-
2010-06-07
ئۆزىدە جىنسىي كېسەل بارلىقىدىن گۇمانلانغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ - [ئاياللار ساغلاملىقى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/65364917.html
(1) ئەگەر بىئارام بولسا، چوقۇم ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانا ياكى ئامبۇلاتورىيىگە بېرىپ كۆرۈنۈشى كېرەك. ھەرگىز ئۆزى خالىغىنىچە دورىلارنى يېمەسلىك، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
(2) چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش كېرەك. خالىغانچە دورا قوشسا، مىقدارىنى
كېمەيتسە ياكى توختىتىپ قويسا، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس
قىلغان تەقدىردىمۇ، دورىنى تولۇق يەپ بولغاندىن كىيىن قايتا تەكشۈرتۈش كېرەك.
(3) ئېسىڭىزدە بولسۇن، قانۇنسىز ئاچقان شەخسىي ئامبۇلاتورىيىلەردە كېسەل كۆرسەتمەسلىك كېرەك.
كىشىلەر دائىم ئۆزىنىڭ شەخسىيىتىنى ساقلاش ئۈچۈن مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بارماي، دائىم قانۇنسىز
شەخسىي ئامبۇلاتورىيىلەرگە بارىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، مۇنتىزىم داۋالاشقا ئېرىشەلمەيلا قالماي، يەنە
كېسەللىك ۋاقتى ئۇزىراپ، ئېغىر زىيانلار كېلىپ چىقىدۇ.
(4) بەزى جىنسىي كېسەللەر ئاياللاردا ھېچقانداق روشەن ئالامەت پەيدا قىلمايدۇ. شۇڭا قەرەللىك ھالدا
مۇنتىزىم دوختۇرخانا ياكى ئامبۇلاتورىيىگە بېرىپ تەكشۈرتۈش ئىنتايىن مۇھىم.
(5) پۈتۈن مەملىكەتتە جىنسىي كېسەل ۋە جىنسىي ساغلاملىق بويىچە قىزىق لىنىيە تېلېفونى تەسىس
قىلىنغان. ئەگەر سىزجىنسىي كېسەلدىن مەسلىھەت سورىماقچى ياكى قايسى دوختۇرخانىغا بېرىپ
كېسەل كۆرسىتىشنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ قىزىق لىنىيە تېلېفونىغا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ.