-
2009-02-27
ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلار ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر - [ئەيدىز]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35802953.html
ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا گەرچە ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ھەقسىز بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ بۇ دورىلارغا قارىتا چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن، دورىنى ئوتتۇرا يولدا توختىتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت، ئەمەلىيەتتە بۇ ھەممىلا يەردە تىببى خادىملارنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان بىر مەسىلە. شۇڭلاشقا ھەر قانداق بىر ئادەم دورا ئىچىشنى باشلاشتىن بۇرۇن بۇ دورا توغىرسىدا ئەتراپلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى، دورا ئىچىش-ئىچمەسلىكنى ۋە قاچان ئىچىش كېرەكلىكىنى ئوبدان ئويلىشىشى، دورا ئىچىشنى باشلىغان ھامان ھەرگىز توختىتىپ قويماسلىقى، ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈزمەي ئىچىشى، دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ماسلىشىشى كېرەك،
دورىنى ئۈزمەي ئىچىشنىڭ مۇھىملىقى
ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچىۋاتقان ئادەم چوقۇم ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ دورىنى دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى، ئۇنتۇپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈزۈپ قويغاندا، ۋىرۇس دورىغا ماسلىشىۋېلىپ، دورا كار قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ھەممىڭلارغا مەلۇم، بۇ خىل داۋالاشتا چوقۇم 3 خىل ئوخشىمىغان دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىچىدۇ، ھەمدە بەزى دورىلار ھەر خىل بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ھەممىسىدىلا ئىشلىتىلىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئەگەر مەلۈم خىل دورىنى ئۈزۈپ قويۇش سەۋەبىدىن شۇ دورا كار قىلمايدىغان بولۇپ قالسا، قايتا دورا بىرىكتۈرۈش پۇرسىتى ئاز ھەتتا يوق دىيەرلىك. مۇشۇنداق تاللاش پۇرسىتى ئىنتايىن كەمچىل بولۇۋاتقان ئەھۋالدا دورا كار قىلمايدىغان بولۇپ قالسا داۋالاش مەغلۇپ بولدى دىگەنلىكتۇر، شۇڭلاشقا دورىنى ئۈزمەي ئىچىش بەكمۇ مۇھىم دەيمىز.
ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلار ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر :
داۋالىنىش ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر جەريان بولۇپ، ئارىلىقتا توختىتىپ قويۇپ يەنە قايتا باشلاشقا بولمايدۇ.
سالامەتلىكىدە ئازراق ياخشىلىنىش بولغان ھامان داۋالىنىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىقمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، داۋاملىق چۈشكۈنلۈك، يالغۇزلۇق ھېس قىلش داۋالىنىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ .
دورىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارمۇ ناھايىتى مۇھىم، ئەگەر كىشىلەر دورىنى نېمىشقا، قانداق ۋاقىتتا، قانداق ئىچىدىغانلىقىنى چۈشەنمىسە، داۋالىنىشمۇ توغرا ئېلىپ بېرىلمايدۇ.
ئەكس تەسىرمۇ داۋالىنىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ،ئەگەر كىشىلەر دورىنىڭ ئەكس تەسىرىگە بەرداشلىق بېرەلمىسە،دورا ئىچىشنى توختىتىپ قويۇشى مۇمكىن.
"دورىغا كۆنىۋېلىش (دورا كار قىلماسلىق)" دىگەننى قانداق چۈشىنىمىز ؟
ئەيدىز ۋىرۇسى خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىپ ,ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىچىۋاتقان مەزگىلدىمۇ داۋاملىق مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش,كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان چاغدا، بەدەندىكى ۋىرۇس دورىغا كۆنىۋالدى ياكى دورا كار قىلمايدىغان بولۇپ قالدى دەيمىز .
دورىغا كۆنىۋېلىش "ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش "مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئاساسىي سەۋەبى.
دورىنى ئۇنتۇپ قېلىپ ياكى باشقا سەۋەبتىن ۋاقتى قەرەلىدە ئىچمىسە، دورىنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان چاغدىمۇ ،داۋاملىق شۇ دورىنى ئىچىۋەرگەندە، ياكى دورا ئىچىش جەريانىدا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلمىسا ۋىرۇس دورىغا كۆنىۋالىدۇ.
دېمەك، ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشتا دورىنى ۋاقتى قەرەلىدە ئىچىش ۋە دورىنى ئۈزۈپ قويماسلىق، دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ماسلىشىش ئىنتايىن مۇھىم، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش زۆرۈر. يەنى
دورا ئىچىشنى باشلاشتىن بۇرۇن مەشىق قىلىش، بۇ ئارقىلىق دورا ئىچىشنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ماسلاشتۇرۇش كېرەك .
باشقا ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەر بىلەن تونۇشۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش،مەسىلىگە يۇلۇققاندا ئۇلاردىن ئاشۇنداق مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى سوراش كېرەك.
ئائىلىسىنىڭ ۋە دوستلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم .
دورا ئىچىشنى كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇۋېلىڭ .
دوختۇرىڭىز بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ، ئۇنى ئۆز ئەھۋالىڭىزدىن خەۋەردار قىلىپ تۇرۇڭ ۋە مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ۋاقتىداياردەم تەلەپ قىلىڭ .