-
2009-02-27
غۇلجا شەھىرىدىكى ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەر - [مۇلازىمەت ئۇچۇرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35812929.html
بىرىنچى: مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش تۈرى
1. تۈر مەقسىتى:
مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ئارقىلىق، توموردىن زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش قىلمىشىنى ئازايتىپ، ئۇلار ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ، شۇنداقلا قان ئارقىلىق يۇقىدىغان باشقا كېسەللەر (ب تىپلىق، س تىپلىق جىگەر ياللۇغى، ئەيدىز) نىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ۋە زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكىتىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت.
2. مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇش شەرتلىرى:
- نۇرغۇن قېتىم زەھەر تاشلاپمۇ تاشلىيالمىغان خىروئىنغا خۇمار بولغۇچىلار؛
- 2 قېتىمدىن ئارتۇق مەجبۇرى زەھەر تاشلاتقۇزۇلغانلار ياكى بىر قېتىمدىن ئارتۇق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەنلەر؛
- يېشى 20 ياشتىن چوڭ بولغانلار؛
- مۇقىم تۇرالغۇسى بولغان يەرلىك ئاھالىلەر.
3. مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ جەريانى ياكى قەدەم-باسقۇچلىرى:
بىمار(زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى) مەھەللە كومتېتى تەرىپىدىن دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈلۈپ، يۇقارقى داۋالىنىش شەرتىگە ماس كېلىدىغانلىقى بېكىتىلگەندىن كېيىن، داۋالىنىش ئىلتىماسى جەدىۋىلىنى تولدۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى ساقچىخانىغا سۇنىدۇ، ساقچىخانا تەستىقلىغاندىن كېيىن، بىمار مېتادون ئارقىلىق داۋالايدىغان ئامبولاتورىيەگە بېرىپ مەسلىھەت ئالىدۇ. ئامبولاتورىيە شەرتكە چۈشكەنلىرىگە قارىتا سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغانلار ج خ ئورگانلىرىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇلىدۇ. ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كېيىن داۋالىنىش كارتۇچكىسى تارقىتىپ بېرىلىپ، داۋالاشنى قۇبۇل قىلسا بولىدۇ.
4. مۇلازىمەت ئورنى ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفونى:
غۇلجا شەھەرلىك مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ئامبولاتورىيىسى
ۋاڭ تىڭ
0999-8350585
ئىككىنچى: ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش
1. تۈر مەقسىتى:
ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ئارقىلىق، ئەيدىز بىمارىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ۋىرۇسنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا قارىتا بۇزغۇنچىلىقىنى تۆۋەنلىتىش. بىمارنىڭ تۇرمۇش ۋە بەدەن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆمىرىنى ئۇزارتىش.
2. مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ شەرتلىرى:
- ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشى مۇسبەت (+)بولۇپ جەزىملەنگەنلەر.
- CD4ھۈجەيرىسىنىڭ سانى 300 دىن تۆۋەن بولغانلار ياكى پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش كۆرۈلۈشكە باشلىغانلار.
3. مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ جەريانى ياكى قەدەم-باسقۇچلىرى:
قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى HIVدىن يۇقۇملانغان دەپ جەزىملەشتۈرۈپ دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى 300 دىن تۆۋەن بولغانلار، شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئەيدىز مەخسۇس بۆلۈمىگە بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرۈش، ئەھۋال ئىگەللەش ۋە باسقۇچلۇق دىئاگنوز قويۇش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك "كېسەللىك تارىخى" ئارخىپى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، ئاندىن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىمارغا قارىتا ئۇنۋېرسال باھالاش ئېلىپ بارىدۇ ۋە داۋالىنىشنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ، دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، داۋالىنىشنى باشلىسا بولىدۇ .
4.مۇلازىمەت ئورنى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش مەركىزى
ۋاڭ جىچاڭ
8035027-0999 ،13899707865
ئۈچىنچى: ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى توسۇش
1. تۈر مەقسىتى:
داۋالاش ئارقىلىق، ۋىرۇسنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،بالىنى يۇقۇملىنىشتىن ساقلاپ قېلىش.
2. مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ شەرتلىرى:
قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە HIV ئانتېتلاسى مۇسفى بولۇپ چىققان ھامىلىدار ئاياللار(يەنى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان دەپ جەزىملەشتۈرۈپ دىئاگنوز قويۇلغانلار).
3. مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ جەريانى ياكى قەدەم-باسقۇچلىرى:
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلىنغان ھامىلىدار ئاياللاردىن قان ئېلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىگە ھەقسىز ئەۋەتىلىپ، يۇقۇملانغانلىقى جەزىملەشتۈرۈپ دىئاگنوز قويۇلغان بولسا مۇشۇ خىل ھەقسىز داۋالاشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئانا تۇغۇتتىن 2 سائەت بۇرۇن200 مىللىگرام(为乐命)NVP ئىچىدۇ، بوۋاق تۇغۇلۇپ 72 سائەت ئىچىدە 6 مىللىگرام (为乐命)NVP ئىچىدۇ. بوۋاق ھەقسىز سۈت پاراشۇگى بىلەن تەمىنلىنىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بېقىلىدۇ.
1. مۇلازىمەت ئورنى، ئالاقىلاشقۇچى ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفونى:
غۇلجا شەھەرلىك ئانا-بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئامبولاتورىيىسى
گۈلى دوختۇر تېلېفون: 7832974