-
2009-04-20
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى غەمخورلۇق قىلىش مەركىزى - [مۇلازىمەت ئۇچۇرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38175344.html
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى غەمخورلۇق قىلىش مەركىزى
بۇ دوختۇرخانا ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالايدىغان مەخسۇس دوختۇرخانا بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ۋە تىپىك پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارنى داۋالاش مۇلازىمىتىدىن سىرت يەنە تۆۋەندىكىدەك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
1. يۇقۇملانغۇچىلارغا مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيە مۇلازىمىتى (24 سائەت)
2. يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارغا قەرەللىك ئەيدىز ساۋاتلىرى، ئائىلىدە كۈتۈنۈش بىلىملىرى ۋە تۇرمۇش تەجىرىبىلىرى ئۆگىتىلىدۇ.
3. يۇقۇملانغۇچىلارغا يۈز تۇرانە بىرمۇ بىر مەسلىھەت بېرىش ۋە بۇ ئارقىلىق پىسىخىكا تەرەپتىكى يۈكىنى يەڭگىللىتىش.
4. ھەر ئايدا يۇقۇملانغۇچىلارغا ۋە بىمارلارغا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىلار ئۆز- ئارا تونۇشىدىغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش.
5. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، يۇقۇملانغۇچىلانىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش
6. ھەر قايسى داۋالاش ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دوختۇرلار بىلەن بىمارلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىش.
7. يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئائىلىسىگە قانۇن تەرەپتىن مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىش.
8. ھەر خىل تەشۋىقات ماتېرىياللىرى، كوندوم(بىخەتەرلىك قاپچۇقى) ۋە شپېرىس بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش.
ئالاقىلاشقۇچى: دىلبەر
مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 2659456-0991، 2623453-0991
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شوربۇلاق 1-كوچا 141- قورو ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى
تور بەت: www.xjaids.cn