ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-25

    يۇقۇملانغۇچىلار ساغلاملىقىنى قانداق ساقلاش كېرەك؟ - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35697797.html

    ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق ساغلاملىقنى قانداق ساقلىشى كېرەك ؟

    ياخشى دەم ئېلىش، ياخشى ئۇخلاش؛

    جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش، ئۆزىگە ۋە كەلگۈسىگەئىشەنچ تۇرغۇزۇش ؛

    بەدەن چېنىقتۇرۇپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش ؛

    ياخشى ھەم يېتەرلىك ئوزۇقلىنىش ؛

    ئەتراپتىكى ئىشەنچلىك كىشىلەرگە ئەھۋالنى ئېيتىپ، ياردىمىنى ئېلىش (ئۇلارنى دوختۇرخانىغا بىرگە ئېلىپ بارسىڭىز ئەيدىز كېسىلىنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تېخىمۇ چۈشىنەلەيدۇ )

    قەرەللىك ھالدا دوختۇرلارنى ئىزدەپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش .

    ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك ؛

    ئەگەر ئىمكان بولسا ئەيدىزنى چۈشىنىدىغان ۋە بۇ توغرىلىق ئەتراپلىق بىلىمى بار كەسىپ ئەھلىلىرى بىلەن پاراڭلىشىش، ، مەسلىھەت سوراش .

    سۆيگىنى، دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە مەدەت بېرىشىگە ئېرىشىش ؛

    ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا قارايدىغان( ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان) ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ياشايدىغانلار ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىشى ۋە ئۇ توغرۇلۇق مەسلىھەت سوراپ تۇرۇشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلسا، ئۇلار يۇقۇملانغۇچىلارنى قوبۇل قىلالايدۇ ھەمدە ئۇلارغا مەدەت بېرىپ غەمخورلۇق قىلالايدۇ .

    ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىدىن خەۋەر ئېلىش ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملىنىپ قالىدىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.ئەيدىز بىمارلىرى ئۆيىدە ئەڭ ياخشى داۋالىنالايدۇ .ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بىلەن بىللە تۇرۇپ، بىخەتەر ھېس قىلىدۇ، يالغۇزسىرىمايدۇ .

    ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ھېسداشلىققا باي كىشىلەر بىلەن ئۆز تەسىراتى ۋە كېسەل ئەھۋالى توغرىسىدا ئوچۇق –يورۇق پاراڭلىشىشقا مۇھتاج.

    ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ھەمىشە دېگۈدەك جىسمانىي جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈشكە مۇھتاج.

    ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردىن خەۋەر ئالغاندا، قاناش كۆرۈلسە، پەلەي كىيىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش كېرەك .

    ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئاغرىپ قالسا سالامەتلىك ئاسراش ئورۇنلىرىغا بېرىپ داۋالىنىشى ھەمدە خەۋەر ئېلىنىشى كېرەك .

    ئەيدىز بىمارلىرىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارنى دېزىنفىكسىيە بۇيۇملىرى ۋە دورىلار بىلەن تەمىنلەش كېرەك .

    ئۇلار يەنە سەھىيە خادىملىرىنىڭ دائىم يوقلاپ تۇرىشىغا ۋە پىسخىكا جەھەتتىن ياردەم بېرىشىگە مۇھتاج.

    ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى ئىمكانقەدەر ئەتراپلىق ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك ؛

    باشقىلارنىڭ كۈتۈشىگە مۇھتاج بولغان ئاغرىقلارغا تاماق يېگۈزۈپ قويۇش، ئەدەپكە ئېلىپ چىقىش، يۇيۇندۇرۇپ قويۇش ۋە كىرلىك يۆتكەپ بېرىش كېرەك .

    ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئىمكانقەدەر ئىشقا ئورۇنلىشىش  پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك .

    ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ بىلىشىنى خالىمايدىغان ئەھۋاللىرىنى مەخپىي تۇتۇش، دوختۇرغا بەرگەن ماتېرىياللارنىمۇ مەخپىي تۇتۇش كېرەك .

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.