ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-25

    پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش دىگەن نىمە؟ - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35700874.html

    1.      پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش دىگەن نىمە؟

    كىشىلەرنىڭ ئىممونىتېت كۈچى كۈچلۈك (ئىممونىتېت ئىقتىدارى نورمال) چاغدا، ئادەم بەدىندىكى بىر قىسىم باكتېرىيە ۋە ۋىرۇس قاتارلىقلار  كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ. لېكىن ئەيدىز ۋىرۇسى كىشىلەرنىڭ ئىممونىنىت كۈچىنى بۇزغاندا، CD4 ھۈجەيرە سانى تۆۋەنلەپ مەلۈم دەرىجىگە كەلگەندە (ھەر كۇپ مىللىلېتىر قاندا 200دىن ئاز بولسا)، بۇ كېسەللىك پارازىتلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بەدەندە ھەر خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مانا بۇ پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش دېيىلىدۇ. پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنىڭ كېلىنكىدا قىززىش، ئىچى سۈرۈش، بەدەنگە ئەسۋە چىقىش ۋە ئېغىز بوشلۇغى ياللۇغلىنىش قاتارلىق تۆت خىل ئالامىتى بولىدۇ.

    كۆپ ئۇچرايدىغان پۇرسەت خاراكتىرلىك يۇقۇملىنىش ئۆپكە تۇبېركۇلىيۇزى، كابوسكى ئۆپكە قۇرتى مەنبەلىك ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر ئادەمدە ئوخشاش ۋاقىتتا نەچچە خىل پۇرسەت خارەكتېرلىك يۇقۇملىنىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەيدىز بىمارلىرى ئەگەر پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنى ۋاقتىدا داۋالاتمىسا، ئېغىر ئاقىۋەتكە قېلىشى مۇمكىن.

    2.      مۇرەككەپ رېتسىپلىق سىنومىن (SMZ، خەنزۇچىسى复方新诺明) ئىچكەندە، پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ

    مۇرەككەپ رېتسىپلىق سىنومىن ( SMZ) كابوسكى ئۆپكە قاسراقلىق قۇرتى ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپلا قالماستىن ئۆپكە شارچە باكتىريىسى، ياسىمان تەنچە تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رولى بار. مۇرەككەپ رېتسىپلىق سىنومىن (SMZ) ئىشلىتىلىشى ئاسان، باھاسى ئەرزان دورىدۇر. باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەجىرىبىسىگە ئاساسلانغاندا SMZ نى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلەتكەندە ئۆپكە قاسراقلىق قۇرتى ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ئاغرىقنى پەسەيتكىلى ۋە ئىقتىسادى بېسىمىنى يىنىكلەتكىلى بولىدۇ.

    l        مۇرەككەپ رېتسىپلىق سىنومىن (SMZ) نى ئىچىش ياكى ئىچمەسلىك ، داۋالاش پىلانى، مۇددىتى قاتارلىقلا





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.