ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-27

    ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35802986.html

    ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر

    •    ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچىش ئۇزۇن مەزگىللىك  داۋالىنىش بولغاچقا توختىتىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ .

    •   دورا ئىچىشنى باشلاپ ئازىراق ياخشىلىنىش بولغاندىن كېيىنلا توختىتىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ.

    •   ئەگەر شۇ مەزگىلدە روھىي جەھەتتىن مەسىلە كۆرۈلسە يەنى چۈشكۈنلىشىش ياكى غېرىبسىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە دورا ئۈزمەي ئىچىش تەسكە توختايدۇ،شۇڭا باشقىلارنىڭ ياردىمى بەكمۇ مۇھىم.

    •   كىشىلەر ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى،سالامەتلىكنى قانداق قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنۋېلىشى كېرەك،چۈنكى كىشىلەر بۇ دورا ماڭا پايدا قىلمىدى دەپ قارىسا دورىنى ئىچمەي قۇيۇشى مۇمكىن .

    •   كىشىلەر ئەكس تەسىر سەۋەبىدىن دورا ئىچىشنى توختىتىپ قۇيۇشى مۇمكىن،شۇڭا ئۇلاردورىنىڭ ئەكس تەسىرى بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىۋېلىشى كېرەك.

    •   كىشىلەر ئەكس تەسىر تۈپەيلىدىن داۋالىنىشنى توختىتىپ قويۇشى مۇمكىن،شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەكس تەسىر ۋە ئەكس تەسىرنى قانداق كونترول قىلىشنى بىلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم .

    •   دورىنى قاچان، قانداق، نېمە ئۈچۈن ئىچىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك يېتەرلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش كېرەك .

    •   ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر جەريان بولۇپ، كىشىلەر چوقۇم ئىقتىسادى ئەھۋالى، كىرا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەر توغرىسىدا ئويلىشىشى كېرەك .

    •   داۋالىنىشنىڭ شەرتىگە توشمىسا داۋالىنىش ئېلىپ بارسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك .

    •   ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنىڭ مۇھىم بىر شەرتى پۇرسەتلىك كېسەللەرنى داۋالاپ كونتىرول قىلغان بولۇش. شۇڭا كىشىلەرپۇرسەتلىك كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئامال چارە قىلىشنى بىلىشى كېرەك .

    •   ياردەم ۋە غەمخورلۇقمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ،ئائىلىسىدىن، دوستلىرىدىن، باشقا يۇقۇملانغۇچىلاردىن قانداق ياردەملەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك .

    •   توختىماستىن قەرەللىك ھالدا بەدەن تەكشۈرتۈش، داۋالىنىش ئىنتايىن مۇھىم .

    قەيەرگە بارسا ۋە كىمدىن تىببىي ۋە روھىي جەھەتتە توغرا ياردەمگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلىشمۇ مۇھىم





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.