-
2009-02-27
ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى - [ئەيدىز]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35803029.html
ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى
كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەكس تەسىرى بولمايدۇ، ئاز بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئازراق ئەكس تەسىرى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ خىل تەسىرنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. "ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش"نىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەكس تەسىرلىرى بولسا "ھارغىنلىق ھېس قىلىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش (ياندۇرۇش)، ئىچى سۈرۈش،قورساق بىئارام بولۇش، باش ئاغرىش ۋە تېرىگە ئەسۋە چىقىش" قاتارلىقلار.
كۆپ قىسىم ئەكس تەسىرلەر داۋالاشنى باشلاپ دەسلەپكى بىر قانچە ھەپتىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ، كېيىن بارا-بارا ئازىيىشقا باشلايدۇ.
كىشىلەردە دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىگە قارىتا ئىدىيىۋى تەييارلىق بولۇشى، شۇنداقلا كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش ۋە ئىچى سۈرۈش دىگەندەك يەڭگىل ئەكىس تەسىرلىرىنى ئاددى ئۇسۇللار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىۋېلىشى لازىم.
• پەقەت ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەردە بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئەكس تەسىرلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن .بۇ ۋاقىتتا دەرھال دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىش لازىم.
ئەگەر يۇقۇملانغۇچى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىۋاتقان بولسا، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان خەتەرلىك ئەھۋاللار،يەنى دورىنى ئارىلىقتا ئۈزۈپ قويۇش ئېھتىماللىقى بارلىقى ۋە باشقا ئېغىر ئەكىس تەسىرلەر توغىرسىدا ئۇ كىشىگە ئەسكەرتىش بېرىش زۆرۈر.
历史上的今天: