ئەيدىز، زەھەرلىك چېكىملىك، جىنسى كېسەل ھەققىدىكى بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك ھەقسىز مۇلازىمەت ۋە قىزىل كرېست ساخاۋەت ئىشلىرى ئۇچۇرلىرى

ساخاۋەت

مۇلازىمەتلەر

ئەيدىز

مۇندەرىجە

  • 2009-02-25

    زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز - [ئەيدىز]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35699742.html

       دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىدا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولى بولۇپ قالدى، قايەردە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئەۋج ئالسا شۇ يەردە ئەيدىزمۇ تەڭلا يامراۋاتىدۇ. جۇڭگو بولۇپمۇ شىنجاڭ مانا شۇنىڭ تىپىك مىسالى. ئەمەلىيەتتەزەھەرلىك چېكىملىك چېكىش بىلەن ئەيدىز كېسىلى ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە مۇناسىۋەت بولمايدۇ ،تۈگۈن مەسىلە شۇكى، خەتەرلىك بولغان زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئۇسۇللىرى، يەنى زەھەرلىك چېكىملىكنى تومۇردىن ئۇكۇل قىلىپ ئۇرغۇچىلار ئىشپىرىس ياكى ئوكۇل يىڭنىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىروسىنى يۇقتۇرىۋېلىشى  مۇمكىن، چۈنكى كۆپلىگەن زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر زەھەرلىك چېكىملىكنى باشلىغاندىلا ئوكۇل قىلىشتىن باشلايدۇ، گەرچە يەنە بەزىلىرى باشقا خىل ئۇسۇلدا چېكىشنى باشلىسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپچىلىكى ئاخىرىغا بېرىپ ئوكۇل قىلىشقا ئۆتىدۇ. چۈنكى ئوكۇل قىلىش زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئۇسۇللىرى ئارىسىدىكى ئەڭ "ئىقتىسادچىل" ئۇسۇل، ئۇنىڭ ئۈستىگە " كەيپى تېز كۆرۈلىدۇ". ئۇنداقتا كۈنىگە يۈز سوملاپ خەجلەپ زەھەر سېتىۋالالىغان ئادەم ئاشۇ 5 موچەنلىك ئۇكۇلنى سېتىۋالالمىغانمىدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، مەسىلە شۇكى ئۇكۇلنى يېنىدا ئېلىپ يۈرسە ساقچى بىلسە تۇتىۋالىدۇ، ئېلىپ يۈرمىسە زەھەر تاپقاندا ئوكۇل يوق، ئامالسىز بىرەر بۇلۇڭ-پۇشقاقتىن تېپىۋالغان ياكى يېنىدىكى بىرەرسىنىڭ ئۇكۇلىنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، يەنە بەزىدە "بولاقنى" بىر نەچچىسى شېرىكلىشىپ ئالىدۇ  ۋە ئۇكۇلدىنمۇ تەڭ بەھىرلىنىدۇ. بۇلاردىنمۇ بەكرەك يامان بولغىنى بىز ئۇيغۇرلاردىكى مېھماندوستلۇق، ئاغىنە-بۇرادەرچىلىكنى ئەزىزلەشتەك ياخشى ئادەتنى زەھەرلىك چېكىملىككىمۇ ئۆزلەشتۈرۈپ، ھاراقنى بىر رومكىدا ئىچكەندەك، زەھەرنىمۇ بىر ئىشپىرىستا ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مەرتلىكىنى، ئاغىنىدارچىلىققا يارايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مانا بۇ مەن بىلگەن ئۇكۇلنى ئورتاق ئىشلىتىشنىڭ سەۋەبلىرى.

    دېمەك شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئارا جىنسىي ھەمراسى كۆپ بولۇش ۋە قالايمىقان جىننسى مۇناسىۋەت قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپرەك. ئايال زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرگە نىسبەتەن بولسا زەھەر چېكىدىغان پۇلنى تېپىش ئۈچۈن تېنىنى سېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە بۇ  جەريانىدا قوغدىنىشسىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۇزۇش ئارقىلىق ئەيدىز ۋە باشقا جىنسى كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇشىنى ۋە تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

    ئۇنداقتا، زەھەر چېكىش ئارقىلىق ئەيدىز يۇقتۇرىۋېلىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز ؟

    ²            ئالدى بىلەن زەھەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك ،چۇنكى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئادەمنى ئاسانلا خۇمار قىلىپ قويىدۇ، خۇمار بولۇپ قالسا، تاشلىماق ناھايىتى تەس .

    ²            ئەگەر زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغان بولسا، ئامال بار تاشلاشقا تىرىشىش كېرەك .

    ²            ئەگەر زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ ۋاقتىنچە تاشلىيالماي قالسا، ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مېتادون بىلەن داۋالاش تارماقلىرىغا بېرىپ داۋالانسا بولىدۇ.

    ²             ئەگەر زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ ۋاقتىنچە تاشلىيالمىسا ھەم مېتادون بىلەن داۋالالىنىشقا قولايسىز بولسا، زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ چېكىشتىن ساقلىنىش كېرەك .

    ²            ئەگەر زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ چېكىشتىن ساقلىنالمىسا ،ئۇنداقتا شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    ²            قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش لازىم.

     





ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.