ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2010-06-07

    جىنسىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى خاتا چۈشەنچە ۋە توغرا بولمىغان ئۇسۇللار - [ئاياللار ساغلاملىقى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/65364970.html

    ئامال بار جىنسىي جورىلىرىنى ئازايتىش، ھەر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەتتە، ئىزچىل گاندوك ئىشلىتىش. گاندوك بولسا جىنسىي كېسەل ۋە ئەيدىزنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايدۇ.تۆۋەندىكى خاتا چۈشەنچە ناتوغرا ئۇسۇللار جىنسىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پايدىسىز:                                                               

      (1) جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ ئالدى كەينىدە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم جىنسىي ئەزانى يۇيۇش

     ئارقىلىق باكتېرىيە، ۋىرۇسلارنى چىقىرىۋەتكىلى ياكى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى بولمايدۇ. بۇ ئارقىلىق جىنسىي

     كېسەلنىڭ ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلىمۇ بولمايدۇ. بەلكىم بۇ ئۇسۇلدا باكتېرىيە، ۋىرۇسلار ئاسانلا

    بالىياتقۇ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. (بۇيەردە تىلغا ئالغىنى

    ئادەتتىكى جىنسىي ئەزانىڭ سىرتىنى يۇيۇش بولماستىن، بەلكى جىنسىي يولنىڭ ئىچىنى يۇيۇشقا قارىتىلغان) 

      (2) كۆپ قىسىم ئاياللار ئاغرىپ قالغاندا قەرەللىك دورا يەپ، ئانتىبىئوتىك ئوكۇللارنى سالدۇرسىلا ياخشى

     بولۇپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ بىرخىل خاتا قاراش. بۇنداق بولغاندا باكتېرىيە، ۋىرۇسنىڭ دورىغا قارىتا

     تاقابىل تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەم بەدىنىگە باشقا خىل زىيانلارنى ئېلىپ كېلىپ، كېيىنكى

     داۋالاشلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    (3) قارشى تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزاسى قارىماققا پاكىز بولسىلا خاتىرجەم بولۇپ كەتمەڭ. چۈنكى كۆپ قىسىم

     جىنسىي كېسەللەرنىڭ ئالامەتلىرى بولمايدۇ ياكى يېنىك بولىدۇ، لېكىن يەنىلا قارشى تەرەپنى يۇقۇملاندۇرالايدۇ.

    (4) مەنىينى سىرتقا چىقىرىۋېتىش جىنسىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ. چۈنكى جىنسىي ئەزالار ئۆزئارا

     تېگىشسىلا، جىنسىي كېسەللەرنىڭ يۇقۇش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.

    (5) مەنىي كېلىشنىڭ ئالدىدا گاندوك كىيىۋالسىمۇ، جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. چۈنكى

     مەنىي كېلىشنىڭ ئالدىدا ئاجرالما ماددىلار بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەلۇم مىقداردا باكتېرىيە ۋە ياكى ۋىرۇسلار

    بولىدۇ. شۇڭا، ھەر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتە، گاندوكنى باشتىن ئاخىر ئىشلىتىش كېرەك.

    (6) جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن، سەكرەش ياكى مەنىينى قولىدا چىقىرىۋەتسىمۇ جىنسىي كېسەل ۋە

    ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ.





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.