-
2009-03-03
زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ قېتىپ قېلىش ھادىسىسى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش - [ئەيدىز]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35984735.html
زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئادەمگە بولغان زىيىنى كۆپ تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك تەرەپتىن ئېيىتقاندا زەھەرلىك چېكىملىك ئادەمنىڭ ئۆپكە، يۈرەك، مېڭە،بۆرەك ۋە ئاشقازان قاتارلىق ئەزالىرىنى زەخمىلەپ، ئادەم ئورگانىزىمىنى زەئىپلەشتۈرىدۇ. يەنە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش جەريانىدا باشقىلار بىلەن ئوكۇل-ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبلىك ھەر خىل جىگەر ياللۇغلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىدۇ. يەنە بۇلاردىن باشقا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەردە يۈز بېرىدىغان يەنە بىر خېيىم خەتەر زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ قېتىپ قېلىشتۇر. بۇنى ئادەتتە زەھەر ئارتۇق كېتىش دەيمىز. بۇ ھازىر شىنجاڭدىكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرگە نىسبەتەن ئەيدىزدىن قالسىلا زور خېيىم-خەتەرنىڭ بىرى.
زەھەر ئارتۇق كېتىش بەدەنگە كىرگەن زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ مىقدارى بەدەننىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەندە يۈز بېرىدىغان ئېغىر ئالامەتلەر ياكى ئۆلۈش ھادىسىسى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بەدەننىڭ زەھەرلىنىشىدۇر.
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن زەھەر ئارتۇق كېتىدۇ؟
ئادەم بەدىنىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارىتا مەلۇم بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسى بولىدۇ. بۇنى خەنزۇچە 耐药性 دەيمىز. لېكىن زەھەرلىك چېكىملىكنى بىر مەزگىل چەككەندىن كېيىن بۇ دەرىجە يۇقىرىلاپ بارىدۇ. مەسىلەن، بىرسى يېڭى چەككەندە بىر بولاقنى ئىككى كۈن چەكسە خۇمارىنى بېسىپ، كەيپ كۆرۈپ يۈرىدۇ. بىرەر ئىككى يىلدىن كېيىن بىر قېتىمدا بىر بولاق چەكسە ئاندىن "كەيپ"ىنى كۆرىدىغان بولىدۇ، يەنە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن بىر كۈندە نەچچە بولاق چەكمىسە بۇرۇنقى شۇ "كەيپ" نى كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن. دېمەك چەككەنسېرى بەدەننىڭ بۇ زەھەرلىك چېكىملىككە بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئېشىپ بارىدۇ –دە، تېخىمۇ كۆپ زەھەرلىك چېكىملىك تەلەپ قىلىدۇ.
قانداق ئەھۋالدا زەھەر ئارتۇق كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ؟
بۇ خىل ھادىسە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر زەھەر خۇمارىنى بېسىپ، كەيپ كۆرۈش ئۈچۈن زەھەرلىك چېكىملىكنى بۇرۇنقىدىن كۆپرەك چېكىۋالغاندا ياكى چەككەن زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ساپلىقى ئادەتتە چېكىۋاتقان زەھەرنىڭ سۈپىتىدىن يۇقىرى بولغاندا يۈز بېرىدۇ.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ساپلىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، 10٪-30٪ ئەتىراپىدا ئىمىش، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تەدبىر قوللىنىشى ئاستىدا، ئالتۇن ئۈچبۇرجەك رايونىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى زۆر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئافغانىستاندىكى ئالتۇن ھىلال ئاي رايونى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زەھەر ئىشلەپچىقىرىش بازىسغا ئايلىنىپ، ئاسىيا قىتئەسىگە تۇتاشقان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەس توشۇش يولىنىڭ بىرىنچى ئۆتىڭى بولغان شىنجاڭ بۇ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان رايون بولۇپ قالغان. ئالتۇن ھىلال ئاينىڭ خروئېنلىرىنىڭ ساپلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، بۇ خىروئېنلارنىڭ شىنجاڭ زەھەرلىك چېكىملىك قاراڭغۇ بازىرىغا ئېقىپ كىرىشى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئارىسىدا زەھەر ئارتۇق كېتىپ قېتىپ قېلىش ھادىسىسى كۆپىيىپ كەتكەن.
زەھەر ئارتۇق كەتكەندە، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقتىن ئۆلۈم ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ.
