ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-25

    قان راكى ياكى ئاق قان بىمارلىرىغا - [ئۇنۋېرسال]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35701607.html

    قان راكى بولۇپ قالسام قانداق قىلىمەن؟

    ئاق قان كېسىلىگە گرىپتار بولۇش، مەيلى شەخسەن ئۆزىڭىزگە، ئائىلىڭىزگە ۋە ئەتىراپىڭىزدىكى دوسىتلىرىڭىزغا بولسۇن،  بىر بەختسىزلىك ھېساپلىنىدۇ.  سىزنىڭ ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىپ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئەمىنلىك ئىزدەپ، تېببىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق بولغان داۋالىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كېسەل ئاسارىتىدىن غالىب كېلىشىڭىزگە تىلەكداشمىز.

    يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قان راكى كېسىلىنى داۋالايدىغان ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرسى، بۇنىڭغا ئاز خىراجەت كەتمەيدۇ، 10-20 تۈمەن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك پۇل كېتىشى مۇمكىن. ئەمما ئىقتىسات بىردىنبىر مەسىلە ئەمەس، يەنە سىزگە كۆچۈرۈلىدىغانغا مۇۋاپىق كېلىدىغان يىلىك بولۇشى كېرەك.

    بىۋاستە ئورۇق تۇغقانلارنىڭ يىلىكى ئۆز-ئارا ماس كېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، ئۇلارنى ئەڭ ئاۋال ئويلىشىڭ، لېكىن ئۇلاردىن چىقماي قالسىچۇ؟

    ئېسىڭىزدە بولسۇن، «جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى» ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن پىدائىيلىرى سىزگە ياردەم قولىنى سۇنۇشنى خالايدۇ.

    «جۇڭگو قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە ئىئانە قىلغۇچىلار ماتېرىيال ئامبىرى» قىسقارتىلىپ «جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.

    قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈشكە ئېھتىياجىلىق مىليونلىغان بىمارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ھۆكۈمەتنىڭ ۋاھالىسىگە بىنائەن، جۇڭگو قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە ئىئانە قىلغۇچىلار ماتېرىيال ئامبىرى (جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى) نى قۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 2001- يىلى، مەركەز «جۇڭگو قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە ئىئانە قىلغۇچىلار ماتېرىيال ئامبىرى» قۇرۇشنى تەستىقلانغاندىن كېيىن، تەشۋىقات، تەشكىللەش، سەپەرۋەرلىك، HLA (ئاق قان ھۈجەيرە ئانتېگېنى) تىپىنى ئايرىش، بىمارلار ئۈچۈن ماس كېلىدىغان پىدائىيلارنى ئىزدەش ۋە ھۈجەيرە كۆچۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش باشقۇردى ۋە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى. ئىئانە قىلغۇچىلار بىلەن بىمارلارنىڭ ماتېرىياللىرى كومپىيۇتېردا ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىدۇ ۋە باشقۇرۇلىدۇ.

    ئەگەردوختۇر سىزگە «قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە كۆچۈرسەك، ئاندىن ساقىيىشىڭىزدا ئۈمىد بار» دىگەن بولسا، سىز دوختۇر ئارقىلىق جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى شىنجاڭ شۆبىسىدىن ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ، ياكى بىۋاستە جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى باشقۇرۇش مەركىزى، يەنى باش ئامباردىن ياردەم سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

     قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ؟

    بىمار ياكى دوختۇر «قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە ماس تىپىنى ئىزدەش ئىلتىماس جەدىۋىلى» نى تولدۇرغاندىن كېيىن، بىمارنىڭ «HLA-A, B, DRBI تارماق تىپلىرى دوكلاتى» بىلەن بىرگە باش ئامبار ياكى شۆبە ئامبارغا فاكىس قىلىپ يوللىنىدۇ. بىز 10 خىزمەت كۈنى ئىچىدە بىمارنىڭ ماس تىپىنى ئىزدەش نەتىجىسىنى ئۇقتۇرىمىز. ئىلتىماس جەدىۋىلىنى باش ئامبار ياكى شۆبە ئامباردىن ئالسىڭىزمۇ، ياكى www.bmb.redcross.org.cn دىن چۈشىرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    دەسلەپكى ئىزدەشتىلا HLA تىپى ماس كېلىدىغان پىدائىي تېپىلدى. ئەمدى كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلىمىز؟

    ئالدى بىلەن، سىز تۇرۇشلۇق جايىڭىزدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سەھىيە باشقۇرۇش ئورگىنى ئېتىراپ قىلغان  قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىڭ. دوختۇر سىزدىن يەنە قان ئېلىپ، يىلىك تەقدىم قىلغۇچى پىدائىينىڭ قېنى بىلەن بىللە HLA يۇقىرى پەرق ئېتىش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ.

    ئاندىن كېيىن، يۇقىرى پەرق ئېتىش تەكشۈرۈشىدىن ئۆز ئارا ماسلىشىدىغانلىقى جەزىملەنسە، دوختۇرلار مۇزاكىرلىشىش ئارقىلىق، پىدائىينىڭ غول ھۈجەيرىسىنى ئېلىش ۋە سىزگە كۆچۈرۈپ سېلىشنىڭ كونكرىت لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

     

    ناۋادا تۈنجى قېتىملىق ئىزدەشتە مۇۋاپىق كېلىدىغان پىدائىي تېپىلمىسا، قانداق قىلىمەن؟

    ئەنسىرىمەڭ، يەنىلا ئۈمىد بار. چۈنكى بىرىنچىدىن، جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرىنىڭ بىر يۈرۈش ئاپتوماتىك ئىزدەش سېستىمىسى بار بولۇپ، سىزنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى بىر يىلغىچە ساقلاپ، داۋاملىق ھالدا سىزنىڭ HLA تىپىڭىزغا ماس كېلىدىغان تىپنى ئىزدەيدۇ؛ ئىككىنچىدىن، جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى سىغىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتىدۇ. 2003- يىلىنىڭ ئىچىدە پىدائىيلار سانى 100 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، 2006- يىلى 10- ئايدا 500 مىڭغا يەتكەن. غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بىمارلارنىڭ ساقىيىش نىسبىتى جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ زورايغۇسى.

    مەن دۆلەت سىرتىدىكى يىلىك ئامبارلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟

    بولىدۇ. ئەمما ئوخشىمىغان ئېرقتىكى كىشىلەرنىڭ ئېرىسيەت گېن پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. قانداشلىق قانچە يېقىن بولسا، گېن پەرقىمۇ شۇنچە كىچىك بولىدۇ. ئوخشاش ئېرق ۋە مىللەتتىكى HLA تىپ پەرقىنىڭ ماس كېلىشىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ناۋادا بىمار دۆلەت سىرتىدىكى يىلىك ئامبارلىرىدىن ماس تىپنى ئىزدەپ بېقىشنى ئويلىسا، جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى باشقۇرۇش مەركىزى ياردەمدە بولىدۇ.

    جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى بىمارلار ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مۇلازىمىتى ئۈچۈن ھەق ئالامدۇ؟

    شۇنداق. لېكىن ئالىدىغان  ھەق  چەكلىك.

    ماتېرىيال ئامبىرىنى كېڭەيتىش بىر قەدەر چوڭ ۋە مۈشكۈل بولغان ئىجتىمائىي خىزمەت بولۇپ، تەشۋىقات، تەربىيە، سەپەرۋەرلىك، پىدائىيلارنى يىغىشتىن تارتىپ، ماتېرىيال ئامبىرىنى باشقۇرۇش، كىرگۈزۈش، ئىزدەش، ئىنكاس قايتۇرۇش، ئىنتېرنېت تورىنى ئاسراشقىچە، پىدائىينى چاقىرىپ كېلىپ، ئىئانە قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، تاكى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆچۈرۈشكىچە بولغان جەريانلارغا غايەت زور ئادەم كۈچى، ۋاقىت ۋە مەبلەغ كېتىدۇ. شۇڭا، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەلۇم مىقداردا ھەق ئېلىش زۆرۈر. بۇ بارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى يىلىك ئامبارلىرىنىڭ ئورتاق قائىدىسى.

     

    تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى مۇناسىۋەتلىك يازمىلاردىن كۆرۈڭ

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.