-
بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندە ئەڭ ئالدى بىلەن قىلىدىغىنىمىز يەرلىك ئورۇننى يۇيۇش، مەسىلەن تېرە زەخمىلەنگەندە ياكى جاراھەتكە قان تېگىپ، چاچراپ كەتكەندە ، ئاۋال قول يۇيدىغان سۇپۇن ۋە پاكىزە سۇ بىلەن يارا ئېغىزىنى پاكىزە يۇيۇش كېرەك( كۈچلۈك يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى، ئاقارتىش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ)، ئاندىن يارا ئېغىزىدىكى قاننى بىر دەم راۋان ئاقتۇرۇۋېتىش كېرەك، ئەگەر جاراھەت ئېغىزى چوڭ بولسا تېڭىش ۋە تىكىش كېرەك. ئەگەر قان كۆزگە چاچراپ كەتكەن بولسا، فىزئولوگىيىلىك تۇز سۈيى بىلەن كۆزنى پاكىزە يۇيۇش( سۇپۇن ياكى باشقا يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى بولمايدۇ)، ئەگەر كۆز ئىچىگە سالىدىغان كۆزەينەك تاقىغان بولسا، ئالدىدا كۆزنى يۇيۇپ ئاندىن كۆزەينەكنى چىقىرىش ھەم ئادەتتىكى ئۇسۇلدا كۆزەينەكنى يۇيۇش لازىم. قان ئېغىزغا چاچراپ كىرىپ كەتسە ئاۋال تۈكۈرىۋېتىپ، ئادەتتىكى تۇز سۈيى ياكى پاكىزە سۇ بىلەن ئېغىزنى بىر نەچچە قېتىم چايقاش، ھەر قېتىمدا پاكىزە، تولۇق تۈكۈرۈش لازىم، ئەگەر قان بۇرۇن ياكى قۇلاققا چاچىرىغان بولسا، تۇز سۈيى ياكى پاكىزە سۇ بىلەن پاكىزە يۇيىۋەتسەكلا بولىدۇ.
يەرلىك ئۇرۇننى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، رەھبەرلىككە بۇ ئىشنى مەلۇم قىلىش ۋە قاتلاممۇ-قاتلام