زەھەر ئارتۇق كېتىش بولۇپمۇ زەھەر تاشلىتىش ئورنى ياكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورۇنلىرىدىن يېڭى قويۇپ بېرىلىپ، يەنە زەھەر چەككەنلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. چۈنكى بۇ كىشىلەر ئۇزۇن مەزگىل زەھەر چەكمىگەچكە، بەدىنىنىڭ زەھەرگە بولغان چىدامچانلىقى تۆۋەنلەپ كېتىپ، ئوخشاش مىقداردىكى زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ بەدىنىگە بولغان تەسىرى چوڭ بولۇپ كېتىدۇ- دە، زەھەر ئارتۇق كېتىدۇ.
زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئۈچۈن:
زەھەر ئارتۇق كېتىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز؟
جىددى قۇتقۇزۇشقا ئائىت ماتېرىياللارنى ئېلىپ ئوقۇپ قويۇڭ.
سەھىيە جىددى قۇتقۇزۇش كۇرسلىرىغا قاتنىشىڭ( شۇ جايدىكى قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى بىلەن ئۇقۇشسىڭىز بولىدۇ)، بۇنىڭدا باشقىلار ھۇشىدىن كەتكەندە قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگىنۋالالايسىز.
ئەتراپىڭىزدىكى مۇھىت بىلەن تونۇشۇڭ. يەنى يېقىن ئەتراپتا ئامبۇلاتورىيە ياكى دوختۇرخانا بار-يوقلۇقىنى، ئورنىنى ۋە قايسى يول بىلەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە بارغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
ئەتراپتىكى دوست-بۇرادەرلىرىڭىزدىن ۋە باشقىلاردىن يېقىندا مۇشۇنداق زەھەر ئارتۇق كېتىش(قېتىپ قېلىش) ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى سوراپ بىلىۋېلىڭ.(بەلكىم بازاردىكى زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ساپلىقى ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن).
بىر نەچچە خىل زەھەرلىك بويۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەڭ (مەسىلەن خىروئېن بىلەن باشقا روھلاندۇرۇش دورىلىرىنى تەڭ ئىستېمال قىلماڭ ياكى زەھەرلىك چېكىملىك چەككەندە ھاراق ئىچمەڭ).
ئەمدىلا زەھەر تاشلاش ئورنىدىن چىقىپ، يەنە زەھەر چەكسە ئىنتايىن خەتەرلىك. چۈنكى بۇ چاغدا بەدەننىڭ زەھەرگە بولغان چىدامچانلىقى بۇرۇنقىدىن خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ.
ئادەم يوق جايلاردا ئۆزى يالغۇز زەھەر چېكىپ ئارتۇق كەتسە(قېتىپ قالسا) ئىنتايىن خەتەرلىك. شۇڭا يالغۇز زەھەر چەكمەڭ، بىرەر ھەمراھىڭىز بولسۇن
ئەگەر سىز زەھەرنىڭ مىقدارىنى پەللىمۇ-پەللە ئازايتماقچى بولسىڭىز، بۇ ئىشىڭىزنى قوللايدىغان كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە بارلىق كۈچىڭىز بىلەن نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ.
ئەگەر ئەتىراپىڭىزدا بىرەرسىگە زەھەر ئارتۇق كەتسە، قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟
ئالامەتلىرى-ھۇشسىزلىنىش، سېزىم بولماسلىق، مۈگىدەش، كالپۇكى ۋە تىرنىقى كۆكىرىش، چىشلىرى كاسىلداش، خارت-خۇرت ئاۋاز چىقىرىش، ھۇشسىز تۇرۇپ ياندۇرۇش( قۇسۇش) قاتارلىقلار.
دەرھال جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ياكى دوختۇر چاقىرىڭ. ۋە ياكى ئۇ كىشىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىڭ.
ئەگەر ئۇ كىشىدە ئانچە-مۇنچە سېزىم بولسا، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ياكى دوختۇر كېلىپ داۋالاشتىن بۇرۇن توختىماي ئۇنىڭدىن گەپ سوراپ، ئۇخلاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم. ئۇنىڭدىن نېمە چەككەنلىكىنى، قاچان، قانچىلىك چەككەنلىكىنى سوراپ بىلۋالسىڭىز، دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ياردىمى بولىدۇ.
