۇز توغىرسىدىكى ساۋاتلارنى  تۇبېركۇليۇز ۋە ئەيدىز دىگەن تېمىدىن كۆرۈڭ)

     راكقا قارشى داۋالاش                                                                            

    يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆسمە، مەسىلەن كاپوسى گۆش ئۆسمىسىگە قارىتا غەرپ ۋە جوڭيى تىبابىتىدىن پايدىلىنىپ كېلىنىكىلىق داۋالاش ئارقىلىق ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن长春新碱،博来霉素،阿霉素قاتارلىق دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ۋە نۇر ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

     

    2.          ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەڭشەپ داۋالاش

    كۆپ خىل ئىممۇنىتېت تەڭشەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جوڭيى ۋە غەرب تىبابىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنۋېرسال داۋالاش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

     

    3.          روھىي جەھەتتىن داۋالاش

    يۇقۇملانغۇچى ھاياتقا نىسبەتەن ئۈمىدۋار بولسا، بۇنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئىنتايىن چوڭ پايدىسى بار. ئەگەر يۇقۇملانغۇچى غېرىبسىنسا ياكى چۈشكۈنلەشسە، كېسەلنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتۋېتىدۇ. ئەتراپىدىكى دوسىتلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى ئۇلارغا نىسبەتەن بەكمۇ مۇھىم. بەزىدە يۇقۇملانغۇچى بەك چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ، بۇ ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىسىز. ئەڭ ياخشىسى چۈشكۈنلۈك بۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن بۇرۇن دوختۇرغا كۆرسىتىپ،  مۇۋاپىق مەسلىھەت ياكى داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم.

     

    4.          ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش

     يۇقۇملانغۇچىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ساقلاپ قېلىشىدا ئۇزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىش بەكمۇ مۇھىم. مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك، ساغلام ئۇزۇقلىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، ھەر خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار، يەنى ئاقسىل، كاربونھىدىرتلار، ۋېتامىن ۋەمېنىرال ماددىلارنىڭ تولۇق سۈمۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلار ياكى كېسەللىك سەۋەبلىك نورمال ئۇزۇقلىنىشى ئەپسىز بولغانلار ئۇزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى ماددىلار( دورىلار) ۋە ۋېتامىن تابلېتكىلىرىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

     يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە نورمال دەم ئېلىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت ۋە چېنىقىشمۇ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدۇ.





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.