-
2009-02-25
قان راكى بىمارلىرى ئۈچۈن يىلىك تەقدىم قىلامسىز؟ - [ئۇنۋېرسال]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/35701303.html
ئاق قان كېسىلى ، قان راكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئاق قان كېسىلى بىلەن ئاغرىغۇچىلار ھەر يىلى 40 مىڭدىن كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، كېسەل بولغۇچىلار ئاساسەن 35 ياشتىن تۆۋەنلەر بولۇپ، بالىلار يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا 10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن. ھازىر ئاق قان كېسىلىنى داۋالاشتا خىمىيىلىك داۋالاش، ئىممۇنىتېتلىق داۋالاش، يىلىك كۆچۈرۈش ۋە رادىئاكتىپ نۇر بىلەن داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىۋاتىدۇ.
يىلىك كۆچۈرۈپ داۋالاش، توغىرراقى يىلىكتىكى قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرىنى كۆچۈرۈپ داۋالاشتۇر.
قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە بولسا قان ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق ھۈجەيرە بولۇپ ،ئادەم ھۈجەيرىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي ھۈجەيرىدۇر. ئۇ يىلىكتە ۋە قاندا بولىدۇ.
قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرىنىڭ ئۆز ئۆزىنى يېڭىلاش ئىقتىدارى بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان بۆلۈنۈپ يېتىلىش ۋە قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا، ھەر خىل تىپلىق قان ھۈجەيرىلىرى ئوخشاش تۈردىكى ھۈجەيرە پەيدا قىلالايدۇ. غول ھۈجەيرىنىڭ كېلىش مەنبەسى قىزىل يىلىكتۇر. ئادەم بەدىنىدە قىزىل يىلىك ۋە سېرىق يىلىك دەپ ئىككى خىل يىلىك بولىدۇ. يىلىكنىڭ مىقدارى بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق بولۇپ، يېتىلگەن كىشىلەرنىڭ يىلىك مىقدارى ئادەتتە 3000 گرام ئەتراپىدا بولىدۇ. غول ھۈجەيرە قان ئارقىلىق بەدەندە ئايلىنىپ، تاشقى ئورگانلارغا كۆچۈپ بارالايدۇ. قان ۋە غول ھۈجەيرە تەغدىم قىلغاندا، قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ئادەم بەدىنىدىكى غول ھۈجەيرە ناھايىتى كۈچلۈك بولغان قايتا يېتىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئادەم بەدىنىدە ھەر خىل ھۈجەيرىلەر ھەر كۈنى ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭىلىنىپ، كونىلىرىنىڭ ۋە ئۆلگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ تۇرىدۇ. قان چىققان ياكى غول ھۈجەيرە تەغدىم قىلغاندىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە قان ئىشلەپچىقىرىدۇ. 1- 2 ھەپتە ئىچىدە قان سۇيۇقلۇقىدىكى ھەر خىل قان ھۈجەيرىلىرى ئەسلىدىكى سەۋىيەگە قايتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە تەغدىم قىلىش سالامەتلىككە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.
ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا بىر ئىرق ياكى بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ HLA تىپ ماس كېلىش ئېھتىماللىقى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدىكەن.شۇڭلاشقا ھەر قايسى دۆلەتلەر جايلاردا غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغۇچىلار ماتېرىيال ئامبىرى قۇرۇپ، قان راكى بىمارلىرىغا قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرىسىنى بېرىشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ ئارخىۋىنى مۇشۇ ئامبارغا كىرگۈزۈپ ساقلاپ قويىدۇ.بۇ ئامبار پۇتۇن دۇنيا بويىچە تورلاشقان بولۇپ ناۋادا بىرەر قان راكى بىمارى غول ھۈجەيرىگە ئېھتىياجلىق بولسا مۇشۇ ئامبارغا ئىلتىماس قىلسا، بۇ ئامبار ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى ماتېرىيال ئامبارلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيدۇ ھەم ماس كەلگەن ماتېرىيالنى تاللىيالايدۇ.بۇ ئارقىلىق بىمار ۋاقتىدا ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاشقا ئېرىشەلەيدۇ.
جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ھۆكۈمەتنىڭ ۋاھالىسىگە بىنائەن، 2001-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە ئىئانە قىلغۇچىلار ماتېرىيال ئامبىرى (جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرى) نى قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ،بۇ ئامبار قۇرۇلغاندىن بېرى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەييارلىق ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، 2007-يىلىغىچە 500مىڭ كىشىنىڭ ماتېرىيالىنى مۇشۇ ئامبارغا كىرگۈزۈپ بولدى. شىنجاڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتىمۇ ماس ھالدا جۇڭگو قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە ئىئانە قىلغۇچىلار ماتېرىيال ئامبىرى شىنجاڭ شۆبىسىنى قۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئارىسىدا غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلىشنى خالايدىغان پىدائىيلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاۋاتىدۇ.شىنجاڭ شۆبە ئامبىرى2008-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر 5200دىن كۆپرەك غول ھۈجەيرە تەقدىم قىلغۇچىنىڭ ماتېرىيالىنى ئامبارغا كىرگۈزۈپ بولدى،شىنجاڭلىق بىر پىدائىي بىلەن بېيجىڭدىكى بىر بىمارنىڭ غول ھۈجەيرىسىنى يۆتكەش ئوپراتسىيىسى مۇۋاپىقىيەتلىك قىلىندى.
دېمەك قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە ئىئانە قىلغۇچىلار ماتېرىيال ئامبىرىدا ماتېرىيال قانچە كۆپ بولسا، بىمارغا غول ھۈجەيرىسى ماس كېلىدىغان ئىئانە قىلغۇچىنى تېپىش پۇرسىتىمۇ شۇنچە كۆپ، بىمارنىڭ ساقىيىش پۇرسىتىمۇ شۇنچە زور بولىدۇ. ئەمما ھازىر تەشۋىقاتنىڭ يېتەرسىزلىكى، خىراجەتنىڭ كەمچىللىكى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شىنجاڭ شۆبە ئامبىرىدىكى ماتېرىياللار يەنىلا ئىنتايىن ئاز، يەنە كېلىپ ئاز سانلىق مىللەت پىدائىيلىرى يوق دىيەرلىك. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك قانداش تۇغقىنىدىن قالسىلا بىر مىللەت، بىر ئىرق كىشىلىرىنىڭ HLA تىپ ماس كېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئەكسىچە ئوخشىمىغان مىللەت ۋە ئىرقتىكىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ماس كېلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ.( شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر بىلەن ماس كېلىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى.)شۇڭلاشقا دوستلىرىمىزنىڭ بۇ توغرسىدا چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ۋە بۇ ساخاۋەتلىك ئىشنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئەگەر "مەنمۇ قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرەمنى تەقدىم قىلىشنى خالايمەن" دىگۈچىلەر بولسا ئۆزەڭلار تۇرۇشلۇق جايدىكى قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ تەپسىلى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە پىلانلىق ھالدا قان تەكشۈرۈپ ئەۋرىشكە ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
جۇڭگو قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە تەغدىم قىلغۇچىلار ماتېرىيال ئامبىرى شىنجاڭ باشقۇرۇش مەركىزى (شىنجاڭ شۆبە ئامبىرى)
تىزىملىتىش تېلېفون نومۇرى: 2572811- 0991
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 773- نومۇر
پوچتا نومۇرى: 830001
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى مۇناسىۋەتلىك يازمىلاردىن كۆرۈڭ.
历史上的今天:
قان راكى ياكى ئاق قان بىمارلىرىغا 2009-02-25ئاق قان بىمارلىرىغا ياردەم قىلامسىز؟ 2009-02-25يۇقۇملانغۇچىلارنى ئائىلىدە كۈتۈش 2009-02-25پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش دىگەن نىمە؟ 2009-02-25ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ھەققىدە 2009-02-25