-
2009-02-25
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ھەققىدە - [ئەيدىز]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35700494.html
1. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دىگەن نىمە؟
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دىگىنىمىز دورا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ، ئاز دىگەندە 3 خىل ئوخشىمايدىغان دورىنى بىللە ئىشلىتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بەدەندە كۆپىيىشىنى چەكلەشنى كۆرسىتىدۇ.
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش نۆۋەتتە ئەيدىزنى داۋالاشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق گەرچە ۋىرۇسنى بەدەندىن تەلتۈكۈس يوقاتقىلى بولمىغان بىلەن، بەدەندىكى ۋىرۇس مىقدارىنى ئازايتقىلى، بەدەننىڭ ئىممونىتېت ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ياشاش سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، ھاياتنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
2. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قانداق چاغدا باشلايمىز؟
تۈۋەندىكى شەرتكە توشقانلار ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا قاتنىشىش لازىم
⑴ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلۈپ دىئاگنوز قويۇلغان بولسا؛
⑵قاندىكى CD4 ھۈجەيرە سانى (ھەر كۇپ مىللىلېتىر قاندا) 200 دىن تۆۋەن بولسا ياكى بەدەندە ھەر خىل پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش ياكى ئۆسمە كۆرۈلسە؛
⑶ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشقا قاتنىشىشقا تەييارلىنىپ بولغان بولسا.
3. ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بەدەندە كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك توسىيالايدۇ، ئۈنۈملۈك داۋالاش ئارقىلىق قاندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى، CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ، ئىممونىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتەرگىلى ۋە شۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ ھەر يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. نەتىجىدە كېسەللىك قوزغالماي ساغلام كىشىلەردەك خىزمەت ، ئەمگەك ، ئۆگىنىش قىلغىلى ۋە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن نورمال ياشىغىلى بولىدۇ.
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق بەدەندىكى ۋىرۇسىنى تەلتۈكۈس يوقاتقىلى بولمايدۇ، ۋىرۇسنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇش مۇمكىنچىلىغى يەنىلا مەۋجۈت. شۇڭا، جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدا چوقۇم سۈپەتلىك بولغان كوندوننى توغرا ئىشلىتىش كېرەك.
4. ۋىرۇسقا قارشى دورىنى قانچىلىك ۋاقىت ئىچىمىز؟
ئادەتتە ۋىرۇسقا قارشى دورىنى چوقۇم بىر ئۆمۈر ئىچىدۇ، دورا ئىچىشنى خالىغانچە توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنى داۋالىغاندەك، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىشى ھەمدە كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ دورىنى تەڭشەش لازىم
5. جاننى قۇتقازغۇچى دورىنى توختىتىشقا بولمايدۇ
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دورىنى دائىم ئۆز ۋاقتىدا ئىچىش لازىم، يەنى بىر ئايدا دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قېلىشى ئۈچ قېتىمدىن ئاشماسلىغى لازىم. دورا ئىچىش خۇددى كۈندە تاماق يىيىشتەك، چوقۇم بىمارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس مۇھىم قىسىمى بولۇشى لازىم. بۇ بىمارنىڭ كېسەللىكىنى ئۈزۇن مۇددەت كونتىرول قىلىشتىكى بىردىنبىر چارىدۇر، ئەگەر دوختۇرنىڭ ئېيتقىنىدەك داۋاملىق دورا ئىچمىسىڭىز، دورا مىقدارى ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى كونتىرول قىلىشقا يەتمەي ، داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولماي ئاسانلا دورا كار قىلماس بولۇپ قالىدۇ. ئەڭ ئاخىردا ھىچقانداق دورا تەسىر قىلماس بولىدۇ.
مەسلەن، دوختۇر بىمارنى 100 قېتىم دورا ئىچىشنى تەلەپ قىلسا، لېكىن بىمار 70 قېتىم ئىچكەن بولسا داۋالاش ئۈنۈمى ئاران 18% بولىدۇ. ئەگەر 95 قېتىمدىن ئاشقان بولسا، داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى 80% دىن يوقىرى بولىدۇ.
ۋىرسقا قارشى دورا ئارقىلىق ھاياتنى قۇتۇلدۇرغىلى بولغان بىلەن، ھاياتىڭىز دورىنى ئۆز ۋاقتىدا بەلگىلەنگەن مىقدارىدا ئىچىشىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك
ئىككىنچى: ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا قاتناشقاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىشتىن قانداق تەييارلىق ئېلىپ بېرىش لازىم؟
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا قاتنىشىشنى قارار قىلىشتىن ئاۋال دوختۇرنىڭ پىكىرىنى كۆپرەك ئاڭلىشىڭىز، باشقا بىمارلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى چۈشىنىشىڭىز، ئۆگىنىشىڭىز لازىم. ياخشى ئويلىنىپ، ئۆزىڭىزدىن تۆۋەندىكىلەرنى سوراپ كۆرۈڭ:
l ھەر ئايدا دەل ۋاقتىدا بەدەن تەكشۈرتۈپ دورا ئالالامدىم؟
l ھەر كۈنى ۋاقتىدا دەل مىقداردا دورا ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلالامدىم؟
l دورا ئىچىشتىن كېلىدىغان بىئاراملىققا بەرداشلىق بېرەلەمدىم؟
2. دورا ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
l ھەر كۈنى ۋاقتىدا دەل مىقداردا دورا ئىچىش، دوختۇرنىڭ رۇخسىتىسىز دورىنى توختاتماسلىق، مىقدارىنى ئازايتماسلىق ياكى مىقدارىنى ئاشۇرماسلىق كېرەك. كۆپ ساندىكى ۋىرۇسقا قارشى دورىلار كۈندە ئىككى قېتىم، 12 سائەتتە بىر قېتىم ئىچىلىدۇ. بەزى دورىلار كۈندە بىر قېتىم بولۇپ، كۈندىلىك دورا ئىچىش ۋاقتى مۇقىم بولۇش كېرەك.
l بۇ دورىلارنى تاماق بىلەن بىللە ياكى ئاچ قوساق ئىچىدىغانلىغىنى بىلىۋېلىش كېرەك. ئاچ قوساق دىگەنلىك تاماق يىيىشتىن بىر سائەت بۇرۇن ياكى تاماق يەپ بولۇپ ئىككى سائەتتىن كېيىننى كۆرسىتىدۇ.
l دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالغان ھامان دەرھال تۇلۇقلاپ دورا ئىچىش كېرەك. ئەگەر دورا ئىچىش ۋاقتىدىن 4 سائەت ئۆتۈپ ئاندىن دورا ئىچىش يادىڭىزغا كەلسە، دورىنى تولۇقلاپ ئىچىشكە بولمايدۇ. يەنە بىر قېتىم دورا ئىچىش ۋاقتىغا كەلگەندە دورا ئىچىش كېرەك، بىر قېتىمدا ئىككى قېتىملىق دورا ئىچىشكە بولمايدۇ.
l دورا ئىچىپ بىر سائەت ئىچىدە قۇسۇپ ياندۇرىۋەتكەندە، ئىچكەن دورا بەدەن تەرىپىدىن تۇلۇق قۇبۇل قىلىنمىغاچقا، دورىنى قايتا ئىچىش كېرەك
l ئۆزى ئىچىۋاتقان دورىنى باشقىلارنىڭ ئىچىشىگە بېرىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ھەر بىر كىشىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، داۋالىنىشى ۋە دورا ئىچىشى ئوخشاشمايدۇ
بەرزى دورىلار ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا قوشۇمچە قىلىپ ياكى باشقا يۇقۇملىنىشنى داۋالاش ئۈچۈن باشقا دورا ئىچىشكە توغرا كەلگەندە، چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك
3. دورا ئىچىشنى ئۇنتۇلۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟
l ئۆزى ئىچىۋاتقان دورىنىڭ نامى، شەكلى، ئەكىس تەسىرى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ساقلاش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىش مۇددىتى قاتارلىقلارنى بىلىشى لازىم
l كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئاساسەن دورا ئىچىشنى ئەسكەرتىش ئۇسۇلى تېپىپ چىقىش لازىم، مەسلەن: تاماق يىگەندە ياكى تېلۋىزور كۆرگەندە دورا ئىچىمەن دىگەندەك.
l قوڭغۇراقلىق سائەت، قول سائەت، چاقىرغۇ ئاپاراتى ياكى يانفون ئارقىلىق دورا ئىچىدىغان ۋاقىتنى ئەسكەرتىش
l ئائىلە ئەزالىرى ئەسكەرتىپ تۇرۇش
l ئۆيدىن ئايرىلغاندا دورا ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماسلىق
l باشقا بىمارلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ دورا ئىچىش ۋاقتىنى قانداق ئېسىدە ساقلايدىغانلىغىنى بىلىش
4. دورا ئىچىپ بىئاراملىق ھېس قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىشلەتكەن دەسلەپكى نەچچە ھەپتىدە، دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى سەۋەبىدىن بەزىلەردە ھېرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قوسۇش، ئىچى سۈرۈش، بەدەن ئاغىرىش، باش ئاغرىش ياكى قاپارتقۇ چىقىش قاتارلىق يىنىك بولغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ ئالامەتلەر يىنىك بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇنىڭغا چىدىغىلى بولىدۇ، ھەمدە كۆپ قىسىم ئالامەتلەر 2-3ئاي ئىچىدە يىنىكلەيدۇ ياكى يوقايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقارقىدەك يىنىك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دورىنى داۋاملىق ئىچىش كېرەك. ئاز ساندىكى كىشىلەردە ئېغىر بولغان ئەكىس تەسىر كۆرۈلىدۇ. مەسلەن ئېغىر دەرىجىدىكى قاپارتقۇ، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ياكى سۈت كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلار. بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىش لازىم.
تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دەل ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم
l قوساقنىڭ ئۈستى قىسىمى ئاغىرىپ، بەل ھەم دۈمبىگە تارالسا، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرسا، قىززىسا
بۇ ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن
l كۆز ئالمىسى ساغىرىش، تاماققا ئىشتىھا بولماسلىق، كۆڭلى ئېلىشىش، قوسىغى كۆپۈش، بەدەن ھالسىراش.
بۇ جىگەر ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن.
l پۇت قولى ئويۇشۇپ، ئاغىرسا
بۇ تاشقى نېرىپ ياللۇغى بولغانلىغىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن
l ھالسىراپ، نەپەس تېزلىشىپ، نەپەس قىيىنلاشسا
بۇ سۈت كىسلاتاسىدىن زەھەرلەنگەنلىگىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن
5. بىر مەزگىل دورا ئىچكەندىن كېيىن نىمە ئۈچۈن ياخشلىنىش كۆرۈلمەيدۇ؟
ئەيدىز كېسلى بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل بولغاچقا، ئۇزۇن مۇددەت داۋالىنىپ دورا يىيىشكە توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە دورا ئىچىپ 3-6 ئايدا ئىممونىتېت ئىقتىدارى ئاندىن ئەسلىگە كېلىدۇ. دورا ئىچكەن دەسلەپكى بىر نەچچە ھەپتىدە دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى سەۋەبىدىن كېسەللىك ئالامەتلىرىدە ئېغىرلىشىش كۆرۈلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، كېسەللىك ئەھۋالى، دورا ئىچكەن ۋاقتى، دورا ئىچىش ئۇسۇلى، دورا بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇۋاپىق بولۇش بولماسلىغى قاتارلىقلار داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتدۇ. پەقەت توغرا داۋالاش ئېلىپ بارغاندىلا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىئاراملىق ھىس قىلغاندا مەسئۇل دوختۇر بىلەن ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ مەسلىھەت ئېلىش لازىم.
