-
2009-04-21
كىچىك قىزچاققا ياردەم قىلايلى! - [ساخاۋەتلىك ئىشلار]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bohran-logs/38254416.html
بالىنىڭ ئىسمى مۇكەررەم تۇرسۇن، 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى توغۇلغان. توغۇلغاندا ئوڭ تەرەپ كۆز قاپىقىدا كىچىك جاراھەتتەك بىر نەرسە باركەنتۇق، 50 كۈنلۈكتىن ئاشقاندىن كېيىن بۇ جاراھەت چوڭىيىپ، قۇلاققىمۇ تەسىر قىلغانمۇ، قۇلاقمۇ تېز دەرىجىدە چوڭۇشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسى بالىنى يەكەن ناھىيىلىك دوختۇرخانا ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان، بۇ دوختۇرخانىلار بىردەك بالىنى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇغان. ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلار بالىغا يۈز قىسىمىدىكى قان تومۇر ئۆسمىسى دەپ دىئاگىنوز قويغان. ئۇلار ئارىلىقتا بىر كېلىپ (ئىقتىساد يېتىشمىگەنلىكتىن )ئاددى داۋالاشلارنى قىلىپ قايىتقان ۋە بۇ يىل 3-ئايدا يەرلىرىنى سېتىپ ئازراق پۇل قىلىپ، يەنە يەكەن ناھىيىلىك دوختۇرخانا ۋە خەلق ئىشلار تارماقلىرىنىڭ يۆتكەپ بېرىشى ۋە قىيىنچىلىقى بار نامراتلارنىڭ چوڭ كېسەل داۋالىنىشنى قۇتقۇزۇش پۇلىنى ھەل قىلىپ بېرىشى(10مىڭ يۈەن) بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا كەلگەن. يېقىندا دوختۇرلار بالىنى 2 قېتىم ئوپراتسىيە قىلسا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغانلىقىنى( ئالدى بىلەن يۈز قىسىمىىدىكى قان تومۇرلارنى كېسىپ ئۇلاش ئوپراتسىيىسى قىلىدىكەن، 2-قېتىمدا بالىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۈزىنى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋېتىپ، گۆش ۋە تېرە كۆچۈرىدىكەن)، 1-قېتىملىق ئوپراتسىيە ئۈچۈن 40 مىڭ يۈەن تەييارلاشنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىچارە ئاتا- ئانا پۇلنى تەييارلىيالمىغانلىقتىن، كارىۋاتنى قايتۇرىۋېتىپ،كەچلىرى بالا بىلەن 2-دوختۇرخانا ئۇنۋېرسال بىنانىڭ پەلەمپەي ئاستىلىرىدا تۈنەپ كۈن ئۆتكۈزگەچ تەرەپ-تەرەپلەپ چارە ئىزدىگەن.
مۇشۇ بالىغا ئازدۇر كۆپتۇر ياردەم قولىمىزنى سۇنساق.
بالىنىڭ دادىسى تۇرسۇن ئوسمان(图尔荪奥斯曼)ئۆز نامىدا يېزا ھەمكارلىق قەرز كوپراتىۋى(农村合作信用社) دىن ئاچقان ھېساۋات نومۇرى:1332 1185 0880 6210 يېزا ئىگىلىك بانكا ھېساۋات نومۇرى: 6228480890341217218
تۇرسۇن ئوسماننىڭ كىملىك نومۇرى: 653125198305152033
تۇرسۇن ئوسماننىڭ تېلېفون نومۇرى: 13079969482
يۇقارقى ئەھۋالنىڭ ئالدامچىلىق ئەمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەن يەنە داۋاملىق ئۇلارنىڭ كىملىك، نوپۇس، يەكەن ناھىيىلىك دوختۇرخانا، خەلق ئىشلار ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار چىقارغان مۇناسىۋەتلىك ئىسپات-دىئاگىنوزلارنى كۆرۈپ دەلىللەپ، سۈرىتىنى يوللاپ قويدۇم.
بۇ يەكەن ناھىيىلىك دوختۇرخانىدىن چىقارغان بالىنىڭ كېسەللىك دىئاگىنوزى- تۇغما قان تومۇر ئۆسمىسى
بۇ يەكەن ناھىيىلىك يېزا ھەمكارلىق داۋالىنىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى چىقىرىپ بەرگەن دوختۇرخانا يۆتكەش ئۇقتۇرۇشى
بۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ داۋالىنشنى تەستىقلىغان ھۆججەت.
بۇ بالىنىڭ نوپۇسى
بۇ بالىنىڭ دادىسى تۇرسۇن ئوسماننىڭ كىملىكى
评论
رەيھانگۈل ئەركىن 200 يۈەن
ياسىن ئابدۇللا 100 يۈەن
ئاينۇر قادىر 50 يۈەن
ئىختىيارى ئىئانە قىلىش يەنە داۋاملاشماقتا..........................