ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-27

    ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش بىلىملىرى - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35802579.html

    "ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش" دېگەن نېمە ؟

    "ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش" دېگىنىمىز- بىر نەچچە خىل دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىچىش ئارقىلىق، بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەپ، CD4 ھۈجەيرىلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدىغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى كۈچەيتىپ،بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاشۇرىدىغان داۋالاشتىن ئىبارەت.

    "ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش"دورىلىرى ئەيدىز ۋىرۇسىنى بەدەندىن چىقىرىۋىتەلمەيدۇ،بىراق ۋىرۇسنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىگە بولغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ،ئادەمنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىدۇ.

    ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشتا ئوخشاش بولمىغان 3 خىل (ۋىرۇسقا قارشى) دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىچكەندە ئاندىن"ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش"نىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بەزىدە ۋىرۇسنىڭ سانى ئازلاپ تەكشۈرۈپ بىلگىلىمۇ بولمايدۇ.

    "ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش"دورىلىرى يۇقۇملانغۇچى ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق, ,تۇغۇت ۋە ئېمىتىش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى بالىغا يۇقتۇرۇش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

    ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئەيدىزنى تۈپتىن ساقايتالمايدۇ.

    ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ(ARV) نىڭ تەسىر قىلىش پىرىنسىپى بولسا ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلاردا ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت. ئادەتتە  ۋىرۇس كۆپىيىشىنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلىرىغا قارىتا   3خىل دورا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدۇ.

     

     

    ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى قانچىلىك مەزگىل ئىچىدۇ؟

    "ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش"ئېلىپ بارغاندا،ئەگەر ئادەم بەدىنىدە دورىغا نىسبەتەن قارشىلىق كۈچ( دورا كار قىلماسلىق) ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى ئەكس تەسىر كۆرۈلمىسىلا، دورىنى چوقۇم بىر ئۆمۈر ئىچىش كېرەك .

    سىزگە داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان دوختۇر قەرەللىك ھالدا بەدەن تەكشۈرۈش  ۋە قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ،بەدىنىڭىزدە " ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش" دورىلىرىغا قارىتا ماسلىشىۋىلىش ياكى ئەكىس تەسىر  پەيدا بولغان- بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ .

     

    " ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش" نىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى قايسىلار ؟

    "ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش" نى باشلاپ بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىنلا، كىشىلەر ئىشتىھاسىنىڭ ياخشىلىنىپ،بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى،شۇنداقلا بەدەندىكى ماغدۇرسىزلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئازايغانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ  خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى  ھىس قىلىدۇ .

    "ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش" ئېلىپ بېرىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر يەنە داۋاملىق خىزمەت قىلىش ،ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ .

    ئەگەر" ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش" كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ئادەتتە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ياخشىلىنىپ،CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى كۆپىيىدۇ-دە، بەدەن پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇشقا باشلايدۇ .

    شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئاغرىق ئازابى يېنىكلەپ ،قايتىدىن نورمال تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدۇ .

     

     ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش قانداق ئەھۋالدا مەغلۇپ بولىدۇ ؟

    -دورىلارنى بىرلەشتۈرۈش مۇۋاپىق بولماسلىق ياكى پەقەت بىر ياكى ئىككى خىللا دورىنى ئىچكەندە، دورىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى كونترول قىلىشقا كۈچى يەتمىگەن ئەھۋالدا؛

    -دورىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەر كۈنى ۋاقتىدا ئىچمىگەندە؛

    -ئىچىۋاتقان باشقا دورىلار ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزگەندە؛

    -دورىنىڭ كۈچلۈك ئەكس تەسىرى تۈپەيلىدىن  ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىچىشنى ئۆز ئالدىغا توختاتقاندا، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش مەغلۇپ بولىدۇ.





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.