ئۇ كىشى ئوڭدىسىغا يېتىپ قالسا بولمايدۇ. چۈنكى بويۇن قاتلىشىپ قېلىپ تىنالماسلىقى ياكى ياندۇرغاندا چىققان نەرسىلەر نەپەس يولىنى توسۇۋېلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئۇ كىشىنى ئاستا ئۆرۈپ ئوڭ ياننى بېسىپ ياتقۇزۇش، ئوڭ پۇتىنى تۈزلەپ،سول پۇتىنى سەل ئېگىپ تىزى بىلەن يەرگە تېرەپ قويۇش ۋە بېشىنى سەل-پەل يۇقىرىغا قىلىپ قويۇش لازىم. بۇنىڭدا نەپەس راۋان بولىدۇ.( بۇ خىل يېتىش ھالىتى ھۇشسىز ياتقان كىشىنىڭ نەپەسلىنىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە چوڭ ياردىمى بار.)
ئەگەر بۇ كىشىنىڭ نەپىسى توختاپ قالغان بولسا، سىز جىددى قۇتقۇزۇش كۇرسىدا ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى، يەنى ئېغىزدىن سۈنئى نەپەسلەندۈرۈش، يۈرەك قوزغىتىش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
زەھەر ئارتۇق كەتكەندەتۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك.
ئۇ كىشىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ھۇشىغا كېلىشىنى ياكى زەھەر تەسىرىنىڭ تەدىرىجى يوقىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماڭ. دەرھال دوختۇر چاقىرىڭ ياكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىڭ.،چۈنكى بۇ باشقىلارنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش.
ھەرگىز ھۇشىدىن كەتكۈچىنى ئېسىگە كەلتۈرىمەن دەپ بەدىنىگە قالايمىقان ئۇرماڭ، ئۇنى زەخمىلەندۈرۈپ قۇيۇپ ئەھۋالنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشىڭىز ھەم بۇ سەۋەبلىك جىنايەتكار بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
تۇز سۈيىنى ئۇكۇل قىلماڭ. بۇنىڭ ھېچنىمىسىگە پايدىسى يوق. ئەكسىچە ۋاقىت ئىسراپ قىلىسىز.
زەھەر ئارتۇق كېتىپ ھۇشىدىن كەتكۈچىگە بىر نەرسە يىگۈزۈشكە ياكى ئىچكۈزۈشكە ئۇرۇنماڭ (چاي، سۇ، ھاراق قاتارلىقلارنى). بۇنداق قىلسىڭىز ئۇنىڭغا ياردىمى بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئۇ كىشى ياندۇرۇپ نەپەس ئالالماي قېلىشى مۇمكىن.
ئەگەر ئۇ كىشى ھۇشىدىن كەتسە ئامال بار ياندۇرغۇزماسلىق لازىم. چۈنكى ياندۇرىۋەتسە نەپەس يولى قۇسۇقتا توسۇلۇپ قېلىپ تىنالماسلىق ئېھتىماللىقى بار.
خىروئىننىڭ تەسىرىنى يوقىتىمەن دەپ ئۇنىڭغا باشقا خىل زەھەر (ئامفېتامىن ياكى باشقا روھلاندۇرغۇچى دورىلار)نى ئىشلەتمەڭ. بۇنىڭدا ئۇ كىشىنىڭ بەدىنى تېخىمۇ كۆپ زەھەرنى كۆتۈرەلمەي، ئەھۋال مۇرەككەپلىشىپ، تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
بىھۇش ئادەمنى ۋاننىغا سېلىپ قويماڭ، بولمىسا تۇنجۇقۇپ قالىدۇ. ئەمما گىلدىڭباش كوملىچى دىگەندەك روھلاندۇرغۇچى دورىلار ئارتۇق كەتكەن بولسا، بەدىنى بەك قىزىپ كېتىدۇ. شۇڭا دوختۇر كېلىشتىن بۇرۇن لۆڭگىنى سوغۇق سۇدا ھۆل قىلىپ ياكى كىيمىگە ئازىراق سۇ چېچىپ سالقىنلاتسىڭىز بولىدۇ.
دوختۇرلار ياكى سىزگە(سىزنىڭ دوستىڭىزغا) ياردەم بەرمەكچى بولغانلار بىلەن قارشىلاشماڭ. باشقىلار بىلەن گەپ تەگىشىپ قالسىڭىز ياكى ئۇلارغا تەھدىت سالسىڭىز ئاسانلا ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئاۋارىچىلىقىڭىز كۆپىيىپ كېتىدۇ ياكى دوستىڭىزنى(ئۇنىڭغا زەھەر ئارتۇق كەتكەن بولسا) بالاغا تىقىپ قويىسىز. ئاددىيسى سىزگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەرمەكچى، ھاياتىڭىزنى قۇتقۇزماقچى بولۇۋاتقان كىشىلەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىسىز.