ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-25

    يۇقۇملانغۇچىلارنى ئائىلىدە كۈتۈش - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35701210.html

    ئائىلە ئەزالىرى ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلالايدۇ؟

    ئائىلە ئەزالىرى يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئەڭ ياخشى كۈتكۈچىلەردۇر، ھەر قانداق دورا ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ كۆيۈنۈشىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ئۇزاق مۇددەت كېسەلنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش  ناھايىتى قىيىن ئىش ،  شۇڭلاشقا ئىمكانقەدەر تەمكىن ۋە سەۋىرچان بولۇش لازىم،  بىمارغا قوپال تەگمەسلىك، تىللىماسلىق، دائىم ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىش، پاراڭلىشىش، روھى جەھەتتىن ياردەم بېرىش ۋە قوللاش كېرەك. بىمارنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، بەزى ئاددى  كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئائىلىدە بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىش ۋە شۇ ئارقىلىق بىمارنى پەرۋىش قىلىش لازىم.

    ئائىلىدىكىلەر دوختۇرنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسەن، بىمارنىڭ ۋاقتىدا ۋە بەلگىلەنگەن مىقداردا دورا ئىچىشكە ئۈندەش لازىم. ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلى كۈزىتىپ، خاتىرە قالدۇرۇش ۋە دوختۇرغا ئىنكاس قىلىش لازىم.

     

    ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى پەرۋىش قىلىش جەريانىدا نىمىلەرگە دىققەت قىلغاندا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

    l        ئەگەر جاراھەت بولسا ، چوقۇم ياخشى تېڭىش لازىم

    l        بىمارلارغا كىيىم ئالماشتۇرغاندا، كىرلىك ئالماشتۇرغاندا ياكى بىمارلارنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقىغا تېگىشكەندا سوپۇن بىلەن قولنى يۇيۇش لازىم

    l        بىمارلارنىڭ قۇسۇقىنى، سۈيدۈكىنى، چوڭ تەرىتىنى، قېنىنى بىر تەرەپ قىلغاندا پەلەي كىيىۋېلىش لازىم.

    l        كىيىم كېچەك ياكى يوتقان كۆرپە كىرلىكىدە قان داغلىرى ياكى ئاجراتمىلار بولغاندا ئالدى بىلەن 2 پىرسەنتلىك ئاقارتقۇچى سويۇقلۇققا 30 مىنۇت چىلاپ ئاندىن يۇيۇش كېرەك

    l        تەرەت تۇڭىنى تۇرۇبا سۈيىدە چايقىۋىتىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەگەر ئاجراتمىلار سىرتقا چاچراپ كەتكەن بولسا ئاقارتقۇچى دورىنى ئۈستىگە چېچىپ ئاندىن سۇدا چايقىۋەتسە بولىدۇ.

    l        بەدەن سويۇقلۇغى، ئاجراتمىلار بىلەن بۇلغانغان تازلىق قەغىرى، ھەيىز قەغىرى، داكا قاتارلىقلارنى سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ كۆيدۈرىۋىتىش لازىم

    l        شپېرىس قاتارلىق بويۇملارنى كەسپى خادىملارنىڭ يېتەكچىلىگىدە بىر تەرەپ قىلىش لازىم.

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.