ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-25

    ئەيدىز ۋە ئۇزۇقلۇق - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35697588.html

            يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدىكى ئۇزۇقلۇق ۋە ئېنرگىيىنىڭ خورىشى يۇقۇملانمىغانلارغا قارىغاندا تېز ھەم كۆپ بولىدۇ، شۇڭا يۇقۇملانغۇچى چوقۇم ياخشى يىيىشى، بولۇپمۇ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول يېمەكلىكلەرنى يىيىشى كېرەك. شۇندىلا يۇقۇملانغۇچى باشقا كېسەللەردىن ئاسان يۇقۇملانمايدۇ شۇنداقلا تەن سالامەتلىكىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ. تۆۋەندىكى بىر نەچچە مۇھىم نۇقتا چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن:

    كاربونھىدىرىتلار: ئاشلىق تۈرىدىكىلەر، يەنى بۇغداي، قوناق، گۈرۈچ ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقۇملانغۇچى يۇقۇملانمىغان ئادەمگە قارىغاندا بۇلارغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى بولىدۇ،شۇڭا كۈندە ئاز دىگەندە تۆت قېتىم مۇشۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەرنى يىيىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

     ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى يۇقۇملانمىغان ئادەمگە نىسبەتەن ئاقسىلنى 50-100% كۆپ ئىستىمال قىلىشى كېرەك.ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى گۆش تۈرىدىكىلەر، تۇخۇم، بېلىق،دۇفۇ ۋە بارلىق ئاشلىق تۈرىدىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ.(ئېسىڭىزدە بولسۇن، خام گۆش ۋە تۇخۇمنى يىيىشكە قەتئى بولمايدۇ)،كۈندە مۇشۇ خىل يېمەكلىكنى تۆت قېتىم يەپ بېرىڭ.

    يۇقۇملانغۇچىلار يېتەرلىك ۋىتامىنغا موھتاج. بولۇپمۇ ۋىتامىنA،B6،B12،C، تۆمۈر،سىنىك ۋە سېلېن قاتارلىقلارنىڭ يۇقۇملىنشقا قارشى تۇرۇش رولى بار.( بۇ ئېلېمېنتلار كۆپىنچە پىششىق ياكى خام سەي-كۆكتات،مېۋە-چىۋە،مېۋە سۈيى قاتارلىقلاردا كۆپ بولىدۇ) ئىمكان بولسا ۋىتامىن بىرىكمە تابلىتكىلىرىنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھەر خىل مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ تولۇق سۈمۈرۈلىشىگە ياردىمى بولىدۇ.بولسا كۈندە كەم دىگەندە تۆت قېتىم مېۋە ياكى كۆكتات يەپ بېرىش كېرەك.

    سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرمۇ ئاقسىل،ۋىتامىن ۋە كالتىسينىڭ مۇھىم مەنبەسى. كۈندە كەم دىگەندە ئىككى قېتىم سۈت،قايماق،سارماي ياكى قېتىق ئىستىمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

    چوقۇم قايناقسۇ ياكى قۇتىلىق سۇ ئىچىش لازىم. چۈنكى تۇرۇبا سۈيى ۋە قۇدۇق سۈيى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

    يۇقۇملانغۇچىلار كۆپىنچە تاماقتىن چىقىپ قالىدۇ ۋە قورسىقى ئاچقاننى ئانچە ھېس قىلمايدۇ. يۇقۇملانغۇچى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم تاماق يەپ بەرسە بەدەننىڭ يېتەرلىك ئۇزۇقلۇققا ئېرىشىشىگە پايدىسى بار. زەنجىۋىل چاي ياكى بەزىبىر مىللىيچە دورىلارنىڭ ئىشتىھانى ئېچىپ،ئاشقازاننى ياخشىلاشقا پايدىسى بار. زىيادە مايلىق ۋە ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن ساقلانسا، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىغا ياردىمى بار.

     پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئوبدان ساقلاش لازىم. يۇقۇملانغۇچى سوغۇق ساقلانمىغان ياكى پاكىزە بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يىيىشكە بولمايدۇ. تاماقنى ئائىلىسىدىكىلەر ياكى دوستلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يېيىشمۇ يۇقۇملانغۇچىنىڭ تاماقنى كۆڭۈللۈك ۋە ئىشتىھالىق يېيىشىگە ياردىمى بار. ( ئەگەر سىز دورا ئىچىۋاتقان بولسىڭىز)دورىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن تاماق يېيىش جەريانىدا تاماقتىن كۆڭلىڭىز ئاينىيدىغان، مەلۇم يېرىڭىز ئاغرىيدىغان ياكى تاماق باشقىچە تېتىيدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن. يېقىن ئادىمىڭىز بىلەن بىللە كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ تاماق يېسىڭىز بۇلارنى ئۇنتۇپ تاماقتىن بەھىرلىنەلەيسىز.

     

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.