-
2010-06-07
جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىكى ئاغرىش ۋە قاناش - [ئاياللار ساغلاملىقى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/65363852.html
كۆپ ساندىكى خانىم-قىزلاردا جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئاغرىش ياكى قاناش كۆرۈلگەندە، مۇناسىۋەتلىك بىلىمىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە جىددىيلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت دەرھال مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ،دوختۇردىن ياردەم سورىسىلا بولىدۇ. سەۋەبى ئېنىقلىنىپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىكى ئاغرىش ياكى قاناش مەسىلىسى ھەل بولۇپ كېتىدۇ.
جىنسىي مۇناسىۋەتتىكى ئاغرىش
جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئاغرىشنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق ئىككى تەرەپتىن بولىدۇ.
فىزىئولوگىيىلىك تەرەپتىن ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. تاشقى جىنسىي ئەزا: جىنسىي لەۋ، دىلچىق، جىنسىي يول قاتارلىقلاردا ياللۇغلىنىش بولغاندا، دائىم قىسمەن ئورۇندا ئاغرىق بولىدۇ.
2. جىنسىي يول جىنسىي كېسەلدىن يۇقۇملانغاندا ياكى جىنسىي يولدا يارا بولغاندا، ئاغرىق ئاساسەن جىنسىي يول ئېغىزى، جىنسىي يول ئىچى قاتارلىق يەرلەردە قاتتىق ياكى يېنىك دەرىجىدە ئاغرىيدۇ.
3. بالىياتقۇ ياكى تۇخۇمداندا كېسەلىك پەيدا بولغاندا ياكى ھەيز كېلىشنىڭ ئالدىدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا، ئىچكى قىسىمدا ئاغرىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
4. دوۋساق ياللۇغى بولغاندا، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىكى ھەرىكەتكە ئەگىشىپ، جىنىسىي يولنىڭ ئالدىنقى دىۋارىدا ئاغرىش كۆرۈلىدۇ.
5. تاشقى جىنسىي ئەزا ئەتراپىدىكى تېرىدە قاپارتمىلىق، جاراھەتلىك ياللۇغلىنىش بولغاندا، جىنسىي مۇناسىۋەت ئورنىنىڭ تېيىز قىسىمى ئاغرىيدۇ.
6. جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى ئاز بولۇپ، جىنسىي يول قۇرغاق بولغاندىمۇ ئاغرىش يۈز بېرىدۇ.
پىسخىكىلىق جەھەتتە:
1. جىنسىي ھېسىياتنىڭ بەك كۈچلۈك بولۇشى، ياكى ئايال تەرەپ خالىمىغان ئەھۋال ئاستىدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئاغرىش پەيدا قىلىدۇ.
2. جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن قورقۇش ياكى بىزارلىق پىسىخىكىسى، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان چاغدا جىددىيلىشىشتەك روھىي ھالەتلەرمۇ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ئىلگىرى جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئاغرىغان، كۆڭلىدە شۇ چاغدىكى ئاغرىقنىڭ ئاسارىتى قېلىپ قالغان بولۇپ، يەنە بىر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا، جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئاغرىقنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلىۋالغاندا، راستىنلا ئاغرىشى مۇمكىن.
历史上的今天: