ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-25

    كوندومنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35700201.html

     

    ئۆزىنى پاك تۇتۇش، جىنسى ئەخلاققا رىئايە قىلىش- جىنسى كېسەللىكلەرنىڭ شۇنداقلا ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈپ تەدبىر. ساغلام، ئىجابى بولغان مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە ۋە جىنسىيەت كۆز قارىشى تىكلەش بۇنىڭ ئاساسى. ئەكسىچە جىنسى ئەركىنلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى، يەنى نىكاھتىن بۇرۇنقى ۋە نىكاھ سىرتىدىكى جىنسى تۇرمۇش، ئەيدىز ۋە جىنسى كېسەللەرنىڭ تېزتارقىلىشىدىكى بۆشۈك.

    Ø      كۆپ جىنسى ھەمراھى بولۇش، ئىپپىتىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز ۋە جىنسى كېسەلنى يۇقتۇرىۋالىدىغان يۇقىرى خەتەرلىك قىلمىشلاردۇر.

    Ø      جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا كوندومنى توغرا ئىشلەتكەندە ھامىلىدارلىقتىن ساقلانغىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئەيدىز ۋە جىنسى كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىش خەۋىپىنى ئازايىتقىلى بولىدۇ.

    Ø      جىنسى كېسەلدىن ياكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا يۇقتۇرۇش خەۋىپى ئاياللاردىن ئەرلەرگە تارقالغانغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ئاياللار قارشى تەرەپتىن كوندوم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

    Ø      ھازىر ئاياللار ئىشلىتىدىغان كوندوم تېخى  ئومۇملاشمىدى، شۇڭلاشقا تېپىشمۇ قىيىن. بىراق تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى قوغداش،ئەيدىزنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،ئاياللار ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرسە يەنىلا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

     

    كوندوم( بىخەتەرلىك قاپچۇقى)نى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى

    1.ماركىسى ئىشەنچلىك ياخشى كوندومنى ئىشلىتىش، سېتىۋالغاندا قېپىنىڭ سىرتىدىكى ئۈنۈملۈك ۋاقتىغا قاراش كېرەك.

    2. قېپىنى ئاچقاندا ئېھتىيات قىلىش، تىرناقنىڭ كوندومنى يىرتىۋېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

    3. كوندومنى پۈۋلەپ، ئوڭ تەتۈرىنى پەرىقلەندۈرۈش كېرەك.

    4. كوندومنىڭ ئۇچىنى سىقىپ تۇرۇپ قايىم بولغان زەكەرنىڭ تۈۋىگىچە كىيگۈزۈلىدۇ.

    5.جىما جەريانىدا كوندومنىڭ سېيرىلىپ چىقىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.

    6.چۇقۇم سۇ تەركىبلىك سىلىقلىغۇچى ئىشلىتىش لازىم. چۈنكى ماي تەركىبلىك سىلىقلىغۇچى ئىشلەتكەندە كوندوم ئاسان يېرىلىپ كېتىدۇ.

    7.جىما تۈگىگەندە، زەكەر بوشاپ كېتىشتىن ئىلگىرى كوندومنىڭ تۈۋىدىن تۇتۇپ تۆۋەنـگە سېرىپ چىقىرىش، سىپىرما سۇيۇقلۇقىنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

    8. كوندومنى بوغۇپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىش ياكى كۆيدۈرىۋېتىش كېرەك.

    9. بىر كوندومنى پەقەت بىرلا قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

    ئەسكەرتىش: كوندومنى ھەر قايسى دورا دۇكانلىرى ۋە ساغلاملىق بويۇملىرى دۇكانلىرىدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ،ئادەتتە بىر قېپىنىڭ باھاسى 10-20 يۈەن. ئەگەر كوندومنى توغرا ئىشلەتكەن شارائىتتىمۇ يېرىلىپ كەتسە،ئازراق سۇ تەركىبلىك سىلىقلىغۇچ سۈرتۈش كېرەك، ھەرگىزمۇ ۋازىلىن،قول ئاسراش مېيى قاتارلىق مايلىق نەرسىلەرنى سىلىقلىغۇچى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بۇنىڭدا كوندوم تېخىمۇ ئاسان يېرىلىپ كېتىدۇ.

    ئېسىڭىزدە بولسۇن ،كوندوم ھەممىلا جىنسى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ.

     

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.