ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-25

    ئاق قان بىمارلىرىغا ياردەم قىلامسىز؟ - [ئۇنۋېرسال]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35701271.html

    يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى، يەنى قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرىنى كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قان راكى ياكى ئاق قان كېسىلىنى داۋالايدىغان ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرسى، بۇنىڭغا ئاز خىراجەت كەتمەيدۇ، 10-20 تۈمەن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك پۇل كېتىشى مۇمكىن. ئەمما ئىقتىسات بىردىنبىر مەسىلە ئەمەس، يەنە  كۆچۈرۈلىدىغانغا مۇۋاپىق كېلىدىغان يىلىك  بولۇشى كېرەك.

    يىلىكىنىڭ ئۆز-ئارا كۆچۈرۈشكە ماس كېلىش ئېھتىماللىقى  قانداشلىق مۇناسىۋىتى بارلارنىڭ 25% ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنداقتا بىمارنىڭ قېرىنداشلىرى ياكى ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ ماس كەلمەي قالسىچۇ؟

    قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغانلارنىڭ يىلىكىنىڭ ئۆز-ئارا كۆچۈرۈشكە ماس كېلىش ئېھتىماللىقى ئونمىڭدىن بىر نىسبەتتە بولىدۇ، ئەمما بىر ئىرق ۋە بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ يىلىكىنىڭ ئۆز-ئارا كۆچۈرۈشكە ماس كېلىش ئېھتىماللىقى يەنە سەل يۇقىرى، دېمەك ئۈمۈت باشقا قېرىنداشلاردا قالدى.

    ئەگەر سىز قان راكى بىمارلىرىغا يىلىكىمنى، توغىرراقى قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرەمنى بېرىشنى خالايمەن دېسىڭىز، ئەتىراپىڭىزدىكى قىزىل كرېست جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

    ئومۇمەن، 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان، تېنى ساغلام، قان تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغانلار( يۇقۇملۇق كېسىلى يوق)نىڭ ھەممىسى بىردەك قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە ئىئانە قىلغۇچىلار قاتارىغا قوشۇلسا بولىدۇ.

    ئىختىيار قىلغۇچى تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن 5 مىللىتېر قان ئېلىنىپ، HLA (ئادەم ئاق قان ھۈجەيرىسى ئانتېگىنى)تىپى تەكشۈرۈلىدۇ. سانلىق مەلۇماتلىرى جۇڭگو قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە تەغدىم قىلغۇچىلار ماتېرىيال ئامبىرىدا ساقلاپ قويۇلىدۇ. مەلۇم بىر بىمار غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولغاندا، ھۈجەيرە كۆچۈرىدىغان دوختۇرخانا بىمارنىڭ HLA تىپىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ماتېرىيال ئامبىرىغا يوللايدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق سىزنىڭ HLA تىپىڭىز بىمارنىڭكى بىلەن ئوخشاش چىقىپ قالسا، تەمىنلەش مەركىزى سىزگە تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ جەريان ناھايىتى قىسقا بولۇشىمۇ ياكى بىر نەچچە يىل كۈتۈشكىمۇ توغرا كېلىپ قېلىشى، ھەتتا بىر ئۆمۈر نۆۋەت كەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن.

    قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە تەغدىم قىلىشمۇ ئوخشاشلا ساخاۋەتلىك ۋە ئادەم قۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلغاچقا، ئادەتتە ھەق بېرىلمەيدۇ. تەغدىم قىلغۇچىلارمۇ ھېچقانداق چىقىمنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

    جۇڭگو قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە تەغدىم قىلغۇچىلار ماتېرىيال ئامبىرى بەلگىلىگەن غول ھۈجەيرە توپلاش ئۇسۇلى بولسا تاشقى قىسىمدىكى قاندىن قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە يىغىش بولۇپ، ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن يىلىكتىكى غول ھۈجەيرىنى قوزغىتىپ تاشقى قانغا كۆچۈرىدۇ. تەغدىم قىلغۇچىنىڭ بىلكىدىن ۋىنا تومۇرى ئارقىلىق قان ئېلىنىپ، ھۈجەيرە ئايرىش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، غول ھۈجەيرە ئايرىۋېلىنىش بىلەن بىرگە، باشقا قان تەركىبلىرى تەغدىم قىلغۇچىنىڭ تېنىگە كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل تەغدىم قىلغۇچىلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئاغرىق ئازابى ئېلىپ كەلمەيدۇ. شۇنداقلا بىخەتەر، پەقەت ئازراقلا غەيرەت قىلىش كۈپايە.

    قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرىنىڭ ئۆز ئۆزىنى يېڭىلاش ئىقتىدارى بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان بۆلۈنۈپ يېتىلىش ۋە قايتا ئۆسۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا، ھەر خىل تىپلىق قان ھۈجەيرىلىرى ئوخشاش تۈردىكى ھۈجەيرە پەيدا قىلالايدۇ. غول ھۈجەيرىنىڭ كېلىش مەنبەسى قىزىل يىلىكتۇر. ئادەم بەدىنىدە قىزىل يىلىك ۋە سېرىق يىلىك دەپ ئىككى خىل يىلىك بولىدۇ. يىلىكنىڭ مىقدارى بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق بولۇپ، يېتىلگەن كىشىلەرنىڭ يىلىك مىقدارى ئادەتتە 3000 گرام ئەتراپىدا بولىدۇ. غول ھۈجەيرە قان ئارقىلىق بەدەندە ئايلىنىپ، تاشقى ئورگانلارغا كۆچۈپ بارالايدۇ. قان  ۋە غول ھۈجەيرە تەغدىم قىلغاندا، قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ئادەم بەدىنىدىكى غول ھۈجەيرە ناھايىتى كۈچلۈك بولغان قايتا يېتىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئادەم بەدىنىدە ھەر خىل ھۈجەيرىلەر ھەر كۈنى ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭىلىنىپ، كونىلىرىنىڭ ۋە ئۆلگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ تۇرىدۇ. قان چىققان ياكى غول ھۈجەيرە تەغدىم قىلغاندىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە قان ئىشلەپچىقىرىدۇ. 1- 2 ھەپتە ئىچىدە قان سۇيۇقلۇقىدىكى ھەر خىل قان ھۈجەيرىلىرى ئەسلىدىكى سەۋىيەگە قايىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە تەغدىم قىلىش سالامەتلىككە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

    جۇڭگو قان ھاسىل قىلغۇچى غول ھۈجەيرە تەغدىم قىلغۇچىلار ماتېرىيال ئامبىرى شىنجاڭ باشقۇرۇش مەركىزى (شىنجاڭ شۆبە ئامبىرى)

    تىزىملىتىش تېلېفون نومۇرى: 2572811- 0991

    ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 773- نومۇر

    پوچتا نومۇرى: 830001

    تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى مۇناسىۋەتلىك يازمىلاردىن كۆرۈڭ.

     

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.