-
2010-06-11
قايسى كېسەللىكلەر ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى بىشارىتى بولىدۇ؟ - [ئەيدىز]
تۆۋەندىكى ئالامەتلەر يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇنى بىلىۋالساق بەلكىم مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى كېسەللىكتىن يۇقۇملىنىشتىن قوغداپ قالالىشىمىز مۇمكىن.
1. كۆپ چارچاش، ئورۇقلاش: يۇقۇملانغۇچىلار ھەمىشە ئۆزىنى ماغدۇرسىز ھېس قىلىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا قىينىلىدۇ، يۇيۇنۇش تارىنىشتەك ئۇششاق ئىشلاردىنمۇ چارچاش ھېس قىلىدۇ. چىش مىلىكى ئاغرىش، تاماققا ئىشتىھاسى بولماسلىق سەۋەبلىك قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇرۇقلايدۇ ۋە بۇ خىل ھالەت داۋاملىشىدۇ ھەتتا ئېغىرلايدۇ.
2. ئېغىز بوشلۇقىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلەر: ئېغىز بوشلۇقىدىكى پايدىلىق زەمبۇرۇغلار توپىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىشى سەۋەبلىك تاڭلاي، تىل، چىش مىلىكى ۋە كاناي قاتارلىقلاردا ياللۇغلىنىش يۈز بېرىپ، تاماق يېيىشى قىيىنلىشىدۇ، چايناپ يۈتۈشى تەسكە توختايدۇ.
3. تولا ئىچى سۈرۈش: يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ، بۇنىڭ خەتىرى ئادەمدە سۇسىزلىنىش ۋە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ، بەدەن ساپاسى تېز تۆۋەنلەپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ.
4. ھەر خىل قاپارتمىلار: يۇقۇملانغۇچىلاردا ھەر خىل قاپارتما(قوقاق)كۆپ كۆرۈلىدۇ ھەم ئادەتتىكى قاپارتمىغا قارىغاندا چوڭقۇر ھەر چوڭ بولىدۇ، قاتتىق ئاغرىيدۇ، ھەپتىلەپ ھەتتا ئايلاپ ساقايمايدۇ.
-
بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندە ئەڭ ئالدى بىلەن قىلىدىغىنىمىز يەرلىك ئورۇننى يۇيۇش، مەسىلەن تېرە زەخمىلەنگەندە ياكى جاراھەتكە قان تېگىپ، چاچراپ كەتكەندە ، ئاۋال قول يۇيدىغان سۇپۇن ۋە پاكىزە سۇ بىلەن يارا ئېغىزىنى پاكىزە يۇيۇش كېرەك( كۈچلۈك يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى، ئاقارتىش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ)، ئاندىن يارا ئېغىزىدىكى قاننى بىر دەم راۋان ئاقتۇرۇۋېتىش كېرەك، ئەگەر جاراھەت ئېغىزى چوڭ بولسا تېڭىش ۋە تىكىش كېرەك. ئەگەر قان كۆزگە چاچراپ كەتكەن بولسا، فىزئولوگىيىلىك تۇز سۈيى بىلەن كۆزنى پاكىزە يۇيۇش( سۇپۇن ياكى باشقا يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى بولمايدۇ)، ئەگەر كۆز ئىچىگە سالىدىغان كۆزەينەك تاقىغان بولسا، ئالدىدا كۆزنى يۇيۇپ ئاندىن كۆزەينەكنى چىقىرىش ھەم ئادەتتىكى ئۇسۇلدا كۆزەينەكنى يۇيۇش لازىم. قان ئېغىزغا چاچراپ كىرىپ كەتسە ئاۋال تۈكۈرىۋېتىپ، ئادەتتىكى تۇز سۈيى ياكى پاكىزە سۇ بىلەن ئېغىزنى بىر نەچچە قېتىم چايقاش، ھەر قېتىمدا پاكىزە، تولۇق تۈكۈرۈش لازىم، ئەگەر قان بۇرۇن ياكى قۇلاققا چاچىرىغان بولسا، تۇز سۈيى ياكى پاكىزە سۇ بىلەن پاكىزە يۇيىۋەتسەكلا بولىدۇ.
يەرلىك ئۇرۇننى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، رەھبەرلىككە بۇ ئىشنى مەلۇم قىلىش ۋە قاتلاممۇ-قاتلام
-
2009-04-20
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى غەمخورلۇق قىلىش مەركىزى - [مۇلازىمەت ئۇچۇرى]
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى غەمخورلۇق قىلىش مەركىزى
بۇ دوختۇرخانا ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالايدىغان مەخسۇس دوختۇرخانا بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ۋە تىپ... -
2009-04-13
تەشۋىقات رەسىمى - [چۈشۈرۋېلىڭ]
-
2009-03-04
توردا مەسلىھەت بېرىش باشلاندى - [توردا مەسلىھەت]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار:
مەزكۇر بلوگ ئەيدىز، جىنسىيەت ۋە زەھەرلىك چېكىملىك قاتارلىق تېمىلاردا بىلىم ۋە ئۇچۇر بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئەگەر مۇشۇلارغا ئائىت ياكى تەكشۈرۈش، داۋالاش، يۇقۇملانغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ياردەم سىياسەت... -
2009-03-03
يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزىنى كۈتۈش كۇرسى دەرسلىك قوللانمىسى - [چۈشۈرۋېلىڭ]
يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزىنى كۈتۈش كۇرسى دەرسلىك قوللانمىسى
بۇ ماتېرىيال قىزىل كرېست جەمئىيىتى يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى ئۈچۈن لايھىلىگەن ئۆزىنى كۈتۈش، يۇقۇملانغۇچىلارنى ئائىلىدە كۈتۈش ۋە ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشقا ئائىت بىلىم، ئۇچۇر ۋە ماھارەتلەر بېرىلگەن.
-
زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئادەمگە بولغان زىيىنى كۆپ تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك تەرەپتىن ئېيىتقاندا زەھەرلىك چېكىملىك ئادەمنىڭ ئۆپكە، يۈرەك، مېڭە،بۆرەك ۋە ئاشقازان قاتارلىق ئەزالىرىنى زەخمىلەپ، ئادەم ئورگانىزىمىنى زەئىپلەشتۈرىدۇ. يەنە زەھ...
-
غۇلجىدىكى ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەرگە تونۇشتۇرۇش كارتىسى
بىرىنچى: مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش تۈرى
1. تۈر مەقسىتى:
... -
2009-02-27
ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچىشكە ئائىت كۆپ ئۇچىرايدىغان سۇئاللار - [ئەيدىز]
دورا ئىچىشقا ئائىت كۆپ ئۇچىرايدىغان سۇئاللار
بۇ دورىلار ئادەتتە كۈندە قانچە ۋاق ئىچىلىدۇ؟
كۆپ قىسىم ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى بىر كۈندە ئىككى ۋاق ئىچىش تەلەپ قىلىنىدۇ ، يەنى ھەركۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا ،ھەر 12سائەتتە بىر قېتىم ئىچىش ... -
2009-02-27
كىملەر ھەقسىز بولغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا ئېرىشەلەيدۇ؟ - [ئەيدىز]
تۆۋەندىكى شەرتنى ھازىرلىغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىشنى ئويلاشسا بولىدۇ:
- يۇقۇملانغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلگەنلەر( يەنى قولىدا دىئاگىنوز ئىسپاتى بارلار)؛
...