6. CD4 ھۈجەيرە سانى ئۆرلىگەندە دورا ئىچىشنى توختاتسا بولامدۇ؟
CD4 ھۈجەيرە سانى ئۆرلىسە، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغانلىغىنى ۋە بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ چاغدىمۇ دورىنى توختىتىشقا بولمايدۇ.
ۋىرۇسقا قارشى دورىلار پەقەت ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدىغان بولغاچقا، دورا توختاتقاندا بەدەندىكى ۋىرۇس قايتىدىن زور مىقداردا كۆپىيىپ، ئىممونىتېت سېستىمىسىنى قايتىدىن بۇزىدۇ. كېسەللىكىنى ئېغىرلىتىپ داۋالاشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ.
7. نىمە ئۈچۈن دورا ئىچكەندىن كېيىن قەرەللىك ھالدا بەدەن تەكشۈرتۈش لازىم دەيمىز؟
پەقەت قەرەللىك ھالدا مەسئۇل دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىپ بەدەن تەكشۈرتكەندىلا، داۋالاش ئۈنۈمىنى بىلگىلى، ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرىنى بايقىلىغىلى ۋە بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ. تەكشۈرۈشنىڭ مەزمۇنى دوختۇرنىڭ تەپسىلى بەدەن تەكشۈرۈشىنى(بەدەن ئېغىرلىغىنى ئۆلچەش)، دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىنى تەكشۈرۈشىنى( قىزىل ھەم ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى ئۆلچەش ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان CD4 ھۈجەيرە سانىنى ئۆلچەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
l بەدەن تەكشۈرۈش ۋاقتى: دورا ئىچىشنى باشلىغان دەسلەپكى بىر يىلدا ئەڭ ئاز دىگەندە ئالتە قېتىم تەكشۈرۈش لازىم. يەنى دورا ئىچكەن دەسلەپكى يېرىم ئايدا، بىرىنچى ئايدا، ئىككىنچى ئايدا، ئۈچىنچى ئايدا، ئالتىنچى ئايدا ھەم ئون ئىككىنچى ئايدا تەكشۈرۈش. ئۇنىڭىدىن كېيىن ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش لازىم
l تەكشۈرىدىغان ئورۇن: ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان يەرلىك داۋالاش ئورۇنلىرى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش
l يېزا ۋە شەھەر-بازارلاردىكى ئاساسلىق داۋالىنىش ستراخۇانىيىسىگە قاتناشمىغان ئىقتىسادى قىيىنچىلىغى بار بارلىق ئەيدىز بىمارلىرى دۆلەت تەرىپىدىن ھەقسىز تەمىنلەنگەن ۋىرۇسقا قارشى دورىلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ
l يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ياكى يەرلىك سەھىيە مەمۇرى تارماقلىرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن داۋالاش سەھىيە ئورۇنلىرى ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى ۋە ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش مەركىزى ( كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى ) دىن سورىسا بولىدۇ.
l ھەقسىز داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان بىمارلار كىملىگىنى ياكى نوپۇسىنى كۆرسىتىشى لازىم؛ يېزىلاردىكى بىمارلار ئۇنىڭدىن باشقا كەنت ئاھالىلار كومتېتى ، يېزىلىق ھۆكۈمەت ياكى ناھىيە دەرىجىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش ئورۇنلىرى تەمىنلىگەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتنى كۆرسىتىشى كېرەك. شەھەردىكى بىمارلار ئۇنىڭدىن باشقا مەھەللە كومتېتى چىقارغان تۇرمۇش قىيىنچىلىغى ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى كېرەك.
历史上的今天:
قان راكى ياكى ئاق قان بىمارلىرىغا 2009-02-25ئاق قان بىمارلىرىغا ياردەم قىلامسىز؟ 2009-02-25يۇقۇملانغۇچىلارنى ئائىلىدە كۈتۈش 2009-02-25پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش دىگەن نىمە؟ 2009-02-25